- تىزىملاتقان
- 2012-4-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 477
- نادىر
- 0
- يازما
- 477
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەخىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-7 10:33
مىسسى ،ۋىللالار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، مالۇركا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە فابرىگاس باسانىڭ ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى ئورنىدا مۇسابقىگە چىقتى .
مىسسىغا سىلىشتۇرغاندا فابرىگاسنىڭ يەكمۇ -يەك بىسىپ كىرىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى بىسىپ كىرىش ئىقتىدارى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇ بىر مەيدان ‹‹ مىسسى دەرىجىلىك ›› ئىسىل مۇسابىقىنى تەقدىم ئەتتى . بۇگۈنكى نوكەمپۇ مەيدانىدا فابرىگاس كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى قالپاق ئويىنى ئوينىدى . مۇسابىقىدىن كىيىنكى باھالاشتا ‹‹ كۈندىلىك تەنتەربىيە گىزىتى ›› ئۇنىڭغا 9 نومۇر بەردى .
بۇ فابرىگاسنىڭ تۇنجى قىتىم يالغان ئوتتۇرا ھۇجۇم ئوينىشى ئەمەس ، بىراق مىسسى بار ۋاقىتتا ئۇ بۈرگىگە بوشلۇق يارتىپ بىرىشى كىرەك ، ئۇ كوللىكتىپ ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ كەلدى . مىسسىنىڭ يارلىنىشى فابرىگاسقا ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردى . 19 مىنۇت بولغاندا سانچىس ئىككىسى شۇنداق ياخشى ھەمكەرلىشىپ بىر توپ كىرگۈزدى ، 2 مىنۇتتىن كىيىن ئۇ يەنە بىرتوپ ئۇرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتى بۇ توپنى ئاۋاتى توسۇپ چىقىرىۋەتتى ، سانچىس ئۇ توپنى قۇرۇق ۋارتارغا ئۇرۇپ نومۇر ئالدى .
كىيىنكى يىرىم مەيداندا كىرگەن توپ بىلەن فابرىگاس ئىككى رىكورت ياراتتى . ئۇ كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى قالپاقنى كىيدى ، مەيلى ئارسىنال ياكى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ئۇ قالپاق كىيىپ باقمىغان ئىدى . ھەم 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدە كەيتا قالپاق كەيگەندىن كىيىنكى باسادا مىسسىدىن كىيىن قالپاق كەيگەن يەنە بىر توپچى بولۇپ قالدى . ‹‹ بىز ھەممىمىز ئۇنىڭ بۇ ئورۇننى ياخشى تىپەلەيدىغانلىقىنى بىلىمىز ، ئۇ دۆلەت كوماندىسىدىمۇ بۇ ئورۇننى تىپەتتى .›› مۇسابقىدىن كىيىن لورا فابرىگاسقا باھا بىرىپ ،‹‹ مىسسىنىڭ بولماسلىقى كوماندىغا ھەقىقەتەن تەسىر ئىلىپ كەلدى ، بىراق توپچىلار بىزگە كوللىكتىپنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ قويدى .››
فابرېگاسنىڭ ئەڭ زور ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ھۇجۇم خارەكتىرلىك ئورۇنغا قويۇش كىرەك ، ئەمدى بىلانوۋا كەلدى ، مىسسى بىلەن فابرىگاسنى قايسى ئورۇنغا قويۇش ئەمدى ئۇنىڭ ئىشى ..
ينە بىر چوڭ خۇشخەۋەر ئابىدال قايتىپ كەلدى ..
|
|