- تىزىملاتقان
- 2012-12-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 176
- نادىر
- 0
- يازما
- 176
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇچقۇنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-27 16:15
2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى جەنۇبى ئامرىكا رايۇندىكى بىر مەيدان مۇسابىقە بولىۋىيە بىلەن ئارگنتىنا ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى،ئاخىردا مۇسابىقىە ئىككى تەرەپنىڭ 1:1تەڭلىشىپ قېلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.
گەرچە ئارگىنتىنا كوماندىسى كۈچلۈك دەپ قارالسىمۇ ،لىكن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئارگىنتىنا كوماندا ئەزالىرى ھەقىقەتەن مۈشكۈل بىر مەيدان مۇسابىقىنى باشتىن كەچۈردى.مۇسابقە مەيدانى جايلاشقان ئورۇن دېڭىز يۈزىدىن 3600مىتىر ئىگىز بولۇپ ئارگنتىنا كوماندا ئەزالىرى ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارىتتى،ئالدىنىقى يېرىم مەيدان ئاخىرلىشىپ ئارلىقتىكى دەم ئېلىشتا مىسسى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە قۇسىۋەتكەن،شۇنىڭ بىلەن كوماندا ئەزالىرى كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىغا كىچىكىپ قالغانلىقتىن مۇسابىقىنى بىر قانچە مىنۇت كىچىكتۈرگەن،دىمارىيا مۇسابىقە جەريانىدا ئوكسىگىن سۈمۈرگەن،مۇسابىقىدىن كىيىن مىسسى تەڭلىشىش بۇ مەيدان مۇسابىقىغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى نەتىجە دەپ قارايدىغانلىقنى بىلدۈدى.
بولىۋىيە زوڭتوڭى مىسسى مەستانىسى بولۇپ ،مۇسابىقىدىن كىيىن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلىدى،ھەمدە ئۇنىڭغا سوۋغات ۋە مىدال بەردى،مىسسىمۇ ئۆزىنى زۇڭتۇڭنىڭ يوقلاپ كەلگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇزى ئىمزا قويغان مۇسابىقە كىيىمىنى سوۋغا قىلدى.
بولىۋىيە زوڭتوڭى ئەسلى مۇسابىقىدىن بۇرۇن مىسسىنى يوقللىماقچى ۋە ئۇنىڭغا مىدال بەرمەكچى بولغان ،لىكىن بولىۋىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرغان،بولىۋىيە زوڭتۇڭى ‹مىسسى گەرچە ئارگىنتىنالىق بولسىمۇ لىكن جەنۇبى ئامرىكا ۋەكىلى ›دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
|
|