- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7605
- نادىر
- 17
- يازما
- 7605
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-30 18:20

دىيارىمىز ۋاقتى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن ،جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ئۈچىنچى ئايلانمىسىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىسى ئوينالدى .بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭلىق داڭلىق ھۇجۇمچى بارى توپ ئويناۋاتقان جىياڭسۇ شۈنتيەن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا شاڭخەي شېنشىن كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى .90 مىنۇتلۇق كەسكىن جەڭدىن كېيىن ئىككى كوماندا 2 : 2 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتى .جىياڭسۇ شۈنتىيەدىكى ئالبانىيىلىك يېڭىدىن چاقناۋاتقان ھۇجۇمچى سالىھ ئىككى توپ ئۇرۇپ ، كوماندىنىڭ بىر نومۇر ئېلىشىغا تۆھپە قوشتى .
مۇسابىقە باشلىنىپ 55 مىنۇت بولغاندا ، ئىپادىسى ئادەتتىكىدەك بولغان جى شىياڭنىڭ ئورنىغا بارى ئالمىشىپ چىقتى .بارى بۇ مەيدان مۇسابىقىدا تىرىشىپ ياخشى ئوينىدى .مۇسابىقە 75 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ، چەتئەللىك پۇتبولچى بارىغا ئەپچىللىك بىلەن بىر پاس چىقاردى .لېكىن بارى تەپكەن بۇ توپ سەل قېيىپ كەتتى .بارى ئۈزىگە بېرىلگەن مۇشۇ 35 مىنۇتتا سەۋيىسىنى يامان -ئەمەس جارى قىلدۇردى . بارى بىرلەشمىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ئاساسى جەھەتتىن مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن .ھازىر بارىنىڭ مۇسابىقە ئوينىغان ۋاقتى پەيدىنپەي ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ .دىمەك بۇ بارىنىڭ ھازىر جىياڭسۇدا ئۈزىنى ئىسپاتلاۋاتقانلىقى ، شۇنداقلا كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمى ۋە تېرىنىرنىڭ بارغانسېرى ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .ئېھتىمال كېيىنكى مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن !
بارى 1989-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلغان .بۇ يىل 23 ياش ،ھۇجۇمچى ،2007-يىلدىن 2009-يىلغچە شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىسيى كوماندىسدا توپ تەپكەن .كېيىن خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسغا 50 مىڭ سوم باھا بىلەن يۆتكىلىپ كەلگەن .( ھازىرقى باھاسى بەش مىليۇن ) خاڭخۇ يېشىل شەھەردىكى ئىپادىسى قالتىس بولغانلىقى ئۈچۈن ،2012-يىلى 10-ئايدا جىياڭسۇ شۈنتىيەن كۇلۇبى بارىنى كوماندىغا يۆتكەپ كەلگەن .
 |
|