- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6831
- نادىر
- 16
- يازما
- 6831
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-28 22:19

باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغاندا قاراپ تۇرماسلىق ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىش ، بۇ ئېسىل خىسلەت ،پۇتبول ساھەسدىمۇ مۇشۇنداق سېخى پۇتبولچىلار خېلى كۆپ ،بۇنداقلار كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ .لېكىن ئازراق نام چىقىرۋېلىپلا پۈتۈن زېھنى بىلەن پۇل تېپىشقا كىرىشىپ كەتكەنلەرمۇ خېلى سالماقنى ئىگەلەيدۇ .گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ بۆرە قەلئەسى كوماندىسىدىكى ياپونىيەلىك داڭلىق مۇداپىئەچى ماكوتومو مانا شۇنداق باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆزەمنىڭ قىيىنچىلىقى دەپ بىلدىغان ماھىرلارنىڭ بىرسى ،گېرمانىيە « رەسىملىك ژۇرنىلى » نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،ماكوتومو ياپونىيىدىكى ئاپەت بولغان رايۇنلاردىكى ئۆسمۈرلەرگە بىر قېتىمدىلا بىر مىليون 800 مىڭ ياۋرو ئىئانە قىلىۋەتكەن .( بىزنىڭ پۇلىمىزدا 14 مىليون 380 مىڭ سوم ) ماكوتومونىڭ بۇ خالىسانە ياخشى ئىشى گېرمانىيە تەرەپنى قالتىس تەسىرلەندۈرۈۋەتكەن ،ھەمدە ماختاپ خەۋەر ئېلان قىلغان .
2011-يىلى ، ياپونىيەنىڭ شىمالىدا 9.0 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ ،تەخمىنەن 16 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئېغىر ئاپەتكە ئۇچىرغان .يەر تەۋرىگەن ئىككى يىلدىن بۇيان ياپۇنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ماكوتمو باشقا توپچىلارنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ ئىزچىل ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ ،بۇ قېتىم ئۆز يېنىدىن بىراقلا بىر مىليون 800 مىڭ ياۋرو چىقارغان .
 |
|