ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1279 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بالوتېلى ئىنتىردىكى دەسلەپتىكى ۋاقتىدا ۋاقتىدا مائاشى تۆۋەن بولغاچقا ئانچە مۇنچە ئۇششاق نەرسە سېتىپ پۇل تاپىدىكەن،بىر كۈنە ئىنتىر كۇلۇبىدىكىلەر مېھمان ھالەتتە مۇسابىقىلەشكىلى ئاپتۇبۇستا كېتىپ بارسا بالوتېلى سەبداشلارغا مەھسۇلات تۇنۇشتۇرۇپ ئارام بەرمەپتۇ
- ماترازى ئاكا،مەيدەڭ ئۆتكەندە زىدانى ئۈسىۋىتىپ ساقىيىپ بولالمىدى،شۇڭا سەندە ھازىر ۋىتامىن B بەك كەم،ما ساغلاملىق دورىسىنى يېسەڭ ۋىتامىن B نى تولۇقلاپ تېزلا ياخشى بوپ كېتىسەن!
- ياق بولدى مەن ياخشى بوپ قالدىم
-زانىتى ئاكا،سەن ياشقا چوڭ بوپ قالدىڭ،ۋىتامىن A كەم،ما دورىنى يېسەڭ ۋىتامىن A نى تولۇقلاپ كۈچ-ماغدۇرغا كىرىسەن!
-ياق بولدى،مىنىڭ دورام با
-سىنىيدېر،سەندە ۋىتامىن C كەم،شۇڭا بۇيۇڭ ئۆسمىگەن،ما دورىنى يېسەڭ ۋىتامىن C نى تولۇقلاپ بىر ئايدىلا ئۆسۈپ كېتىسەن!
-بولدى ،ئالمايمەن!
بۇ ئىشلاردىن قۇيقى چىچى تىك بولغان مۇرىنىئو ئاخىرى تاقىتى تاق بولۇپ ۋاقىراپتۇ:
- ھەي بالوتېلى،ھەجەب جىم ئولتۇرالماي كەتتىڭ،سەندە ۋىتامىن غ بىلەن ۋىتامىن ت بەك كەمكەن، بۇ ئىككىسىنى قوشۇپ جىقىراق يەپ بەرسەڭ ئاپتۇبۇستا قىسىپ جىم ئولتۇردىغان بولىسىەن!
چاپىنىڭنى كىيىپ كەل!
بېنزىما پات-پات بىللە تاماق يېگەن باھاننىدا سەبداشلىرىنى قۇيىدىكەن،بىر كۈنى مەشىقتىن قايتىپ رونالدۇغا :
-ئاداش،تاماق يېمەمدۇق -دەپتۇ
رونالدۇ: ھە ،يەيلى -دەپتۇ
بىراق تاماقنى يەپ بولغاندا بېنزىما تۇيۇقسىز:ئاپلا ،پورتمالىم چاپىنىمنىڭ يانچۇقىدا قاپتۇ -،دەپتۇ
رونالدۇ: ھىچقىسى يوق ئادەش،مەن تۆلىۋىتىمەن -،دەپتۇ
ئەتىسى مەشىقتىن قايتىپ بېنزىما يەنە رونالدۇغا :
-ئاداش،تاماق يېمەمدۇق -دەپتۇ
رونالدۇ: ھە ،يەيلى -دەپتۇ
بىراق تاماقنى يەپ بولغاندا بېنزىما يەنە :ئاپلا ،پورتمالىم چاپىنىمنىڭ يانچۇقىدا قاپتۇ -،دەپتۇ
رونالدۇ سەل قورسىقى كۆپكەن بولسىمۇ بىراق چاندۇرماي: ھىچقىسى يوق ئادەش،مەن تۆلىۋىتىمەن -،دەپتۇ
ئەتىسى مەشىقتىن قايتىپ بېنزىما يەنە رونالدۇغا : ئاداش،تاماق يېمەمدۇق -دەپتىكەن،رونالدۇ شۇئانلا:
-ماڭ ،بىرىپ چاپىنىڭنى كىيۋال!
رەھبەرمۇ ئالمىشامدۇ؟
بىرنەچچە دۆلەتنىڭ پۇتپۇلچىلىرى بىللە سامارۋاي شورپىسى يەپ ئۆز دۆلىتىنىڭ رەھبەر سايلىمى توغۇرسىدا پاراڭلىشىپ قاپتۇ،
ئامېرىكا چولپىنى دونۇۋان:- ئاغېنلەر،مەن ئەتىگەن بىلەت تاشلىسام كەچتە كىمنىڭ ئەلبىشى(زوڭتۇڭ) بولغانلىقىنى بىلەلەيمەن
جوڭگۇ ماھىرى جېڭجى:- بىز بىلەت تاشلاپ ئاۋارە بولمايمىز،مەن بەش يىل ئىلگىرىلا كىينكى رەئىسنىڭ كىملىكىنى بىلەتتىم
چاۋشىيەننىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا بىر يىغلاپ نام چىقارغان چولپىنى كىم داسۇن:- مەن ئېسىمنى بىلگەندىن باشلاپ كىينكى رەئىسنىڭ كىملىكىنى بىلەتتىم
مانچېستىردىكى ناكامۇرا:-كاساپەت،مەن دائىم بىلەت تاشلايمەنۇ،بىراق كىمنىڭ باش ۋەزىر ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولالمىدىم!
ئارشاۋىن گەپ ئىلىپ:-بىزنىڭ ئەلبىشىمىز ھېرىپ كەتكەندە باش مىنىستىر،باش مىنىستىر ھېرىپ كەتكەندە ئەلبىشى بولىۋالىدۇ
كۇبالىق بىر پۇتپولچى ھەيران بولۇپ سوراپتۇ:-ئاكىلار،رەھبەرمۇ ئالمىشامدۇ؟
|
|