پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 839|ئىنكاس: 21

ئىلچى خوتەن بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھۇررا شىنجاڭ !!!

280

تېما

12

دوست

4041

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9222
يازمىسى: 4041
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 357064
تۆھپە: 1451
ۋاقتى: 1190
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە مادرىد لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 13:03:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-8 08:36  

خوتەن ئىلچى كوماندىسى 2001-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ خوتەن ۋىلايىتىدكى پۇتبول سەۋىيىسىگە قارىغاندا  بىر قەدەر تارىخى ئۇزۇن ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ . ئىلچى كوماندىسى خوتەن شەھرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا مۇسابىقىلىرىدە ئۇدا يەتتە قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن .ھازىر ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ خوتەن پۇتبولچىلىقىنىڭ بۈشۈكى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە ...!  ھازىر خوتەن بىرلەشمىسگە قاتنىشىۋاتقان ئىلچى كوماندىسى دەل شۇ ئىلگىركى ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزالىرى بولۇپ ئۇلارنىڭ ھازىر ئوتتۇرچە يېشى 20 ياش ئەتراپىدا بۇ كوماندا خوتەن پۇتبولچىلىقىغا نىسبەتەن كەلگۈسى پارلاق دەپ قارالغان ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسى .


كوماندا بەلگىسى


1LIZ_H64IQCO601ZZG7[YXW.jpg



ئىلچى كوماندسى ئەزالار ئارخىۋى


كوماندا تېرىنىرى : دىلمۇرات ئابدۇجەلىل

ۋارتتا : نۇرمۇھەممەت
بېك : نۇرئەخمەت ، سەمەت ، مەتقاسىم ،
ئوتتۇرا مەيدان : ئابدۇجەلىك ، ئۇبۇل ، مەتتۇدى ،
ھۇجۇم : تۇسنىياز

ئىلچى كوماندىسى بۇ پەسىللىك خوتەن بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى .

YNLU919}4HPYH{1KYI@@JJE.jpg


ئىلچى كوماندىسى بۇ پەسىل ب  رايۇنغا بۆلۈنگەن بولۇپ ب رايۇندىكى 18 ئايلانما مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن . 4\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇدا چىمپىيون بولۇپ كىلىۋاتقان ئىخۋان كوماندىسىنى 1:0 نەتىجە بىلەن ئۇتۇۋېلىپ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىدى . يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شوخ كىنو تورى كوماندىسىنى 4:1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئوڭۇشلۇق كىرىپ كەتتى . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە خوتەن ۋىلايىتىدىكى كونا كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى بولغان ھېيتگاھ كوماندىسىنى 5:1 نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ بۇ پەسىللىك خوتەن پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى .
5FPR)%U13QJS[BV09PM@)(2.jpg

4SK`V1$DKR9D68W_2[(EJQP.jpg

CUKN]PUO]%_)2}R(IL498LE.jpg

K`NY[WYG`D6SUB5O~X_RMWO.jpg


ئىلچى كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى 18 ياشلىق نۇرمۇھەممەت بۇ پەسىللىك خوتەن پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .





ئىلچى كوماندىسىنىڭ بۇندىن ئىلگىرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ قىسقىچە ئارخىۋى



خوتەن ئىلچى كوماندىسى 2001-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان
بۇ كوماندىنىڭ ئەسلى قۇرغۇچىسى خوتەن شەھەرلىك ئىلچى باشلانغۇچ مەكتىۋى ، ئىلچى باشلانغۇچ مەكتىۋى بۇرۇندىن باشلاپ خوتەن شەھرىدىكى  باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىلىرىغا قارىغاندا پۇتبول سەۋىيىسى بىر قەدەر ياخشى بولغان كوماندا ئىدى.
باشلاشغۇچ مەكتەپ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول  مۇسابىقىلىرىنى چىڭ تۇتقاندا بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشى ئالاھىدە ياخشى بولۇدۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلىغاندا چۇقۇم شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولۇدۇ گەرچە باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىلىرىدا مۇنتىزىم مەشىق قىلىش پۇرسىتى بولمىسىمۇ بۇ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن زور تۈرتكە بولۇدۇ چۈنكى خەلقىمىزنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشى بىر قەدەر تۈۋەن بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم.
2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تەسىرى ۋىلايىتىمىز پۇتبولچىلىقىغا خېلى ياخشى بولدى خوتەن خەلقىنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشى بىر قەدەر ئاشتى شۇنىڭ بىلەن 2003-يىلىدىن باشلاپ خوتەن شەھرىدە باشلانغۇچ مەكەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلىدىغان پۇتبول مۇسابىقىسى يولغا قويۇلدى بۇ مۇسابىقىنى ھازىرغىچە ھەر يىلى 5-ئايدا ئۆتكۈزپ كىلىۋاتىدۇ.
ئىلچى كوماندىسى ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىدىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ تۇنجى نۆۋەتلىك خوتەن شەھرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن
پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى پۇتبولنى ياخشى ئوينايدىغان بالىلارنى يىغىپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت مەشىقلەندۇرۇپ قاتناشتۇرغان.
نەتىجىدە ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە چىمپىيون بولدى .
ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى2003-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك خوتەن شەھرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى تارتىۋالغاندىن كىيىن مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇ مۇسابىقىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى . 2004-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە ئىنتايىن ياخشى تەييالىق قىلدى چۈنكى ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ لوڭقىنى تاتقۇزۇپ قويغۇسى يوق ئىدى . ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 14تارماق مەكتىۋى بولۇپ مۇشۇ مەكتەپلەرنى ئۆز ئارا مۇسابىقەلەشتۈرۈپ ئىپادىسى ياخشى بولغان بالىلارنى تاللاپ 35كىشىلىك بىر كوماندا تەشكىللىدى كىيىن بۇلارنىڭ ئارىسىدىن شاللايدىغانلىرىنى شاللاپ مۇسابىقە باشلىنىش مەزگىلىگىچە 18نەپەر ئەزا نى تاللاپ چىقىپ بىرنەچچە ئاي دەرىستىن سىىرتقى مەشىققە سالغاندىن كىيىن 2-نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى.2004-يىلىدىكى ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنى ئۇغۇز چايلىرى شىركىتى قوللىغان ئىدى . ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ كۆك رەڭلىك كىيىمىنىڭ كەينىگە ئۇغۇز چايلىرى كوماندىسى دەپ بېسىلغان ئىدى بۇ قېتىملىق باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭمۇ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇدا ئىككى قېتىم چىمپىيون بۇلۇپ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى . شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ھازىر خوتەن بىرلەشمىسىدە توپ ئويناۋاتقان تۇسنىياز ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋاتتا بولۇپ باھالاندى ئۇنىڭ ۋاراتانىڭ ئۈستى تۆرىگىچىلىك ئىگىزلىكتە كەلگەن توپلارنى يەڭگىللىك بىلەن ئۆزىنى ئېتىپلا تۇتۇۋىلىشلىرى بارلىق تاماشىبىنلارنىڭ قىررۇ -چىررۇ قىلىپ ئۇنىڭغا مەدەت بىرىشكە ئۈندەيتتى. ھازىر بۇ بالا ۋارتتا بولمىسىمۇ مەيدان ئىچىنى ئىنتايىن ياخشى ئويناۋاتىدۇ ، ئۇنى ئىلچى كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ئەزالىرىنىڭ بىرى دىيىشكە بولۇدۇ. 2005-يىللىق خوتەن شەرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىسى ئۈمۈت باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئۆتكۈزۈلدى ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك مۇسابىقىمۇ مۇشۇ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى چۈنكى بۇ مەكتەپنىڭ پۇتبول مەيدانى چىرايلىق بولۇپلا قالماستىن شەھەرنىڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان ئىدى
مەكتەپ رىشاتكىسىدىن يولدىن ئۆتۈۋاتقانلارمۇ مۇسابىقىدىن خەۋەر تېپىپ مۇسابىقە كۆرگىلى كىرەتتى ھەتتا مەكتەپ مەيدانىغا پاتمىغان تاماشىبىنلار رىشاتكىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ مۇسابىقە كۆرەتتى.
ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ گۇرپا مۇسابىقىسىدە شورباغ باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقتىن گۇرپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقىپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كۈچلۈك دەپ قارالغان 5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى بىلەن ئوينىدى ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى ئەزالىرى كۈچلۈك مەدەت بىرىش ئاستىدا ئاخىرى بۇ كوماندىنى2:0مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يەنىلا شورباغ باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى بىلەن ئۇچرۇشۇپ بۇ كوماندىنىمۇ مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئۈچ قېتىم چىمپىيون بولۇدۇ . مەكتەپ رەھبەرلىرى ئىنتايىن خوشال بۇلۇپ مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسىغا تېخىمۇ ياخشى شاراھىتلارنى ھازىرلاپ بېرىدۇ . 2005-يىلىدىن باشلاپ بۇ مۇسابىقە خوتەن ۋىلايىتىدە ئەڭ قىززىيدىغان تاماشىبىنلارنى جەلىپ قىلىدىغان چوڭ تىپىكى مۇسابىقىگە ئايلىنىدۇ خوتەن خەلقىنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشىمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ.
2006-يىلىلىق مۇسابىقىدە ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى 2-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 2:1نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ تۆتىنچى قېتىم چىمپىيون بولۇدۇ . ئەينى ۋاقىتتىكى2-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ئىلچى باشلانغۇچ كوماندىسى مۇسابىقە ئاخىرلاشقىلى سەككىز مىنۇت قالغان ئەھۋال ئاستىدا بىر نۇمۇ كەينىدە قالغان ئىدى ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى ئارقىمۇ ئارقا ئىككى توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2:1گە ئۆزگەرتىدۇ
بۇنىڭدىن خوتەن شەھرىنىڭ رەھبەرلىرى ئىنتايىن مەمنۇن بولۇدۇ، چۈنكى بۇ كوماندا ئۇدا تۆت قېتىم چىمپىيون بولدى.
2007-يىلى بۇ مۇسابىقە ئاخىرى ئۈمۈت باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنىڭ سايىپخانلىقىدىن توختاپ گۇجانباغ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلىدۇ ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى بىلەن گۇجانباغ باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى بىر گۇرپىغا بۆلۈنىدۇ بۇگۇرۇپپىدا كۈچلۈك بولغان 2-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىمۇ بار ئىدى
بۇ گۇرپا ھالاكەت گۇرپىسى ئىدى ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى گۇجانباغ باشلانغۇچ كوماندىسىغا 1:0بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇدۇ، بىراق ھەر ئىككىلى كوماندا باشقا رەقىپلىرىبى مەغلۇپ قىلىپ گۇرپىدىن بىللە چىقىپ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغىچە كىلىدۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كۈچلۈك دەپ قارالغان سايىپخان كوماندىنى ئۇتۇپ
5-قېتىم چىمپىيون بولۇدۇ شۇنداقلا ئالتىچى قېتىملىق مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشىدۇ.
2008-يىلى بۇ مۇسابىقە ئىلچى دىيارىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ ئۇدا بەش قېتىم چىمپىيون بولغان ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى ئۈچۈن ئۆز مەيدانىدا چىمپىيونلۇقنى تارتقۇزۇپ قويۇش بەكمۇ ئېغىر كىلەتتى شۇڭلاشقا ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى پۇختا مەشىق قىلىدۇ دوسلۇق مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرۇدۇ
مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۈمۈت باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان دوسلۇق مۇسابىقىسى ئوينايدۇ ئۈمۈت باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىدا ئۈرۈمچى سۇڭچىڭلىڭ پۇتبولچىلىق مەكتىۋىنىڭ ئوقۇغۇچىسىدىن ئىككىسى بار ئىدى بۇنىڭ بىرى ئابدۇرسۇل ئىسىملىك بىر بالا بولۇپ ھازىر بۇ بالا ئىچكىردە مەشىقلىنىۋېتىپتۇ
يەنى بىرى خوتەن شەھرىدە نام چىقارغان كىچىك چولپان مالىك ئىدى. بۇ مۇسابىقىدە ئىلچى باشلانغۇچ كوماندىسى 1:0بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن رەسمى مۇسابىقە باشلىنىدۇ ، كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ھەر ئىككىلى كوماندا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىدۇ
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ، يۇقۇرى سەۋىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ مۇسابىقە ۋاقتى جەمى 60مىنۇت ئىدى مۇسابىقە باشلىنىپ 58مىنىۇر بولغۇچە توپ كىرمەيدۇ
ھەتتا ئىلچى كوماندىسىنىڭ تىيېنئىرى ئابلىكىم ئەپەندى ۋە ئىلچى كوماندىسىنىڭ بۇرۇنقى ئەزالىرىنىڭ كۆزلىرىدىن تارام - تارام ياش ئاقىدۇ .
ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىدىكى11-نۇمۇرلۇق تەنھەرىكەتچى يەنى كوماندا باشلىغى قاسىم ئۈمۈت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھۇجۇمچىسىنى باشقا مۇساپىيەچى ئەزالار توسالمىغانلىقى ئۈچۈن مۇداپىيەدە تۇرۇپ ئوينايدۇ ۋاقىت توشقىلى ئىككى مىنىۇت قالغاندا قاسىم ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى نۇرمۇھەممەتتىن توپنى ئۇنىڭ ئالدىغا باشلاشنى تەلەپ قىلدۇ ، توپنى ئۇنىڭ ئالدىغا باشلاپ بىرىدۇ قاسىم توپنى ئۆزۈنىڭ مەيدانىدىن ئېلىپ مېڭىپ قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسى ئالدىغىچە بەش ئەزانى ئالداپ ئۆتۈپ بۇ توپنى ئۇرۇدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىلچى خەلقى ئالەمچە خۇشاللىققا چۈمۈدۇ ، مۇسابىقە 1:0بىلەن ئاخىرلىشىپ
ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى ئۇدا ئالتە قېتىم چىمپىيون بۇلۇشتەك يۈكسەك نەتىجە يارىتىدۇ.
2009-يىلى لاسكۇيدا ئۆتكۈزۈلىدۇ بۇ قېتىم ئىلچى باشلانغۇچ كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچتا گۇجانباغ باشلانغۇچ مەكتىۋىگە 1:0بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ 3-لىكنى تالىشىدىغان مۇسابىقىدە ئۈمۈت باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۈچۈنچىلىككە ئېرىشىدۇ
2010-يىلى8-قېتىملىقى شورباغ باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ ئىلچى باشلانغۇچ كوماندىسى شورباغ باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە
1:0بىلەن ئۇتۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىدۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيون لاسكوي باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىدىن ئىككى توپ ئىستىمال قىلىۋالىدۇ ، كىيىن ئارقىمۇ - ئارقا ئىككى توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىدۇ ، نۇقتا توپ جېڭىمۇ باشلىنىدۇ نۇقتا توپ جېڭىدە ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى ئۇتۇپ 7-قېتىملىق چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
2011-يىلى يۇرۇڭقاش باشلانغۇچ مەكتەپتە 9-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ بۇ قېتىم ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىرقەدەر تۈۋەن بولۇپ ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى 5-لىككە ئېرىشىدۇ .5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى چىمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ. لاسكۇي 2-لىككە گۇجانباغ 3-لىككە ئۈمۈت 4-لىككە ئېرىشىدۇ
2012-يىللىق مۇسابىقىنىڭ سايىپخانلىقى توساللا باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىغا تەۋە بولۇدۇ .  بۇنىڭدىن ئىلگىرى خوتەن شەھرىدە باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا پۇتبول مۇسابىقىسىلا ئۆتكۈزۈلەتتى 2011-يىلىدىن باشلاپ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئارا پۇتبول مۇسابىقىسىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.
بۇ قېتىملىق تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىملىقى ئىدى . تۇنجى قېتىملىق باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە يۇرۇڭقاش ئوتتۇرا مەكتىۋىدە ئۆتكۈزۈلدى مۇسابىقە جەريانى ئىنتايىن ياخشى بولدى ئىلچى يېزىسىنىڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ نامى
4-ئوتتۇرا مەكتەپ ئىدى.
تۆت كۈچلۈككە 4-ئوتتۇرا مەكتەپ ،3-ئوتتۇرا مەكتەپ ، شورباغ  ئوتتۇرا مەكتەپ ، سايىپخان يۇرۇڭقاش ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىلىرى كىردى
4-ئوتتۇر مەكتەپ كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچتا شورباغ ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىغا 4:3بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇدۇ 3-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە يۇرۇڭقاش ئوتتۇرامەكتەپ كوماندىسىنى1:0بىلەن ئۇتۇپ 3-لىككە ئېرىشىدۇ. مۇسابىقىدە شورباغ ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى چىمپىيون بولۇدۇ 3-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى2-لىككە ئېرىشىدۇ . ھازىرقى خوتەن بىرلەشمىسىدىكى كوماندا ئەزالىرى دەل مۇشۇ ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىدىن يىتىشىپ چىققان بالىلار بۇ بالىلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ ئىلچى كوماندىسى 2009-يىلى بىر مۇسابىقە ئويۇشتۇرۇدۇ مۇسابىقىگە لوپ ناھىيەسى كوماندىسى ھېيتگاھ كوماندىسى، قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار قاتناشقاچقا ئىلچى كوماندىسى نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قالىدۇ چۈنكى مۇسابىقىگە ياش چەكلىمىسى قويۇلمىغان ئىدى . ئىلچى كوماندىسىنىڭ بالىلىرى ئەمدىلا 18ياشقا كىرەي دىگەن بالىلار ئىدى ئەڭ چوڭى 19ياش ئەتراپىدا ئىدى.
ئەمدى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىلچى كوماندىسى خوتەن بىرلەشمىسىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىۋاتىدۇ كوماندا ئەزالىرىنىڭ يېشى تېخى كىچىك بولۇپ ئەڭ چوڭىمۇ 22ياشقا كىرمىگەن بالىلاردىن تەشكىللەنگەن ئىلچى كوماندىسى بىر پەسىللىك مۇسابىقىدە 3-لىككە ئېرىشتى .
3-قېتىملىق خوتەن بىرلەشمىسىدە 2-لىككە ئېرىشىدۇ 4-قېتىملىق خوتەن بىرلەشمىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىلچى كوماندىسى تارىخدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى .

شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئەزىمەتلەر ھۇررا !!!

ئامان بول قوماندان!

136

تېما

3

دوست

4422

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  6817
يازمىسى: 4422
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 9250778
تۆھپە: 922
ۋاقتى: 1602
h
ھالەت

مانچىستىر لۈكچىكى يازما يوللاش ئۇستىسى مۇنبەر قىززىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 13:19:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ يارىشىپتۇ بوينۇڭلاردىكى مادرىتنىڭ ئالتۇن مىدالى


مۇئاش، تەمىنات قانچىلىك... مۇكاپاتلانغان ئەزاغا قانچە سوم مۇكاپات بىرلىدۇ.... ئانچە مۇنچە پۇل بادۇ؟

ھۇررا شىنجاڭ !!!

280

تېما

12

دوست

4041

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9222
يازمىسى: 4041
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 357064
تۆھپە: 1451
ۋاقتى: 1190
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە مادرىد لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 13:24:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-8 02:39  
زەرەپشان يوللىغان ۋاقتى  2013-4-7 22:19
ھەجەپ يارىشىپتۇ بوينۇڭلاردىكى مادرىتنىڭ ئالتۇن مىدال ...


رەھمەت

ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسى بولغاچقا مۇئاش تەمىنات يوق  لىكىن بىرلەشمىدىكى ياخشى كوماندىلار  ھەر پەسىل 10 مىڭ يۈۋەن ئەتراپىدا تىجارەتچى ، كارخانىچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتىدۇ . ئىخۋان كوماندىسى ئىلچى ، ھېيتگاھ كوماندىسى ، ئەزىمەتلەر كۇلۇبى قاتارلىق كوماندىلارنىڭ ئاساسى جەھەتتىن بارلىق مۇسابىقە خىراجەتلىرى قوللۇغۇچىلار تەرىپىدىن چىقىرىلىدۇ .

نەدىكى مۇئاشكەن ئۇ ئەسلى بالىم شېركىتى خېلى كۆپ مۇكاپاتنىڭ گېپىنى قىلغان لىكىن بىرلەشمە تەرەپ سۈيلىمىدۇق ئۇلارمۇ بەرمىدى   لىكىن ئۇلارنىڭ مۇشۇنچىلىك قوللىغىنىمۇ ياخشى بولدى . لىكىن يىڭى پەسىلنى قوللۇغۇچى ئورۇنلار كۆپ ھازىر تالاشتا قالدى قايسى كۆپرەك مەبلەغ چىقارسا شۇنىڭ بولۇپ كىتەمىكى
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئەزىمەتلەر ھۇررا !!!

ھۇررا شىنجاڭ !!!

280

تېما

12

دوست

4041

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9222
يازمىسى: 4041
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 357064
تۆھپە: 1451
ۋاقتى: 1190
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە مادرىد لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 13:29:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەرەپشان يوللىغان ۋاقتى  2013-4-7 22:19
ھەجەپ يارىشىپتۇ بوينۇڭلاردىكى مادرىتنىڭ ئالتۇن مىدال ...

مىدال مادرىدنىڭ مىدالى ئەمەس ، باشقا كوماندىنىڭمۇ ئەمەس رەسىم سۈزۈك بولمىغاچقا ئىنىق چىقماي قاپتۇ
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئەزىمەتلەر ھۇررا !!!

پۇتبول مەستانىس

5

تېما

0

دوست

150

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  1135
يازمىسى: 150
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50322
تۆھپە: 95
ۋاقتى: 48
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 14:12:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام!


مۇبارەك بولسۇن!

خوتەن بىرلەشمىسىنىڭ ئاخىرى نەتىجىسى چىقىپتۇ دە . مۇشۇ تېمىنى بولسىمۇ جەۋھەرلەپ قويسا بولاتتى. ھېلىمۇ دىلمۇرات نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ كىلىۋاتىدۇ!

ئاكاڭ كىمتى ؟؟؟؟

152

تېما

2

دوست

4916

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8401
يازمىسى: 4916
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 53487
تۆھپە: 1143
ۋاقتى: 2328
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 14:43:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ ،،مۇبارەك بولسۇن   ،،،،خوتەن پۇتبولچىلغى تېخمۇ تەرەقى قىلسۇن    ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،   بەك ياخشى ئىش بولدى دىلمۇراتقا نسپەتەن خوتەن بىرلەشمىسى خەۋەرلىرنى يوللاش ،،،،،لكىن رونالدونىڭ خەۋىرنى توختىپ قويۋاتسلە ،،،
چۆپچى ئادەم شالتاق يالسىمۇ ،گۆش پۇرغاندەك خوش بولدۇ:

6

تېما

0

دوست

301

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7632
يازمىسى: 301
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50489
تۆھپە: 254
ۋاقتى: 392
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 14:48:18 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلچى كۇماندىسىنى تەبىرىكلەيمەن  

ياۋروپا زومىگىرى خانلىق مادىرى

12

تېما

9

دوست

1335

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12370
يازمىسى: 1335
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 3052785
تۆھپە: 1489
ۋاقتى: 346
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 15:38:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېمپىئون يوللىغان ۋاقتى  2013-4-8 14:43
ياخشى بوپتۇ ،،مۇبارەك بولسۇن   ،،،،خوتەن پۇتبولچىلغى ت ...

رۇنالدونىڭ خەۋرىنى يوللىسا   پاختىنىڭ ئارسىغا بومبا يۆگەپ ئاتقانغا ئوخشاش ئوغاقتەك تۇز گەپ قىلساڭلار يوللىغىسىمۇ كەلمەس بۇلۇپ قالغاندۇ  گۇئەنجۇن پاينەك

ئەر مالاي ئايال مالاي

10

تېما

0

دوست

1116

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9885
يازمىسى: 1116
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 53855
تۆھپە: 1015
ۋاقتى: 217
h
ھالەت

مانچىستىر لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 16:07:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ،
مالسىزلىقتىن ئاڭسىزلىق يامان

مەن پۇتبولنى سۆيىمەن

401

تېما

28

دوست

4486

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  3416
يازمىسى: 4486
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 750002
تۆھپە: 1434
ۋاقتى: 2455
h
ھالەت

2 - لىك لوڭقىسى ئىجاتچان ئەزا بايرىن لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 16:21:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر كوماندىسىچۇ؟

چۇقۇم ئۇتۇپ كىتىمەن !~!~!

10

تېما

1

دوست

694

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12009
يازمىسى: 694
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50315
تۆھپە: 708
ۋاقتى: 73
h
ھالەت

ئارسىنال لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 16:21:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ  ئۇستىدىكى رەسىمنىڭ ئوڭ  تەرەپتىكىسى مالىيە -ئىقتىساد ئونۋىرىستىنى پۇتتۇرگە  بالا  شۇغۇ ...


  ئۇ سىلەرنىڭ تېرنېر ما ؟؟  مەكتەپتىمۇ توپنى ياخشى تىپەتتى ..
ئاخرىلاشمايدىغان سورۇن يوق ....................

7

تېما

0

دوست

501

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12425
يازمىسى: 501
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 52885
تۆھپە: 522
ۋاقتى: 199
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 16:21:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )