ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3240 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aguyro تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-28 16:37

ۋاڭيى تەنتەربىيىسى 28-مارت خەۋىرى «مىلان تەنتەربىيە گېزىتى» مۇنداق دەپ ئاشكارىلىدى: توپچى كاۋانى ناپولى كوماندىسىدىن باجدىن كېيىنكى يەتتە مىليون ياۋرو يىللىق مائاش تەلەپ قىلماقتا، ناپولى كۇلۇبى رەئىسى ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى قاندۇرالماسلىقى مۇمكىن. نۆۋەتتە ناپولى كۇلۇبى كاۋانىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغان توپچى قوشۇۋالماقچى بولماقتا.]
توپچى كاۋانى ئۇدا ئۈچ مۇسابىقە پەسلى جەريانىدا كىرگۈزگەن توپى 30 دىن ئاشتى. مۇداپىئە سەۋىيىسى يۇقىرى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئۆتكەنكى 50 يىلدا پەقەت باتىستۇتا ۋە دىناتالې بۇ نۇقتىنى ئورۇندىيالىغان. نۆۋەتتە خان مادرىد، مانچېستىر شەھىرى، ئارسېنال ۋە روسىيە زېنىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۇلۇبلار داڭلىق ھۇجۇمچى كاۋانىنى قوشۇۋالماقچى. باشقا داڭلىق كوماندىلارنىڭ كاۋانىنى قوشۇۋالماقچى ، لېكىن كاۋانى ناپولى كوماندىسىدا داۋاملىق توپ ئويناشنى خالايدۇ، كاۋانى مۇنداق دېدى: كېتىش ياكى قېلىشىمنى ناپولى كۇلۇبى رەئىسى بەلگىلەيدۇ. «مىلان تەنتەربىيە گېزىتى» مۇنداق دەپ ئاشكارىلىدى: توپچى كاۋانى ناپولى كوماندىسىدىن باجدىن كېيىنكى يەتتە مىليون ياۋرو يىللىق مائاش تەلەپ قىلماقتا.
بۇلتۇر يازدا ناپولى كۇلۇبى رەئىسى كاۋانى بىلەن تۈزگەن توختامغا 63 مىليون ياۋرو ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش ماددىسى قوشقان، ئۇنىڭدىن باشقا كاۋانىنىڭ يىللىق مائاشىنى باجدىن كېيىنكى بەش مىليون ياۋروغا ئۆستۈرگەن، بۇ ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى داڭلىق چولپانلارنىڭ سەۋىيىسى ھېسابلىنىدۇ. قىسقىغىنە بىر مۇسابىقە پەسلىدە كاۋانى يەنە باجدىن كېيىنكى يەتتە مىليون ياۋرو يىللىق مائاش تەلەپ قىلماقتا، ناپولى كۇلۇبى رەئىسى ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى قاندۇرالماسلىقى مۇمكىن. ناپولى كۇلۇبى رەئىسى مۇنداق دېدى: كاۋانى كېتىمەن دەپ ئويلىغان بولسا كېتىۋەرسۇن.
ئەگەر كاۋانى ناپولى كوماندىسىدىن ئايرىلسا ناپولى توپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك ھۇجۇمچى ئىزدەپ تېپىشى لازىم، چۈنكى كېلەر مۇسابىقە پەسلىدە ناپولى كوماندىسى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدۇ، ناپولى كۇلۇبى رەئىسى رىقابەت كۈچىگە ئىگە قوشۇن بەرپا قىلىشى كېرەك. «مىلان تەنتەربىيە گېزىتى» مۇنداق دەپ ئاشكارىلىدى: ناپولى كۇلۇبى برازىلىيەلىك ھۇجۇمچى دامىئونى قوشۇۋالماقچى. نۆۋەتتە ناپولى كۇلۇبى رەئىسى دامىئو توپ ئويناۋاتقان برازىلىيە خەلىقئارا كۇلۇبى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئادەم ئەۋەتتى، ئىيۇلدا دامىئو 24 ياشقا كىرىدۇ، نۆۋەتتە برازىلىيەلىك ھۇجۇمچى دامىئونىڭ باھاسى 25 مىليون ياۋرو.
|
|