ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1279 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ مۇسابىقىنى ئكساقتىكى پۇتبۇلچىلىق ئشلىرىدىن باشلاپ سۆزلەيلەيلى.
ئكساقتا يىڭى مەكتەپ قۇرۇلغاندىن كىيىن،ياۋروپا ۋو ئوتتۇرا شەرقتىكى بولۇپمۇ تۈركىيىدىكى مەكتەپلەردىن تارقالغان يىقىنقى زامان تەنتەربىيە تۈرلىرى،مەسلەن: ۋالىبول،ۋاسكىتبول ،پۇتبۇل ئاسانلا قۇبۇل قىلىنىدى.بۇلارنىڭ ئچىدە پۇتبۇل ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.ئكساق مەكتىپىدە يىڭىچە تەنتەربىيە تۈرلىرىنى ئاسانلا قۇبۇل قىلىشىدا مۇنداق ئاساسلار بار ئدى: ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە يەنى چىلىشىش،ئوغلاۇ تارتىش،ئلانگۇچ.سارغايدى،ئارقان تارتىش،ئاقسۆڭەك،تاغقا چىقىش،توپ ئويناش(ئۇيغۇر بالىلىرى كىچىك پاختا يىپتا توپ ياساپ ئوينايدۇ،ئوغۇللار قوي،ئۆچكە تىرىسىگە ياكى كونا ئاق تۇماقلارنىڭ ئچىگە پاختا ياكى سامان تىقىپ توپ قىلىپ ئويناپ كۆنگەن). مەكتەپمۇ تەنتەربىيە تۈرلىرىنى يولغا قويغاندا ۋاللەي(تىكتاك)ئويناش،ئگىزگە سەكرەش ،سىرىلىش،دەرەخقە چقىش،سۇ ئۈزۈشقاتارلىق بالىلارغا ئادەت بولۇپ كەتكەن تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن باشلايدۇ.ياۋروپا،ئوتتۇرا شەرق سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان، ھەج تاۋاپ ئۈچۈن چەت ئەللەرنىڭ كۆپلىگەن چوڭ شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلغان،روسىيە،تۈركىيەلەرگە ئوقۇشقا بارغان ئلغارلار چەت ئەللەردە ئوينالغان تەنھەرىكەت تۈرلىىرىدىن ۋالىبول،ۋاسكىتبۇللارنى كۆرۈپ يىڭىلق دەپ بىلىدۇ،ئەمما پۇتبۇلنى كۆرگەندە ،يەل بىرىلگەن توپتىن ھەيران بولىدۇ،لىكىن ئويناش ئۇسۇلىغا زادىلا ھەيران قالمايدۇ.چۈنكى ئۇيغۇر ياشلىرى كۈزلىك يىغىمدىن كىيىن قوي ،تىرىلىرىدن توپ ياشاپ،كىسەكلەردىن قەلئە ياشاپ،پۇت توپى ئويناشنى ئادەت قىلغان،شۇڭا،ئۇيغۇلاردىن مەيلى سودىگەر،مەيلى ئوقۇغۇچىلار چەت ئەللەردە بولغان مەزگىللىردە،پۇتبول ئويناشقا بىمالال قاتنىشىدۇ ھەمدە چەت ئەلنىڭ پۇتبول ئويناشتىكى يىڭىلىقلىرىنى قۇبۇل قىلىپ شىجاڭغا ئلىپ كىرىدۇ.ئكساقتا پۇتبول 1870-يللاردا باشلىنىپ،1890-يللارغا كەلگەندە ئومۇملىشىپ كۆزگە كۆرنۈشكە باشلايدۇ.بۇلار دەسلەپتا تۆت كىشىدن.كىيىنچە بەش كىشىدىن بولۇپ ئوينىدى.1922-يىلىغا كەلگندە ھازىىرقىدەك 11كىشلىك بولۇپ ئوينىغاندى.
ئنىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا.ئكساقتا پۇتبول ئوينىغۇچىلار ئەزەلدن يۇمشاق تىرىدىن ياسالغان توپ ئچىگە پۈۋلەش ئارقىلىق يەل تولدۇرۇپ ياكى تىرە ئچىگە پاختا ،لاتا سامان تىقىىپ يالىڭاياق ئويناپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ،كىيىنكى ۋاقىتلاردىكى قاتتىق يەل بىرلىگەن ۋە چەمدىن ياسالغان توپلارغا يالاڭ پۇت چىداشلىق بىرەلمەيدۇ،نەتىجىدە ئۇلار كالاچ كىيىپ ئوينايدىغان،ھاللىقلار كارۋان چورۇقى بىلىەن ئوينايدىغان بولىدۇ.
1910-يلى باۋدۇنباي ئۆز خىراجىىت بىلەن تۈركىىيەگە ئوقۇشقا چىقارغان يەرلىك زىيالىيلاردىن تۇرسۇن ئەپەندى،ھەسەن ئەپەندى ،كامىل ئەپەندى ،مەسئۇد قاتارلىقلار يىڭى زامان تەنتەربىىيسىنى شىجاڭغا تارقىتدۇ. بۇنىڭ ئچىدە تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى ئالاھىدە بولۇپ،مەخسۇس كوماندا تەشكىللەيدۇ. ,
تۇرسۇن ئەپەندى تەشكىىللگەن پۇتبول كوماندىسى تۆۋەنكىچە:
تۇرسۇن ئەپەندى- كوماندا باشلىقى ۋە بەگ(بىك)
ئەنۋەر ئەپەندى- بەگ (بىك)
ئبراھىم ئەپەندى-پورۋايىت
غوپۇر ئەپەندى-پورۋايت
پەخىرىدىن ئەپەندى- پورۋايت
تۇرسۇن قارى-ياردەمچى بەگ
كىرەم قارى- ياردەمچى بەگ
مەھەممەت تۆمۈر-پورۋايت
روزى مەھەممەتنىياز-پورۋايت
بىشىر ئاخۇن-قەللىچى
ھاجى ئابدۇللا-قەللىچى.
زاپاس كوماندا ئەزالىرى:قادىر روزى،مەيدىن مەھەممەت،ھەيدەر ئدىرس،ساۋۇت مىرئەخمەت،ناسىر خىلىل،ئابدۇراخمان يۈسۈپ vzZ"TSP
1927-يىلى مۇسا بايلارنىڭ ئش باشقۇرغۇچىس ۋەلىخان باي ئەنگىلىيە،شىۋىتسىيە ۋە فىرانسىينىڭ قەشقەردە تۇرشلۇق كونسۇلغا ئكساق كوماندسى بىلەن مۇسابىقىلىشىش تەكلىپى بىرىدۇ.شۇ يىلى 5-ئايدا قەشقەردىكى ئنگىلز كونسۇلخانىسى(ھازىرقى ئاپتۇبۇس شىركىتنىڭ ئونى)دا مۇسابىقە ئلىپ بىرىلىدۇ.ئكساق پۇتبۇل كوماندىسدىكىلىلەر بىشىغا ئاق دوپپا،ئۇچىسىدا ماتا كۆڭلەك ،بىلىدە بەلباغ ،پۇتىدا مەسە_كالاچ،مەسە-كالاچ ئۈستىدىن شوينا باغلانغان ھالدا تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ يىتەكچىلكىىدە:
ئارقارداشلار توپلىنىايلى،جەھلىن ئوينى بۇزغىلى،
ئەل كۆزى ئالغان قاراڭغۇ،پەردىىلەرنى يىرتقىى.
ئىنقىرازدىن خەلقىمىزنى قۇتقۇزغۇچى ئلىمدۇر،
بىزلەرنىمۇ دەل بۈگۈن ھەم بىلىم ئۆزى قۇتقۇزىدۇ.
دىگەن مارشنى ئوقۇپ مەيدانغا كىرىدۇ.
مۇشۇ مۇسابىقگىە قاتناشقان ئابدۇغۇپۇر مۇھەممەد ھەسەن(غوپۇر ئەپەندى)نىڭ ئەسلىمىدە يىزىلىشىچە بۇ مۇسابىقىگە تۇرسۇن ئەپەندى،ئەنۋەر ئەپەندى،كىرەم قارى،تۇرسۇن قارى،پەخرىدن توختى،ئبراھىم ئەپەندى،ھاجى ئابدۇللا،بىشىر ئاخۇن قاتارلىقلار قاتناشقان.تۇرسۇن ئەپەندى،ئەنۋەر ئەپەندى ئككسى مۇھىم رول ئوينىغان.
مۇسابىقە ئكساق كوماندىسى بىلەن ئەنگىليە كونسۇلغانىسىكوماندىسى،شىۋىتسىيە دوختۇخانىسى كوماندىسىئوتتۇرسىدا ئلىپ بىرلغان.نەتىجىدە ئكساق كوماندىسى ئنگىلىزلارنى بىرگە قارشى ئككى نەتىجە بىلەن،شىۋىتسىيە كوماندىسى نۆلگە قارشى يەتتە نەتىجە بىلەن يەڭگەن.مۇسابىقىنى بارلىق چەتئەل كونسۇللىرى،خادىملىرى كۆرىدۇ. سوۋىت ئتتىپاقى كونسۇلى ئكساق كوماندىسىنى 'غالىپ كوماندا'دىگەن نام بىلەن پۇتبول بىرىپ مۇكاپاتلايدۇ. بۇ مۇسابىقە ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى تۇنجى غەيرىي رەسمىي تۈس ئالغان مۇسابىقە بولۇپ ھىسابلىنىدۇ
|
|