akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1319|ئىنكاس: 25

مۇرادىغا يەتكەن پۇتبۇل جەمئىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
        مەن بۇ تېمىنى يېزىشنىڭ ئالدىدىكى كەيپىياتىم 4 يىلنىڭ ئالدىدىكى كەيپىياتىم بىلەن ئوخشاش ئۇ بولسىمۇ --- ئۈمىدسىزلىنىش !
بىز يەنە 4 يىلنى ئىسراپ قىلىۋەتتۇق ، بىز دىگەندىن كۆرە شىنجاڭ پۇتبۇل جەمئىيىتى ئىسراپ قىلىۋەتتى دىسەم تېخىمۇ ئېنىقراق بولغىدەك چۈنكى «بىز »دىگەن بۇ كۆپ سانلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ سۆزنىڭ ئىچىدە  شىنجاڭ پۇتبۇل جەمئىيىتى يوق!  نىمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى ئۇلار بىز بىلەن بىرگەۋدە ، بىر نىيەتتە ئەمەس ، بۇنىڭ قۇربانى پەقەت شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىدىكى شۇ ئەزىمەتلەر ....... ئۇلار ياشلىق باھارىنى  شىنجاڭ پۇتبۇل جەمئىيىتى ۋە سۇڭچىڭلىڭ پۇتبۇل مەكتىۋى ئۈچۈن ئىسراپ قىلغۇچىلار ، نابۇت قىلغۇچىلار !
13 ياشتىن باشلاپ نۇرغۇن يۈكسەك غايىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ نۇرغۇن جاپا مۇشەققەت، تىل ئاھانەتلەرگە چىداپ مەشىق قىلىپ ، ئاخىرى نىمىگە ئېرىشىدۇ ، يا بىر تال كىنىشكىگە ياكى كوچىدا قىلىشقا ....... بۇنداق «قۇربانلار » بۇرۇنمۇ بولغان بۇنىڭدىن كىيىنمۇ بولىدۇ ..... پەقەت شىنجاڭ پۇتبۇل جەمئىيىتىنىڭ شۇ «ئۇلۇغۋار ۋەزىپسى » بولدىكەن بۇنداق پۇتبۇل قۇربانلىرىمىز نۇرغۇن تېخى .....بىر پۇتبۇلچىنىڭ كۆپ بولسا 10 يىل پۇتبۇل ھاياتى بولىدۇ (كەسپى پۇتبۇلچى )، لېكىن بىزنىڭ يىگىتلىرىمىز 10 يىلغىچە كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرمەيدۇ ....كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرگەن كۈنى ئۇنىڭ پۇتبۇل ساھەسىدىن چىكىنىدىغان ياكى كوچىلارغا تاشلىنىدىغان كۈنىنىڭ باشلىنىشىنىدۇر ، خالاس !
شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسى ، شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى !   شىنجاڭ پۇتبۇل جەمئىيىتىدە ئىچكىم بۇلارنىڭ كەلگۈسىگە باش قاتۇرمايدۇ بەلكى بۇلاردىن پايدىلىنىدۇ ئىشلىتىپ بولۇپ چۆرۈپ تاشلايدۇ چۈنكى كەينىدىن يەنە نۇرغۇن مۇشۇنداق قۇربانلار ئەگىشىپ چىقىدۇ ....  شىنجاڭ پۇتبۇل جەمئىيىتىنىڭ بۇ دۇنيادىكى ۋەزىپىسى شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەس بەلكى پەقەتلا پەقەت ----جۇڭگو مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىدۇر .
  توۋا دەيمەن بۇ مۇسابىقە بىزگە نىمىلەرنى ئېلىپ كىلەر نىمىلەرنى ئىلىپ كەلدى ....ھىچنىمە ؟ ھىچنىمە ئېلىپ كىلەلمەيدۇ ھەم ئېلىپ كەلمىگەن ......مانا مۇشۇ 4 يىلدا بىر كېلىدىغان 10 نەچچە كۈندە تۈگەيدىغان ،نەتىجىلىرى كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقىپ قالىدىغان،  قاراشتا چوڭ ئەمما سىياسىي خاراكتىرنىڭ ئالغان رەسمىيەت خاراكتىرلىق بىر تەنھەركەت يىغىنىغا شىنجاڭ پۇتبۇل جەمئىيىتى 20 گە يېقىن ياشلارنى 4 يىلدا بىر قۇربان قىلىدۇ ........ئەكرەم ، بارىلارغا ئوخشاش بىر قىتىمدا  قۇربان بولمىغانلارنى يەنە بىر 4 يىلدا يەنە بىر قىتىم « بۇغۇزلاپمۇ » باقىدۇ . شۇنىڭدىن قۇتۇلساڭ سەن ئاندىن پۇتبۇل ساھەسىدە ياشىيالايسەن چۈنكى ئۇلار سەندىن پايدىلىنالمايدۇ ، قېرى قويغا قىزىقمايدۇ ، پاقلانلارغا قول سالىدۇ ......
      شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسىنى بىلىپ بىلمەيلا ئايرىپ قالغان ئىدۇق ، لېكىن شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆلگىچە بولغان جەرياننى تۇلۇق كۆردۇق ، بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كىتىىشنى كۈتۈپ ئولتۇردۇق  ، چۈنكى بىز ئامالسىز ،  چۈنكى بىز يەنە بىر خىل قويلار .....
2012- يىللىق جۇڭگو ب دەرىجىلىك بىرلەشمىنىڭ باشلىنىشى ئۇ بىر ئۈمىد ئەمەس يەنە بىر قىتىملىق ئۈمىدسىزلىنىشنىڭ ، ئالدىنىشنىڭ باشلىنىشىدۇر.
بۇنىسى بىزگە ھەم شۇ ئەزىمەتلەرگە ئايان ، بۇنىڭ سەۋەبى يەنە كىلەر يىلدىكى شۇ« ئۇلۇغۋار مۇسابىقە» ئۈچۈندۇر .
مۇشۇ مۇسابىقىنى ئوينىمىسا يىگىتلىرىمىز شەۋكەتكە ئوخشاش پەرۋاز قىلىپ كېتىدۇ ، شۇڭا شىنجاڭ پۇتبۇل جەمئىيىتى ئامالسىز 3 مىليۇندىن ئارتۇق پۇلنى كۆيدۈرۈپ ، بۇلارنى تۇتۇپ قالماقچى بولدى .... گەرچە بىز نۇرغۇن خوشاللىقلاردىن بەھرىمان بولغان بولساقمۇ لېكىن نەتىجىسى بىزگە ئايان ئىدى ......خۇددى ئادەملەر ھامان ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ لېكىن كۈندە جاپا تارتىپ تىرىشىپ ياشىغانغا ئوخشاش ....
شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى پەقەت بىر يىلنى ئىسراپ قىلىپ ئۆزىنى چىنىقتۇردى ئۇلار نەتىجە ياراتمىدى لېكىن شىنجاڭ پۇتبۇل مەستانلىرى نەتىجە ياراتتى بۇنداق دىسەم بەك كىچىك پىئىللىق بولۇپ قالدى ، تارىخ ياراتتى ، مۆجىزە ياراتتى دىسەم مۇۋاپىق بولارمىكىن ؟!   ب دەرىجىلىك بىرلەشمىدە  6 تۈمەن ئادەم بىرلا ۋاقىتتا مۇسابىقە كۆرۈش بۇ بىر مۆجىزە ، لېكىن 6 تۈمەن شىنجاڭلىقنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلىدا « ھۇررا » دەپ توۋلىشى بۇ بىر تارىخ ، بۇ پۇتبۇل تارىخىغا ئەمەس ، شىنجاڭ تەزكىرىسىگە ، شىنجاڭ ھازىرقى زامان تارىخىغا يېزىلىدىغان بىر رىكوت!  بۇنداق كۆرىنىش مۇشۇ زىمىندا ئەسلى بولۇپ باققان ئەمەس بەلكىم كىيىن بۇ رىكوتنى بۇزۇپ تاشلىشىمىزمۇ مۈمكىن ، ئاللا خالىسا !  
مانا بۇ 2012- يىلى شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقى  جۇڭگو پۇتبۇل ساھەسىدە ئەڭ كۆرەڭلىسە بولىدىغان ئەڭ ياخشى نەتىجىسىدۇر !
يەنە بىر نەتىجىمىز بولسا :2007-يىلى  30 ئادەم ھۇررا توۋلاتقاندىن باشلاپ 2008-يىلى يۈزگە يىقىن ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ ھۇررا توۋلىتىپ كەلگەن ھەم  ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلگەن ھۇررا پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبى ، 2012-يىلى ئۆزىنىڭ كۆك بايرىقىنى  شىنجاڭ پۇتبۇل زىمىنىغا تىك سانجىدى ....ھۇرراچىلار تۈمەنگە ئايلاندى ، ھەمما ئادەم ھۇررا دەپ مەدەت بېرىشكە كۆندى ......بۇ پەقەت پۇتبۇل ساھەسىگىلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر تىل يېزىقىغا قوشقان يەنە بىر تۆھپسى ، چۈنكى بىز ئەمدى « ماي قاچىلىمايدىغان بولدۇق »!
     2012-يىلى 4 يىل بېسىلىپ ياتقان پۇتبۇل دولقۇنىنى قايتا ئەۋجىگە چىقارغان يىل بولدى ، مەيلى مەستانلارنىڭ سانى مەيلى مەستانلارنىڭ تەرتىپلىىشىش ، مۇنتىزىملىشىشى ھەم كەسپىلىشىشى جەھەتتىن بولسۇن چوڭ ئالغا ئىلگىرلىگەن بىر يىل بولدى ، لېكىن پۇتبۇلچىلىقىمىز جايىدا دەسسەپلا قالدى .....بۇنىڭغا شىنجاڭ پۇتبۇل جەمئىيىتى سەۋەپچىدۇر ، بۇ ئورگان پۇتبۇلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى پۇتبۇلدىن پايدىلىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈش، ئۆسۈش ۋە پۇل تېپىش قۇرغان . پۇتبۇلچىلار پەقەت بۇلارنىڭ پايدىلىنىش قورالى ، بىز پەقەت ئويۇن كۆرىدىغان تاماشىبىن .
مانا بۇ يىل شىنجاڭ پۇتبۇل جەمئىيىتى ئويلىغاندەك شۇنداق مۇۋاپىقىيەتلىك ئاياقلاشتى ، زىقمۇ كۆيمىدى كاۋاپمۇ كۆيمىدى ......
ئۇلار  : «بالىلىرىمىزنى مەشىق قىلدۇرۋالدۇق ، بالىلارمۇ قىچىپ كەتمىدى چىڭ تۇتىۋالدۇق ، ئانچە مۇنچە پۇلمۇ تىپىپ قويدۇق ، جۇڭگو پۇتبۇل جەمئىيىتى بىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇردۇڭلار ، مەستانلارنى ياخشى تەشكىللىدىڭلار» دەپ ماختىدى دەپ  شۇنداق چىرايلىق نەتىجىلەرنى قىزىل باشلىق ھۆججەت قىلىپ چىقىرىپ ، يىل ئاخىرىدا خۇلاسە قىلىپ ئۆزلىرىگە مۇكاپاتلارنى تارقىتىدىغان بولدى ......
پۇتبۇلچىلىرىمىزچۇ ؟ ئۇلارنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ چۈنكى قورال دىگەننىڭ ھىسىياتى ، كۈلكىسى ، يىغىسى بولمايدۇ ئۇلار ئۈچۈن ......قىش كىرىش ئالدىدا قايتىدىن مەشىق باشلاپ كىلەر يىللىق ئۇلۇغۋار مۇسابىقىگە قاتنىشىمىز دەپ نە نەلەردىن سەيچى ، ساتىراش توپچىلارنى ئەكىلىپ شىنجاڭغا ۋاكالىتەن قىلىپ مۇسابىقە ئوينىتىپ ، مۇسابىقە تۈگىشىپ بىلەن كوماندا ئىس تۈتەككە ئايلىنىپ ، تارىخدىن يۇقىلىدۇ .......2015-يىلى يەنە يىڭى نوتىلار ئۆسۈپ چىقىدۇ .......بىز يەنە شۇنداق خوشال بولۇپ ، ئادەم توپلاپ ئەرگۇڭغا ماڭىمىز ......

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 7مۇنبەر پۇلى +260 تۆھپە +20 شۆھرەت +20 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
ماھىرچاق + 50 قالتىس!
زەربىدار + 50 + 9 + 9 + 9 قوللاش! يۈرەكتىكى گەپ
بىرازىلىيە + 10 قالتىس!
turk222 + 50 + 1 + 1 + 1 قالتىس!
dilhux + 10 + 10 ناھايىتى توغرا !!!!!!
alimran + 50 قالتىس!
ankar528 + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-31 19:45:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ماي قاچىلىمايدىغان بولدۇق !»   ھۇررا !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-31 19:58:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى... يەنە بىر ئاينىڭ ئىشى قالدى... يا ئۆلۈم.. يا كۆرۈم بولىدىغانغا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-31 20:02:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ماي قاچىلىمايدىغان بولدۇق !»   ھۇررا !    ...... مەنمۇ چۇشەندىن باشقا قېرىنداشلارمۇ بىرلىككە كىلەيلى  !!   بىز پەقەت ئىنتىلىش ،  گۇزەل ئارزۇ- ئىستەكلەر بىلەن ھۇررا توۋلايمىز لىكىن تىمىدىكى شىنجاڭ پۇتبۇل جەمئىيىتىدىكى كارغا كەلمەس مۇناپىقلار ئۆز يىنىنى توملاش بىلەن خۇشال  ، بىزگە سىلىۋاتقىنى پەقەتلا قۇرۇپ ئېمىزگە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-31 20:03:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي يەنە دىسەك يەنە شۇ  ؟ قەشقەر پىداگوكىمۇ شاللىنىپ كەتتى ،  18 ياشللىقلار تۇنجى مەيداننى 1:2نەتىجە بىلەن ئۇتۇپتۇ،
ئەمدى  مۇشۇلار بىلەن ،شىنجاڭ ياشلار كوماندىسنىڭ مۇسابىقىسى قالدى بىزگە !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-31 20:03:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-31 20:11:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز شۇنداق ئۆتكۈر ئىكەن. ئوقۇپ ئىچىم بىر خىل بولۇپ قالدى. خەپ.................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-31 20:28:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىرلاشقا تىگىشلىك تېما بوپتۇ، رەخمەت سىزگە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-31 20:53:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇررا ھۇررا دەپ ۋاقىرىماي خەيتاڭ غەيرەت قىل دەپ ۋاقىرىغان بولساق ، خەيتاڭ بۇنداق قىچىپ كەتمەيتى.
كۆك كېيىمنىڭ ئۇرۇنىغا خەيتاڭغا ماسلىشىپ بۇلسىمۇ سېرىق كېيىن كېيگەن بۇلساق، خەيتاڭنى ئازراق بۇلسىمۇ قۇللىغان بۇلاتتۇق.خەيتاڭ بىلىپ بىلمەي خاتا مېنىپ قالغان يۇلۋاستىن ساق سالامەت چۇشىۋالدى ئەمدى ھەرگىز مېنمەيدۇ.مانداقچە قىلىپ ئېتقاندا ئەمەلى ھەركىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭدا بىرەر كەسپى كولوپ قۇرسا خەتەرلىك ئېكەنلىنى ئېسپاتلاپ بەردۇق.
بۇ بىزدىكى خاتالىق ئەمەس بەلكى شىنجاڭدىكى مۇقۇملۇق ۋەزىيتىنىڭ داۋالغۇپ تۇرىۋاتقان مەزگىلگە تۇغرا كىلىپ قىلىشى خالاس.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-31 21:03:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مۇشۇ سامان قۇرساقلارنىڭ كىنشكىسنى ئالمىسا، باشقا يەردە توپ ئوينىغىلى بولماسمۇ?
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-31 21:08:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئېغىز گەپ.سىز ئۇنداق پۇتبۇلنىڭ نېنىنى يەلمەيسىز.بىزنىڭ زىمىن پۇتبۇلدىكى تەكلىماكان.قارا ئۆڭكۈر.ئۈمىدنى چوڭ كۈتمەي بەدەن چېنىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ياخشى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-31 21:14:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەيتاڭنى مۇشۇ پۇتبولچىلار جەميىتى تەزدۈردى مەستانىلەردە گۇناھ يوق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 00:45

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش