ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1279 |
تۆھپىسى: سەر |
|
روزىيوف . مۇھەممەت ئەپەندىم غۇلجىنىڭ بىر كەمبەغەل كىشىنىڭ ئائىلىىسدە تۇغۇلغان بولۇپ ، كىچىكىدىن تىرىشچان بالا بولغاچقا ، ئۇنىڭ نەتىجىسىمۇ سىنىپنىڭ ئالدىدا ئىدى . روزىيوف . مۇھەممەتنىڭ پەننىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولۇشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ «كىتاپپۇرۇش» ئىكەنلىگىنى بىلدۈرمەيدۇ ، ئۇ تەنتەربىيە قىزىقىدىغان جۇشقۇن بالا ئىدى ، ئۇنىڭ مەيدانلاردا ، كوچىلاردا ، مەھەللىلەردە ھەرۋاقىت چىپىپ يۈرگىنىنى كۆرگىلى بولاتتى . ئۇنىڭ قولىدىن كىتاپ چۈشمەيتى , كىتاپ چۈشسىلا چىنىقاتتى ، لېكىن چىنىقىش ئەسۋابىنىڭ يوقلىقى ئۇنى داۋاملىق قانداق چىنىقىش توغرىسىدا قىينايتى ، ئۇ كۈندە ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ، ئەسكى پۈسكى لاتىلارنى يىغىپ بىر لاتىنىڭ ئىچىگە تىقىپ ، « لاتا توپ » دىن بىرنى ياساپ چىقتى ھەمدە كۈندە ئاغىنىلىرى بىلەن بۇ « لاتا توپ » يىرتىلغىچە ئوينايتتى ، يىرتىلىپ كەتسە يەنە بىر « لاتا توپ » پەيدا بولاتتى .........
مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ، روزىيوفنىڭ بەدەن سۈپىتىمۇ خېلى ياخشى بولغاچقا مەكتەپنىڭ ۋالىبول كوماندىسى قاتناشقان بولۇپ ، بۇ كوماندىدا ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىسى ئوقۇتقۇچى ئىدى . ئۇ بۇ كوماندىدا تۇرۇپ مۇسابىقە ئويناش ئارقىلىق تەنتەربىيىگە بولغان قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشقان . 1951-يىلى9-ئايدا روزىيۇف شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستۇتىغا(شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى ) ئۇقۇشقا كىرگەن ، ئۇ بۇ مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن ، مەكتەپنىڭ پۇتبۇل كوماندىسىغا قىزىقىپ قالغان ھەمدە كوماندىغا ئەزا بولغان ھەمدە نەتىجىسى ئالاھىدە بولغاچقا ، مەكتەپ تەرىپىدىن ئېلىپ قىلىنغان . 1953-يىلى 5 -ئايدا ، مەركەزنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن شىمالى رايۇنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى بولغان ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىتتىپاق كومىتىتى رايۇنىمىز ئىچىدىن پۇتبۇلچى تاللاپ بىر پۇتبۇل كوماندىسى قۇرماقچى بولغان ، لېكىن ئۇ چاغدا شىنجاڭدا تېخى تەنتەربىيە كومىتىتى بولمىغاچقا ، كوماندا ئەزالىرىنى قانداق تاللاش ناھايىتى تەسكە توختىغان ؟
ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئىتتپاق كومىتىتى رايۇنىمىزدىكى بارلىق كوماندىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ ، بىرلەشمە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق 15 نەپەر توپچىنى تاللىماقچى بولدى . ئۇزاققا قالماي ، غۇلجا ، چۆچەك قاتارلىق جايلاردىن كوماندىلار بۇ مۇسابىقىغا قاتنىشىش توغرىسىدا ئىلتىماس يازدى .
بۇ كوماندىلارنىڭ ئىچىدە روزىيوف . مۇھەممەت تۇرۇشلۇق شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستۇتى كوماندىسى بىلەن ئۈرۈمچى 1- دارىلمۇئەللىم كوماندىسىمۇ بار ئىدى . بۇ بىرلەشمە مۇسابىقە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كادىرلار مەكتىۋىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، ھەرقايسى كوماندىدىكى توپچىلار ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىغا تالىنىدىغانلىقىنىمۇ بىلمىگەچكە ، ئادەتتە ئوينىغاندەك ئويناپلا كەتتى ، روزىيۇفمۇ قىلچە جىددىيلەشمەي ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تېخنىكىسىنى تولۇق نامايەن قىلدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ نەچچە كۈن بولمايلا ، ئۇ شىنجاڭ كوماندىسىغا قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئاندىن بۇ ئىشنىڭ ئالدى كەينىنى بىلدى ، بۇ بىرلەشمە مۇسابىقە تۈگەپ ، 15 توپچى رەسمىي تاللىنىپ ، تۇنجى شىنجاڭ كوماندىسى قۇرۇلدى . بۇ كوماندىنىڭ ئىچىدە جەنۇپ شىمالدىن كەلگەن ئۇيغۇر ، تاتار ، ئورۇس دىن تەركىپ تاپقان ئىشچى ، ئوقۇغۇچى ۋە دىھقان بار ئىدى .
بۇ كوماندا لەنجۇدىكى غەربىي رايۇن مۇسابىقىسىگە قاراپ ماڭدى ، يەنى قارا ماشىنىدا 6 كۈن يۈرۈپ لەنجۇغا ئاران باردى . گەرچە يول جاپالىق ، يىراق بولسىمۇ لېكىن يۇقارقىدىكى مىللەتلەر بولغاچقا يول بۇيى ناخشا ساز بىلەن ماشىنىدىنمۇ بەكرەك چاڭ چىقىرۋەتكەن ئىدى .
غەربىي رايۇن پۇتبۇل مۇسابىقىسگە گەنسۇ ، شەنشى ، نىڭشىيا ، چىڭخەي ۋە شىنجاڭ قاتارلىق كوماندىلار قاتناشقان بولۇپ ، 3 كوماندىنى بىر گۇرۇپپىغا ئايرىغان ، ۋاقىت قىس بولغاچقا ، ھەرقايسى كوماندىلار تۈزۈك مەشىق قىلمايلا مۇسابىقىنى باشلاپ كىتىدۇ .شىنجاڭ كوماندىسى تېخى يېقىندىلا قۇرۇلغان كوماندا بولغاچقا ماسلىشىش ۋە باشقا جەھەتلەردە باشقا كوماندىلاردىن ئاجىز ئىدى . لېكىن بەدەن سۈپىتى ياخشى بولغاچقا ( ھەجەپ تۇنۇش گەپقۇ بۇ ، ھازىر بۇمۇ قالمىدى ) ، نەتىجىسى ئوتتۇرىدا بولدى . شىنجاڭ كوماندىسى غەبىي رايۇن تاللاش مۇسابىقىسىدىن تاللانغان بولغاچقا ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقىلى شاڭخەيگە بارىدۇ . شاڭخەيدىكى مۇسابىقىدە جىلىن ۋە شەندۇڭ بىلەن مۇسابىقىلىشىپ نەتىجىسى يەنىلا ئوتتۇرىدە بولىدۇ .
شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقىنى تۈگۈتۈپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، شىنجاڭ باگاڭ كوماندىسى ۋە ئاتۇش دىھقانلار كوماندىسى بىلەن دوستانە مۇسابىقە ئوينايدۇ .
1955-يىلى شىنجاڭ كوماندىسى ئاتۇش دىھقانلار كوماندىسى بىلەن دوستانە مۇسابىقىنى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا ئوينايدۇ ، بۇ چاغدا خەلق مەيدانىدا ئازات بولغانغا ئوخشاش ئادەم كۆپ ئىدى ، روزىيوف ئۆزىنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن شىنجاڭنىڭ شۇ چاغدىكى رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئالاھىدە كۆرىشىشىگە ئېرىشىدۇ . مانا بۇ تۇنجى شىنجاڭ كوماندىسى ۋە تۇنجى چولپانى مەنبە: نەرگىز<شىنجاڭ تەزكىرىيىسى>
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|