akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 528|ئىنكاس: 7

گۈللنىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا پوتبولچىلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2012-يىللىق مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر « ئۈمۈد يۇلتۇزى» قۇياش نۇرى تەنتەربىيە بايرىمى تەنھەركەت مۇسابىقسى ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونۇم رايوننىڭ چىفىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئىككىنچى قېتىم ئۆتكۈزلۈشى بولۇپ،تۇنجى قېتىملىق تەنتەربيە بايىرىمى تەنھەركەت مۇسابىقسى 2011-يىل 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە چىڭداۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئاپتونۇم رايونىمىز ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە غەلبىلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

2-قېتىملىق تەنتەربيە بايىرىمى تەنھەركەت مۇسابىقسىدا ئالدىنقى قېتملىق تەنھەركەت مۇسابىقسىدىكى بىر قانچە تۈرنى ئاساس قىلغان ئاساستا يەنە نەچچە تۈرلۈك ئاز سانلىق مىللەت تەنھەركەت تۈرى قوشۇلدى.لېكىن بۇ قېتىملىق مۇسابىقدىكى يارقىن نۇقتا يەنىلا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پوتبول مۇسابىقىىسى بولدى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقە 2012-يىل 8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ چىفىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقىغا پۈتۈن مەملىكەتتىن 31 ئۆلكە،شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش بىڭتۈەنىدىن بولۇپ 700 نەپەردىن كۆپ ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى.

مۇسابىقىغا قاتناشقانلار ئىچىدە شىنجاڭدىن كەلگەن پوتبول ئەزىمەتلىرى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.بۇ قېتىملىق مۇسابىقە پوتبول تۈرىگە ئۈرۈمچى شەھىرىگە ۋەكىل بولۇپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ قاتناشقان بولۇپ ئۈچ كۈنلۈك تىرىشچانلىق ئارقىلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپ پوتبول كوماندىسى بۇ قېتىملىق ياش-ئۆسمۈرلەر 5 كىشلىك پوتبول تۈرىدە چېمپيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ رايونىمىز پوتبول تەرەققىياتى شۇنداقلا ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كارامىتنى يەنە بىر قېتىم پۈتۈن جۇڭگوغا ئىسپاتلاپ بەردى.

ئەلىۋەتتە،بۇ غەلبىلىك نەتىجىنى 3-ئوتتۇرا مەكتەپ مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.بۇ نەتىجىلەر ھەرگىزمۇ بىر قېتىملىق تاسادىبىلىق بولماستىن بەلكى مەكتەپنىڭ يىللاردىن بۇيان تەنتەربىيە خىزمىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكدىن شۇنداقلا مەكتەپنى تەنتەربىيىدە ئالاھىدە خاسلىقى بار مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يولىدا ئالاھىدە ئىزدەنگەنلكىنىڭ نەتىجىسى. مەكتەپ رەھبەرلىكى مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئەتراپلىق، ئەستايدىل ئېلىپ باردى.مەكتەپنىڭ پوتبول تۈرىدىكى ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى پوتبول تۈرىدە تەربىيلەشنى چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ باردى.ھازىر بۇ مەكتەپتە تۇللۇقسىز ئوتتۇرا پوتبول كوماندىسى ۋە توللۇق ئوتتۇرا پوتبول كوماندىسى ئىككى كوماندسى بار بولۇپ،بۇ مەكتەپ كوماندىغا ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىشتا ئالاھىدە سىياسەت قوللىنىپ قۇبۇللاش ئېلىپ بارغان.يەنى پوتبول كوماندىسىغا رەسمى قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتنى قوللىنىپ كەڭ ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانلىرى ۋە جەمىيەتنىڭ قىزغىنلىقى ۋە قوللىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

بۇ مەكتەپ ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە چېلىشىش تەنھەركىتى بويىچە تۈر مەكتەپ ، ئاپتونۇم رايوننىڭ مۇز ئۈستى تەنھەركىتىدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ،تىك تاك توپ تەنھەركىتىدىكى ئەنئەنىۋى مەكتەپ قاتارلىق شەرەپلىك نامى بار. بۇ مەكەپ يۇقارقى تۈرلەر بويىچە ئۈرۈمچى شەھىرى،ئاپتونۇم رايون ۋە مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.2009-يىلى بۇ مەكتەپ مەملىىكەتلىك مەكتەپ پوتبول تەنھەركىتىدىكى «نۇقتىلۇق مەكتەپ» قىلىپ بېكىتلگەندىن كېين ئەسلدىنلا كۈچلۈك پوتبول ئەنئەنسىگە ئىگە بۇ مەكتەپتە پوتبولغا بولغان قىزغىنلىق تېخمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.«مەن چېنىقىمەن، مەن ساغلام،مەن شاد-خۇرام» دېگەن بۇ شۇئارنىڭ تۈرتكىسىدە مەكتەپتە پوتبول ئوينايدىغان باللارنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپەيدى.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ تەربيلىشى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېرىلىپ مەشىق قىلىش نەتىجىسىدە مەكتەپنىڭ پوتبول تەنھەركىتىدە يېڭى نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى.






مەكتەپ پوتبول كوماندىسى 2011-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مەكتەپ پوتبول مۇسابىقىسىدا 3-لىككە ئېرىشكەن بولسا،2012-يلى 1-لىككە ئېرىشىپ ئۈرۈمچى شەھىرىگە ۋەكالىتەن ئاپتونۇم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ياش-ئۆسمۈرلەر «ئۈمۈد يۇلتۇزى» قۇياش نۇرى پوتبول مۇسابىقىسغا قاتنىشىپ 1-لىكنى قولغا كەلتۈردى.يەنە بۇيىل 8-ئايدا جىنفىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۈمۈد يۇلتۇزى» قۇياش نۇرى تەنتەربىيە بايرىمىدا پوتبول مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ چېمپيۇن بولدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «تەنتەربىيە ئەخلاق-پەزىلەت» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.مەكتەپ پوتبول كوماندىسدىكى ئىرپانجان يەنە بۇ قېتىملىق مۇسابىقدىكى «ئەڭ ياخشى پوتبولچى» مۇكاپاتى ۋە «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشش بىلەن بىرگە يەنە كوماندىدىكى ئابلىكىم بىلەن بىللە «ئۈمۈدلىك پوتبولچى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.مۇسابىقىغا قاتناشقان دەسلەپكى كۈنلەردە گەرچە كوماندا ئەزالىرى شۇ يەرنىڭ ھاۋاسىغا ۋە تاماق شارائىتىغا كۆنەلمەسلىك سەۋەبىدىن خېلى قىينالغان بولسىمۇ لېكىن ئەزالدىن تىرىشچان ،باش ئەگمەس بۇ ئەزىمەتلىرىمىز تېرىنىر لېتىپ مۇئەللىم  ۋە ئالىم مۇئەللىم قاتارلىق جاپاكەش ئۇستازلارنىڭ يېتەكلىشىدە بۇ قېتىملىق مۇسابىقنىڭ چېمپيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ مەكتەپ پوتبول تارىخغا يېڭى بىر بەت ئاچتى.


بۇ مەكتەپ يەنە ئۈرۈمچى شەھرى تەرپىدىن يەنە مەكتەپ پوتبول ھەركىتى مەشىق تۈر نۇقتىسى،مەكتەپ پوتبول ھەركىتى تەربيلەش بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى.مۇشۇ ئاساستا مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ھە مەۋسۈمدە دېگۈدەك مەكتەپ بويچە سىنپلار ئارا پوتبول مۇسابىقسى ئۆتكۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پوتبولغا بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى.شۇنداقلا يەنە پوتبولنى مۇھىم دەرس يۇسۇنىدا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم پوتبول دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇپ مەخسۇس پوتبول دەرسى ئۆتتى.شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىكى مەيلى ئوغۇللار بولسۇن ياكى قىزلار بولسۇن ھەر قايسى مىللەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پوتبولغا بولغا قىزغىنلىقنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

بۇ مەكتەپ يەنە بۇ يىل 8-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەكتەپ پوتبول ھەركتى يازلق لاگىر مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە يېتەكچىلىرىنى تەربيلەش كۇرسىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋە كۇرسانىتلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشىپ مەكتەپ پوتبول تەنھەركىتى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى يەنە بىر قېتم نامايەن قىلدى.

بىز ئۈرۈمچى شەھىرى 3-ئوتتۇرا مەكتەپ پوتبول كوماندسى شۇنداقلا مەمىلكەت ئىچى ۋە سىرتىدا يۇرتمىز ئۈچۈن ئۆچمەس تارىخ ياراتقان ئاشۇ ھارماس ئۇستازلارغا ۋە تىرىشچان ئەزىمەتلىرىمىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز.باسقان ئىزلىرىڭلاردىن گۈل-چېچەك ئۈنسۇن ئەزىمەتلەر...


مەنبە: XJTV-5 قانىلى "شنجاڭ تەنتەربىيسى" پىروگىراممسى ۋە توردىكى ئالاقىدار ماتېرياللاردىن رەتلەندى


ss.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-28 23:01:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن مەن تۇلۇقتىكى چاغدا يامانتى بۇلار   ھازىرمۇ يامانكەن ھە بۇلار  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-28 23:05:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-28 23:15:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىلەر ئەزمەتلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-28 23:42:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا ئەزىمەتلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-28 23:43:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3 كۈن بولدى تىما دىگەننى يىزىۋاتىسىلە جىما بودەكجان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-29 00:12:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ankar528 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-28 23:43
3 كۈن بولدى تىما دىگەننى يىزىۋاتىسىلە جىما بودەكجان [s:12 ...

شۇ  شۇ ترشپ باقاي دەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-29 11:16:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىمدىكى قىزىل كىيىملىك بالا ‹‹ئۇيغۇر مىسسى›› شۇمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 01:00

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش