akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 721|ئىنكاس: 34

مۇنبەر كوماندىسى قۇرۇش پىلانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى،كەمىنە پارلاقتىن ھەر قايسى ئوت مەستانىلەرگە سالام ! ئەمدى گەپكە كەلسەك ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى ئىللىشقا باشلىدى،جاھانمۇ يېشىللىققا پۈركىنىشكە باشلىدى،شۇ ۋەجىدىن بىزمۇ بۈگۈن بۇ يىللىق شەنبە پائالىيەتلىرىمىزنى دەسلەپ قىلىۋالدۇق،كەلگەن ئەزالىرىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى ئاز بولسىمۇ دەسلىپىنى قىلىۋالغىنىمىزدىن خۇشالمىز،رىزقىمىزنى بېرىپ قالسا كېلەر قېتىملاردىن باشلاپ تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

   خوش،ئالدىنقى يىللاردا مۇنبەردىكى ئەلبارىس،ئەسلىمە،مەن قاتارلىقلارنىڭ كونا مۇنبەر تۆھپىكارلىرى بولغان شەمشاد،بۇغرا،زەپەر،سوككېر قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرمەي يەنە شۇلارنىڭ يول كۆرسىتىشى،ياردىمى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى مۇنبەردىكى ئەزالارنى يىغىپ ئاز بولمىغان يىغىلىشلارنى قىلدۇق،ئانچە بەك كەسپىي بولمىسىمۇ ئاددىغىنە كوماندىدىن بىرنى قۇرۇپ بەش-ئالتە مەيدان مۇسابىقە ئويناپمۇ قويدۇق،ئاشۇ بىر يىل مانا ھەش پەش دىگۈچە ئۆتۈپمۇ كەتتى،ئاز بولمىغان ئەسلىمىلەرنى ئۆزىمىزگە سىڭدۈرۈۋالدۇق،بودەك ئەلبارىسنىڭ پۈتتۈرۈش يىلىنىمۇ ياخشى قىلىپ بەردۇق ... مانا بۇلتۇر بىر يىلمۇ ئاخىرلىشىپ بىزنىڭ يەنە قايتىدىن يىغىلىشىپ تۇرۇشىمىزغا يوللار ئېچىلىپ تۇرماقتا.ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك،داۋاملىق شەنبە كۈنى يىغىلىپ ئۆز ئارا توپ ئويناۋەرمەي،سەل كەسپىرەك بولغان كوماندىدىن بىرنى قۇرۇۋالساق،كىيىم دىگەندەكلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بىزمۇ ئانچە مۇنچە باشقىلار بىلەن مۇسابىقە ئويناپ باقساق دىگەن ئۈمۈددىمەن.ئۈرۈمچى بىرلەشمىسى قاتارلىقلارغا قاتناشمىساقمۇ،ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان 7 كىشىلىك بولسۇن ، مەيلى 5 كىشىلىك بولسۇن مۇسابىقلار بار،رەپىق،قاراخان مەيدانلىرىدىمۇ بىرلەشمە مۇسابىقلار ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ.ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىرىغان گېزىتخانا لوڭقىسى دەپ مۇسابىقلارمۇ بار.بىزنى قاتنىشامدىكىن دەپ مۇنبەرگىمۇ ھەر يىلى شۇ مۇسابىقنىڭ خەۋىرىنى بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ.شۇڭلاشقا بىز بۇنداق بىر يولدا مېڭىۋەرمەي،بايام دىگەندەك بەك ئالدىراپ كەتمىگەن ھالەتتە سەل كەسپىرەك بولغان كوماندىدىن بىرنى قۇرۇۋېلىپ بىر شەنبە مەشىق قىلساق،بىر شەنبە مۇسابىقە ئويناپ ئۆزىمىزنى چېنىقتۇرۇپ تۇرساق،مۇسابىقلار بولسا كەينىمىزگە يانماي تىزىملىتىپ ئۆزىمىزنىڭ بارلىقىنىمۇ باشقىلارغا تونۇتۇپ تۇرساق دىگەن ئۈمۈددىمەن.ئەمدى مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ ئىنكاسى قانداراق بولىدۇ،كونا تۆھپىكارلارنىڭ ئىنكاسلىرى قانداراق بولىدۇ شۇنى بىر كۆرۈپ باقساق.ئۈرۈمچىدىمۇ ئەزالىرىمىز ئاز ئەمەس،ھەر ياخشى ئوينايدىغان ئەزالىرىمىزمۇ بار.شۇلارنىڭمۇ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ بۇ پائالىيەتلىرىمىزگە ئاكتىپ قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن زادى بىر مۇقىم كوماندا بولمىسا بولمايدۇ.ئۆمرىمىزنى بېرىپ قۇرۇپ قالىدىغان ئىشلار بولسا شۇ ۋاقىتتا ئايرىپ تېما يېزىپ تىزىملاشنى باشلايمەن.قېنى سىلەر قانداق قارايىسىلەركىن ؟!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-6 21:19:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىلان ناھايتى ياخشى بوپتۇ ، ئەينى ۋاقىتتا بىز ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمزدا بۇنداق پۇرسەت يوق ئىدى ، شۇڭا ھازىر ئوقۇۋاتقان باللارنىڭ كىيىنلىكىگە مۇشۇنداق ياخشى ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن بولسىمۇ تىرىشىپ بىقىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن ، بىز ئەسلەيلى دىسەكمۇ ئۇنداق ئەسلىمە بولمىغاندىكىن ھازىر ھەۋەس بىلەنلا قاراپ قالدىكەنمىز ، ھەۋەسدىن ئەسلىمە ياخشى دەپتىكەن ، شۇڭا ئۈرۈمچىدىكى شارائىتى بارلار قوللاپ قاتنىشىپ بىقىڭلار كىيىنچە چوقۇم پۇشايمان قىلمايسىلە !!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-6 21:26:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-6 21:27:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ ،،،،ئاپتونومدىكى پۇتبول تېخنىكىسى ياخشى باللار  بولسا كوماندىغا تىزملىتڭلا ،،، دوناجان ئابدان پىكىر بېرىپتۇ ،،ئىشلىرڭلا ئوڭغا تارتسۇن ،،   ئاپتونومغا بارغاندا مۇسابىقەڭلەرنى كۆرۈپ چاۋاك دېگەننى چېلۋىتمەن ،،ۋارقىراپ تۇرۇپ ،،تاماشىبىن  قاتارىدا ئوتتۇراپ ،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-6 21:28:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىلان بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-6 21:37:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-6 21:46:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ قاتناشسام بۇلاتتى ئەمما يېشىمنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ تېخنىكام چىكىنىپ كەتتى مەن تۇرۇپ تۇراي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-6 21:55:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر ئاپتۇنۇمغا بارغاندا مۇسابىقە ئويناپ قالساڭلار يان رىپىر بۇلۇپ بىرىمەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-6 22:42:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاداش مەن با   يەنە ئابرالمۇ بار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-6 22:42:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى پىكىر بوپتۇ مانا مەن قوللايمەن. گەرچە ئۈرۈمچىدە بولمىساممۇ ئاللا خالىسا قولۇمدىن كىلىشچە ياردەمدە بولىمەن. ماۋۇ ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان مۇنبەرداشلار ۋە ئۈرۈمچىلىك مۇنبەرداشلار ماۋۇ ئىشقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇڭلار، جايلاردىكى مۇنبەرداشلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ قولۇمىزدىن كىلىشچە ياردەم قىلىمىز. بولسا كوماندا قۇرۋالايلى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-6 22:48:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۇلۇب تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-6 23:45  

مەن خوتەندىن بولمىسا قاتنىشاتتىم....ئاپتونۇمدا بولغان بولسام لفىت شەكىللىك ماڭغان توپلۇرۇمنى كاللا توپلۇرۇمنى......يىراقتىن ئۇرغان توپلۇرۇم بىلەن كۈزىڭلارنى ئېچىپ قۇياتتىم ئاشۇ پۇرسەتمۇ بۇپ قالا ئاللا خالىسا.........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-4-6 22:53:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۇۈرۈمچىگە قايتقاندا ھە-ھۇ دىيشەمەن مەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 16:37

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش