- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6831
- نادىر
- 16
- يازما
- 6831
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-29 00:32

3-ئاينىڭ 27-كۈنى ، خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 2014-يىلى بىرازىلىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە رېپىرلىق قىلىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ،مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالىشى ئارقىلىق ،دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بولۇپ ،جەمئىي 52 گۇرۇپ باش رېپىر ۋە ياردەمچى رېپىرلار تاللىنىپ چىققان .بۇنىڭ ئىچىدە ئاسىيادىن يەتتە گۇرۇپ رېپىرلار تاللانغان .بۇلار بولسا ،ياپۇنىيە ،ئاۋسترالىيە ،ئىران ، سەئۇدى ئەرەبىستان ،بەھرەيىن ،ئۆزبېكىستان ،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردىن تاللانغانلار ، بىراق دۆلىتىمىزدىن بىرمۇ رېپىر بۇ تىزىملىك ئىچىگە كىرەلمىگەن .جۇڭگو كوماندىسى خېلى بۇرۇنلا دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئالدىن تاللاشتا شاللىنىپ كەتكەن بولۇپ ، ئەمدى يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسنىڭ سىرتىدا قالدى .يەنە بىرسى ، دۆلىتىمىزدىكى بەزى رېپىرلارنىڭ چېرىكلىشىش سەۋەبىدىن بۇ جەھەتتە خەلقئارادىكى ئىناۋىتىگىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن .ئىلگىرىكى « ئالتۇن پۈشتەك » سۈن دەيجى يېشىنىڭ چوڭىيىشى بىلەن چېكىنگەندىن كېيىن ، دۆلىتىمىزدە ياراملىق بىرەر رېپىر چىقمىغان .ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش !
ئىگىلىنىشچە ، بۇ 52 گۇرۇپ رېپىر كېيىنكى ئايدىن باشلاپ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسنىڭ مەخسۇس تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىدىكەن . ئاخىردا يەنە بىر قېتىم تاللاش ئارقىلىق رەسمى لاياقەتلىك بولغان 30 گۇرۇپ رېپىرلار 2014-يىلى بىرازىلىيىگە قاراپ ئاتلىنىدىكەن .
 |
|