- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6831
- نادىر
- 16
- يازما
- 6831
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-28 23:21

ئەنگلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » ئادەتتە ئېنگىلاندىكى ھەر قايسى پۇتبولچىلارنىڭ مىجەز-خاراكتىرىنى دائىم باھالاپ تۇرىدۇ .بۇنىڭ ئىچىدە توتىنھامدىكى داڭلىق پۇتبولچى دېفۇنى Jagermeister ئىسىملىك داڭلىق قىزىل ھاراققا ئوخشتىدۇ .بۇ پۇتبولچىنىڭ بۇيى ئېگىز ئەمەس ، ھەم قاۋۇلمۇ ئەمەس ،بىراق دېفۇ مەيدان ئىچىدە قالتىس ،ھەر تۈرلۈك قىيىن ئەھۋال ئاستىدا توپ ئۇرالايدۇ .بەزىدە ھەتتا ئۈزىمۇ توپنىڭ قانداق كىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالىدۇ .توپنىمۇ يۇقىرى ماھارەت بىلەن كىرگۈزۈپ تۇرىدۇ .دېفۇنىڭ بۇ مىجەزىنى ئاخبارات ۋاستىلىرى ،خۇددى تاتلىق قىزىل ھاراققا ئوخشاش ئىچكەنسېرى ئىچكۈسى كېلىدۇ ، ئاخىردا مەسىت بولىدۇ دەپ تەرىپلەيدۇ .توغرا ،دېفۇ ياخشى پۇتبولچى ،سەبداشلىرىمۇ دائىم دېفۇنى ماختاپ تۇرىدۇ .بىراق بۇ قېتىم مىجەزى ياخشى ۋە باشقىلارنىڭ ئىچكۈسىنى كەلتۈرىدىغان داڭلىق « تاتلىق ھاراق » دېفۇ باشقىلار تەرىپىدىن « يېشىل دوپپا » كىيىپ قالدى .
« پوچتا گېزىتى » دە كۆرسىتىلىشچە ،DNA تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ،توتىنھام ھوجۇمچىسى دېفۇ ئىلگىرىكى قىز دوستىدىن بولغان بالىنىڭ ئۈزىنىڭ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان .شۇنىڭ بىلەن بىر ئاي داۋاملاشقان بۇ ئويۇن ئاخىرلاشقان .ئىگىلىنىشچە ،بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن دېفۇ ئۆتكەن يىلى ئەننى ئىسىملىك بىر قىز بىلەن ئارىلاشقان .كېيىن ئايرىلىپ كەتكەن .بىر ئاينىڭ ئالدىدا قىز دوستى ئوغۇل تۇغۇپ ، بۇ بالا دېفۇنىڭ بالىسى دەپ ،دېفۇدىن بالىغا ئىگە بۇلۇشنى ، شۇنداقلا بېقىلىش ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلغان .ھەممە ئىش ئۈزىگە ئايان دېفۇ بۇ ئىشتىن قاتتىق ھەيران قېلىپ ، ئاخىردا تەكشۈرتۈش ئارقىلىق بالىنىڭ دادىسى ئۆزى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ ، بىر ئايدىن بېرى نامەلۇم ئادەم كەيدۈرۈپ قويغان « يېشىل دوپپىنى » بېشىدىن ئېلىۋېتىپ ئارام تاپقان .
 |
|