- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6820
- نادىر
- 16
- يازما
- 6820
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-27 21:37

پۇتبولنىڭ سېھرى كۈچى بەزىدە ئادەمنى چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدۈرسىمۇ ، لېكىن بەزىدە ساراڭ قىلىپ تاشلايدۇ .3-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى « BBC » نىڭ ئاشكارلىشىچە ،32 ياشلىق بىر نەپەر ئېنگىلاند توپ مەستانىسى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ، بىر مەيدان مۇسابىقىدىكى قىماردا مۇسابىقە نەتىجىسىنى خاتا پەرەز قىلىپ قۇيۇپ ،غەزەپ ئاچچىقىدا ئەمدىلا بەش ئايلىق بولغان قىزىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان .ئىگىلىنىشچە ،ئەنگلىيە باش سوتى ھازىر بۇ دىلوغا سوت ئېچىپ بۇ ئەسەبىي مەستانىگە 10 يىللىق كېسىم چىقارغان .
2011-يىلى 2-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان ياۋرۇپا ئۇزغانلىقتىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە ،ئارسىنال كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بارسېلونانى كۈتىۋالغان .مارك ئىسىملىك بۇ توپ مەستانىسى ، دەسلەپتە توپنى ئارسىنالدىكى ۋان پېرسى كىرگۈزىدۇ دەپ پەرەز قىلغان ، بىراق تۇنجى توپنى بارسېلونادىكى « قاپاق بالا » ۋېللا كىرگۈزگەن .گەرچە بۇ مۇسابىقىدە ، ئارسىنال كوماندىسى 2 : 1 نەتىجە بىلەن بارسېلونانى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن قاتتىق سەپرايى ئۆرلىگەن بۇ مەستانە ساراڭدەك ھەرىكەت قىلىپ قۇچىقىدىكى بەش ئايلىق بالىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن سىلكىپ ،ئاخىردا بۇ بىچارە بالا مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئېغىر زەخمىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن .
شۇ چاغدا ماركنىڭ ئايالى يۇقىرىقى قەۋەتتە يۇيۇنۇۋاتقان بولۇپ ،نەق مەيدانىدىكى بۇ پاجىئەدىن خەۋەرسىز قالغان .كىشىلەر ئەڭ كەچۈرەلمەيدىغان ئىش بولسا ،داۋالاش خادىملىرى يېتىپ كەلگەندە ،مارك قىزىنى يۇشۇرۇپ ،ئەڭ ياخشى قۇتقۇزۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان .« BBC » نىڭ يەنە ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا ،قىزى ئۈلۈشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ، پۇتبول سارىڭى مارك يەنە خاتا پەرەز قىلىپ قىزىنىڭ بىر تال قوۋۇرغىسىنى سۇندۇرۋەتكەن .
 |
|