پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 440|ئىنكاس: 17

ئىلى دىيارvsمۇڭغۇلكۈرە ھۇررا(خۇلاسە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

2

دوست

1076

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12453
يازمىسى: 1076
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 653557
تۆھپە: 1127
ۋاقتى: 207
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:10:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

未标题-1.jpg




ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇ مۇنبەر ئەھلى ۋە شىنجاڭدىكى پۇتبول سۆيەر خەلقىم.  2013-3-31-كۈنى ئىلى ۋادىسىنىڭ مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تەكلىپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئەمدى گەپنى بىر باشتىن باشلايلى.

2013-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان ئىشتىن سىرىتقى كوماندا ئىلى دىيار كوماندىسى مۇڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك ھۇررا كوماندىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن گۈزەل مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىسىگە قاراپ يول ئالدۇق... گەرچە يول يىراق بولسىمۇ ئازراق زىرىكىشنى ھىساپقا ئالمىغاندا يولنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن بىردەمدىلا مۇڭغۇل كۈرە ناھىيىسىگە يىتىپ كىلىپتۇق. بارساق مۇڭغۇل كۈرە ھۇررا كوماندىسىنىڭ مۇنبىرىمىزدىكى ئەزاسى ئوسكار ۋە بىرنەچچە كوماندىدىكى سەبدىشى بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىپ ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالدى...

كىلىپ ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىلىك تەنتەربىيە سارىيىغا قاراپ يول ئالدۇق، پۇتبول مەيدانى ئىنتايىن گۈزەل تەبئىي گۈزەل جايغا ئورۇنلاشقان بولۇپ ھاۋاسى ساپ پۇتبول ئويناشقا تامامەن ماس كىلەتتى، شۇنداق قىلىپ مەيدانغىمۇ كىرىپ ئالدىراشلا بەدەن قىززىتىپ بىر مەيدان بەدەن قىززىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكەزمەكچى بولۇپ تەييارلىق قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ شۇ تەييارلىق بەدەن قىززىتىش مۇسابىقىسى باشلىنىپ كەتتى، بىزنىڭ كوماندىدىن 14 بالا مۇ قىتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتۇق. ھۇررا كوماندىسى ساھىپخان قۇرۇلغىلى ئۇزۇن بولغان شۇ مۇڭغۇلكۈرەدىكى خىلى يۈزى بار كوماندا بولۇپ كوماندىسدا 26پۇتبول ئەزاسى بار ئىدى... مەيدان 24 سائەت ئوچۇق بولغاچقا پۇتبول سۆيەر مۇڭغۇلكۈرە خەلقى بىزنىڭ مۇسابىقىنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ۋە ئالقىشلار بىلەن باشلىنىپ كەتتى.

DSC_0193(1)_副本.jpg

سىنى سۈيىمەن پۇتبول

بۇ بەدەن قىززىتىش مەشىق مۇسابىقىسىدە بىز 3-1نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدۇق، مۇسابىقىنى تۈگىتىپ بولۇپ شۇ ھۇررا كوماندىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياتاققا قايتىپ ئارام ئالدۇق. ئەتىسى بولسا رەسمىي تەكلىپ مۇسابىقىسى باشلىناتتى. تەكلىپ مۇسابىقىنىڭ بۇقىتىملىق دائىرىسى ھۇررا كوماندىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ھاجىكامنىڭ يۈزى بىلەن ناھايىتى كەڭ بولدى، يەنى مۇڭغۇل كۈرە ناھىيىلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مۇڭغۇل كۈرە ناھىيىلىك تىلۋىزىيە ئىستانىسسى، رىپىرلار گۇرۇپپىسى بولسا مۇڭغۇل كۈرەدىكى ئەڭ داڭلىق ئاپتۇنۇم دەرىجىلىك رىپىرلار قويۇلدى...(رىپىرلارنىڭ سەۋىيسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ بۇ قىتىم ناھايىتى ئادىل بولغان مۇسابىقىنى تۈگەتتى)

شۇنداق قىلىپ سائەت 9 يىرىم ئەتراپىدا مۇسابىقىنى باشلىدۇق، مۇسابىقە باشلىنىپ 10مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ھۇررا كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى بىلەن يىراقتىن تىپىلگەن توپ بىزنىڭ ۋارتارنىڭ كىچىك سەۋەنلىكى بىلەن ساڭگىلاپ چۈشۈپ كىتىپ قالدى، كىيىن بىز كۈچەپ ھۇجۇم تەشكىللەش ئارقىلىق22مىنۇتتا كوماندا كاپىتانى ھەم ھۇجۇمچىسى ئىرلان قارشى تەرەپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان نۇقتا توپنى تىپىپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1-1گە ئۆزگەرتتۇق، ئىككى كوماندىنىڭ ناھايىتى كەسكىن ئەمما دوستانە ھەم پاكىز تىركىشىشى بىلەن ئالدىنقى مەيدان 1-1نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى...

كىيىنكى مەيدانمۇ رىپىرنىڭ پۇشتەك ئاۋازى بىلەن باشلاندى، كىيىنكى يىرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 10مىنۇتقا قەدەم قويغاندا بىزنىڭ كوماندىنىڭ99-نومۇرلۇق ماھىرى يۈسۈپنىڭ ئۇرغان بىر توپى بىلەن بىز 2-1ئۈستۈنلۈككە ئىرىشتۇق لىكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ھۇجۇمنى قاتتىق كۈچەيىتكەن ھۇررا كوماندىسى تىزلا بىر كاللا توپ بىلەن نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى...مۇسابىقە 85-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا توپ ھۇررا كوماندىسى مۇداپىيەچىسىنىڭ چەكلەنگەن رايوندا قولىغا تىگىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇسابىقىنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان نۇقتا توپ قويۇپ بىرىلىدى ۋە كوماندىنىڭ يانا بىر ھۇجۇمچىسى دىلمۇرات بۇ توپنى سالماقلىق بىلەن تىپىپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى3-2قىلىپ ئۆزگەرتتى. ئىلى دىيار كوماندىسى ئۈستۈنلۈككە ئۆتكەندىن كىيىن ئومۇمى يۈزلۈك مۇداپىيەگە ئۆتتى. ھۇررا كوماندىسىمۇ شۇنچە ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ تەلەي تازا كۈلۈپ باقمىدى، 2 توپى قاپقا سوقۇپ كىرمەي قالدى...شۇنداق قىلىپ بۇ ئەھمىيەتكە تولغا 93مىنۇتلۇق مۇسابىقە مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى...

ئاخىرىدا بىزنى تەكلىپ قىلغان مۇڭغۇلكۈرە ھۇررا كوماندىسى ۋە بىزنى قوللىغان مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىلىك مەدىنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسى، مۇڭغۇلكۈرە تىلۋىزىيە ئىستانىسسى، ئەڭ ئاخىرىدا ھۇررا كوماندىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ھاجىكام ۋە ئوسكارغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز

بۇ سەپەردىن شۇلارنى ھىس قىلدىمكى مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىسى تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشقا باشلاپتۇ، مەيدانلىرى شۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار تەرىپىدىن 24 سائەت ئىچىۋىتىلگەن ئىكەن. بىزگە ئەڭ تەسىر قىلغىنى بولسا مۇڭغۇلكۈرە ھۇررا كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ مىھماندوسلىقى بولدى، ئاخىرىدا قايسى  ناھيە ، شەھەر   ،يەنى شىنجاڭ  تەۋەسىدە  بولسا  مۇشۇنداق پۇتبول دەپ سوقىۋاتقان يۈرەكلەرنى قوللاپ  بىرىشنى  چىن  دىلىمدىن ئۈمۈت  قىلىمەن  شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى مۇشۇنداق كىچىكلىكتىن چوڭايغۇسى...


مۇسابىقە رەسىملىرى

DSC_0172_副本.jpg

ئىلى دىيار كوماندىسى ئەزالىرى

DSC_0174_副本.jpg

سول تەرپتىكىسى مەن، ئوتتۇردىكىسى ئوسكار، ئوڭ تەرەپتىكىسى تىتانىك















قوشۇمچە...تىكەس داۋانلىرى
DSC_0144_副本.jpg


DSC_0156_副本.jpg


DSC_0211_副本.jpg


DSC_0213_副本.jpg

ئويۇن ئەمدى باشلاندى..!

666

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  783
يازمىسى: 12752
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 10074517
تۆھپە: 3485
ۋاقتى: 5708
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:39:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشكىللەش كۈچۈڭگە  قايىلمەن كامىل....دوستلۇق بىرىنجى موسابىقە ئىككىنجى .دوسىت بۇلىشىپ ئۈزئارا چۈشىنىپ  بىر بىرىڭلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرغان بولساڭلا شۇمۇ چوڭ ئىش.
مۇنبەردە  غول غولا بوپ كەتكەن بۇ كومانداڭدامۇ ئاخىرى شەھەر ئاتلاپ موسابىقە ئۇينىيالايدىغان شەرىتلەرنى ھازىرلىغىدەك بوپتۇ.
ئوغال ۋالا...
كىيىن پۇرسەت  چىققاندا  يەنە كۈرىشىپ يەنە بىر  قىتىم دەقەمدە  موڭداشقاچ كاۋاپ يەپ كىلەمىز .
دۇنيا زارلانغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئۈزگەرتكۈچىلەرگە مەنسۇپ..!

ئويۇن ئەمدى باشلاندى..!

666

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  783
يازمىسى: 12752
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 10074517
تۆھپە: 3485
ۋاقتى: 5708
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 01:40:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىنىقىش ياخشى بولۇپ ئۇرۇقلاپ قالدىڭمۇ قانداق ...
دۇنيا زارلانغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئۈزگەرتكۈچىلەرگە مەنسۇپ..!

پارىژ سان ژېرمان

8

تېما

10

دوست

1130

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  577
يازمىسى: 1130
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 94746
تۆھپە: 690
ۋاقتى: 899
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 02:03:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق مۇسابىقىلەرنى ئۆزۈلدۈرمەڭلا  بىزدىن كىچىكلەرگە ئىلھام بۇلىدۇ

13

تېما

2

دوست

1076

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12453
يازمىسى: 1076
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 653557
تۆھپە: 1127
ۋاقتى: 207
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 08:51:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا يوللىغان ۋاقتى  2013-4-2 01:39
تەشكىللەش كۈچۈڭگە  قايىلمەن كامىل....دوستلۇق بىرىنجى مو ...

رەھمەت رەھمەت ئاكا... سىنىمۇ سىغىنىپ قالدۇق...بىللە چىقامسەن دىسەك جاۋاپ قايتۇرماپسەن مۇنبەردە.. خۇدايىم بۇيرىسا يانا شۇ  كاۋاپ يىگەن كۈنلەرگە نىسىپ قىلار ،  ئورۇقلاش مەسىلىسى ھازىر چوڭ مەسىلە بولاۋاتىدۇ جۇما

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

33

تېما

3

دوست

3676

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 3676
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 66802
تۆھپە: 3978
ۋاقتى: 957
h
ھالەت

نادىرچى مۇنبەر قىززىقچىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 08:53:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك سەپەر ھەم مۇسابىقە بوپتۇ
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت

0

تېما

0

دوست

115

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12434
يازمىسى: 115
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50521
تۆھپە: 146
ۋاقتى: 144
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 09:48:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك    ياخشى  بۇپتۇ  مۇشۇنداق مۇسابىقىلەرنى دايىم ئۇتكۇزۇپ تۇراسىلە  

غەلبە-تىرىشقانلارغا مەنسۇپ

1

تېما

10

دوست

1324

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9307
يازمىسى: 1324
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 6315
تۆھپە: 1469
ۋاقتى: 483
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 10:17:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر مەيدان مۇسابىقە بوپتۇ.
پۇتبول- ھاياتلىق يۇلى

كىم سورايدۇ دەۋانى

346

تېما

12

دوست

2952

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7190
يازمىسى: 2952
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 1493829
تۆھپە: 715
ۋاقتى: 1622
h
ھالەت

ئالاھىدە تۆھپە مىلان لۈكچىكى 4 - لىك لوڭقىسى 2 - لىك لوڭقىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 10:21:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن ياخشى ئەھمىيەتلىك مۇسابىقە بوپتۇ.
كەلگۈسىدىكى پىلانلىرىمنىڭ ئۈمۈد يولتۇزلىرىنى كۆرگەندەك قىلىمەن.

مادرىت

7

تېما

0

دوست

637

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8426
يازمىسى: 637
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10050940
تۆھپە: 133
ۋاقتى: 930
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 11:01:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىرلان يامان چىقىۋاتىدۇ جۇمۇ مۇشۇ كۇنلەردە
داۋاملىق تىرىشڭلار!!!!!

مادرىت

7

تېما

0

دوست

637

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8426
يازمىسى: 637
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10050940
تۆھپە: 133
ۋاقتى: 930
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 11:02:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىرلان يامان چىقىۋاتىدۇ جۇمۇ مۇشۇ كۇنلەردە
داۋاملىق تىرىشڭلار!!!!!

BEZLAR

3

تېما

2

دوست

413

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10303
يازمىسى: 413
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 6637600
تۆھپە: 444
ۋاقتى: 485
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 11:36:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەڭۋاز  ..يەنە ئسىم ئالماشتۇردڭ ما ؟   يىقىنلادا قۇرۋتىتڭ بۇ كۇمادىنى ئەمدە  خىلى يىراق سەپەر ئاتىلىنىپ  مۇساپىقە ئۇينايدغان  بۇلۋاپ سىلە ..   بىز تەرەپلەر گىمۇ كىلەسىلەر يىرا ئەمەس قۇ ...
بېزلەر      ھامىنى     غالىب    ...........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )