ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 455 |
تۆھپىسى: سەر |
|
دىيارىمىز ۋاقتى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن ، بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى مېھمان مەيداندا بولىۋىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان خەلقئارالىق دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينىدى .مۇسابىقە باشتىن -ئاخىر بەك كەسكىن بولدى .ھەر ئىككىلا تەرەپ ئۆزىنىڭ ئەڭ داڭدار ماھىرلىرىنى مەيدانغا چىقاردى .90 مىنۇتلۇق كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن ،بىرازىلىيە كوماندىسى 4 : 0 نەتىجە بىلەن بولىۋىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى .بىرازىلىيىنىڭ ئۈمىدى نېيمار ئىككى توپ ئۇردى .دامىئائو ۋە لېناردولار بىردىن توپ ئۇردى .يېقىندا دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلغان رونالدىنخو كاپىتانلىق سالاھىيىتىدە مەيدانغا چىقىپ ، مۇسابىقە جەريانىدا بىر پاس بەردى .
ئىگىلىنىشچە ، بۇ بىر خەير-ساخاۋەت مۇسابىقىسىگە تەۋە بولۇپ ،بۇ مۇسابىقىدىكى بارلىق بېلەت كىرىم ،يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان جەنۇبى ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقە جەريانىدا ،ئويلىمىغان يەردىن باش قىسمى ئېغىر يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن 14 ياشلىق بولۋىيىلىك بىر بالىنىڭ ئائىلىسىگە ئىئانە قىلىنىدىكەن .
|
|