- تىزىملاتقان
- 2008-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4490
- نادىر
- 1
- يازما
- 4490
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lahm16 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-3 16:07
بۈگۈن سەھەردەئېلىپ بېرىلغان ياۋرۇپا چىمپىئونلۇق بىرلەشمىسى 4\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 1-ئايلانمىسىدا بايرىن مىيۇنخىن ئۆز مەيدانىدا 2-0 نەتىجە يۇۋىنتۇس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 27سىكونت بولغاندا توپ ئۇرۇپ ياۋرۇپا چىمپىئونلوق بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ تېز سۈرئەتتە توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى ياراتتى.
ياۋرۇپا چىمپىئونلۇق بىرلەشمە تارىخىدىكى 10چوڭ چاقماق توپلار
1.ماكەي 10.02 سىكونت
2007-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 8\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ1-ئايلانمىسىدا بايرىن مىيۇنخىن ئۆز مەيدانىدا خانلىق مادىرىد كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ. تۈنجى توپنى مادىرىد كوماندىسى باشلىغان بولۇپ ئويلىمىغان يەردىن مۇداپىئەدە خاتالىق كۆرۈلۈپ ماكەي ئەڭ تېز سۈرئەتتە توپنى كىرگۈزىدۇ. 10.02 سىكونتلوق نەتىجە ياۋرۇپا چىمپىئونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ تېز كىرگەن توپ رىكورتىنى يارىتىدۇ.
2.خونېس 10.60 سىكونت
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋالۇنسىيە ئۆز مەيدانىدا لىۋىركۇسىن كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ. ۋالۇنسىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى خونېس مۇسابىقە باشلىنىپ قارشى تەرەپ ۋاراتارىنىڭ بىخەستىلىك تۈپەيلىدىن 10.60 سىكونتلوق ئەڭ تېز سۈرئەتلىك توپ كىرگۈزىدۇ. بۇ نەتىجىدىن كىيىن 2007-يىلى ماكەي ياراتقان 10.02 سىكونتىڭ پەرقى 0.48 سىكونت بولغان.
3.جېربوت -سىلدوۋا 20.07سىكونت
2002-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ياراتقان.
4. دېل پىيرو 20.12 سىكونت
1997-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى كونا كۈچلۈك رەقىبلەر يۇۋىنتۇس بىلەن مانچسىتىربىرلەشمىسى تۇتۇشىدۇ. مۇسابىقە باشلىنىپ 20.12 سىكونت بولغاندا يۇۋىنتۇس كوماندىسىدىكى پېرلو تېز سۈرئەتلىك توپ كىرگۈزىدۇ. گەرچە بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پېرلو ئەڭ تېز سۈرئەتلىك توپ كىرگۈزۈگەن بولسىمۇ ئەمما ئاخىرىدا رەقىبىگە 3-2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ.
5.شىدۇف 21.06 سىكونت
2005-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى AC مىلان بىلەن شالىك04نىڭ مۇسابىقىسىدە مۇسابىقە باشلىنىپ 21.06 سىكونت بولغاندا شىدۇف 25مېتىرلىق ئارلىقتىن توپنى كىرگۈزىدۇ.
6.پاتۇ 24سىكونت
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 1-ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە AC مىلان ئۆزمەيدانىدا بارسىلونا بىلەن تۇتۇشىدۇ. مۇسابىقە باشلىنىپ 24سىكونت بولغاندا پاتو ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن كۈچلۈك رەقىبىنىڭ ۋاراتارىغا توپ كىرگۈزىدۇ.
7.ئالابا 25سىكونت
بۈگۈن سەھەردەئېلىپ بېرىلغان بايرىن بىلەن يۇۋىنتۇسنىڭ 4\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 1-ئايلانمىسىدا مۇسابىقە باشلىنىپ 27سىكونت بولغاندا ئۆسمۈر ئالابا دۇنيادىكى داڭلىق ۋارتار بۇفىنىڭ قاپقىسىغا توپ ئۇرۇپ بۇيىللىق ياۋرۇپا چىمپىئونلوق بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ تېز سۈرئەتتە توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى ياراتتى.
8.سىتانكوۋىچ 25سىكونت
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىنتىرمىلان ئۆز مەيدانىدا شالىك04 بىلەن بولغان 4\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە سىتانكوۋىچ 25سىكونت بولغاندا 50مېتر ئارىلىقتىن نادىر توپ كىرگۈزىدۇ. ئەمما ئاخىرىدا ئىنتىرمىلان 2-5 نەتىجە بىلەن شالىك تەرىپىدىن شاللىنىپ كېتىدۇ.
9.بوماردو 28.21 سىكونت
گوللاندىيەلىك ھۇجۇمچى 1999-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە ياراتقان.
10.ئالىكسودىس 28.46 سىكونت
1995-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋە 1997-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 2يىلدا ئۆز مەيدانىدا دانىيەنىڭ ئالباۋ كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 28.46سىكونتلۇق ياۋرۇپا چىمپىئونلۇق بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى بولۇپ ياۋرۇپا چىمپىئونلۇق بىرلەشمىسىدە ئەڭ تېز توپ كىرگۈزۈگەن ماھىر بولىدۇ.
ئالدىنقى 5چوڭ چاقماق توپلار
|
|