- تىزىملاتقان
- 2012-2-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 93
- نادىر
- 1
- يازما
- 93
|
كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك 4 -قېتىملىق خوتەن بىرلەشمىسى بالىم چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا جەمئىي 18 كوماندا تىزىملىتىپ ئىككى گۇرۇپ بويىچە ئايلانما شەكىلدە ئويناۋاتقىلى ھەش پەش دېگىچە يېرىم يىل بولاي دەپتۇ، مانا ھازىر دەل مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى چىقىش ئالدىدىكى ئەڭ نادىر مۇسابىقىلەر بىزگە يېتىپ كېلىۋاتىدۇ. يەنى 8 كۈچلۈك كوماندا تاللىنىپ ئىككى گۇرپىنىڭ زەردارلىرى ئۆز ئارا قايچىلاشتۇرۇپ 4 كۈچلۈك كوماندىنى تاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، تۈنۈگۈن 4 كۈچلۈكنىڭ تاللىنىش تۇنجى جېڭىدە كەرىمە باش كىيىملىرى كوماندىسى بىلەن شوخ كىنو تورى كوماندىسى ئىنتايىن كەسكىن مۇسابىقە ئويناپ نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپ قاپقىغا توپ ئۇرالماسلىقتەك ۋەزىيەت شەكىللەندى، كىيىن قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا شوخ كىنو تورى كوماندىسى ئارقا - ئارقىدىن ئىككى توپ ئۇرىۋېلىپ كەرىمە باش كىيىملىرى كوماندىسىنى شاللىۋەتتى، كىيىنكى مۇسابىقىدە خوتەن ھېيگاھ كوماندىسى بىلەن يۇرۇڭقاش قازان جەمەتى كوماندىسى مۇسابىقىلىشىپ 8 دە 4 نەتىجە بىلەن يۇرۇڭقاش قازان جەمەتى كوماندىسى شاللىنىپ كەتتى. ئەمدى ئەتىكى ئىخۋان كۇلۇبى كوماندىسى بىلەن ئىلچى كوماندىسى ۋە قارقاش بالىم كوماندىسى بىلەن ئوغۇزخان شىركىتى كوماندىسى مۇسابىقىسىدە ئىككى كوماندا شاللىنىپ ئۈزۈپ چىققان ئىككى كوماندا خوتەن ھېيتگاھ ۋە شوخ كىنو تورى كوماندىلىرى بىلەن يېرىم ھەلقىلغۇچ ۋە ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىلىرىنى 6- چىسلا شەنبە ۋە 7 - چىسلا يەكشەنبە چۈشتىن كىيىن ئويناپ بۇ قېتىملىق بىرلەشمىنىڭ ئەڭ گۈزەل مىنۇتلىرىنى ياراتقۇسى. كەڭ پۇتبولسۈيەرلەرنىڭ مۇمكىنقەدەر ئەتە (4- چىسلا پەيشەنبە) كەچتىكى مۇسابىقىنى بولمىغاندىمۇ شەنبە يەكشەنبىدىكى مۇسابىقىنى كۆرۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن، مەيداندا بىردەك ھۇررا سادالىرىنى ياڭراتساقكەن دەيمەن. شۇ تاپتا شۇنچىلىك ھاياجان بىلەن شۇ دەقىقىلەرنى ساقلاپ ئولتۇرماقتىمەن. |
|