- تىزىملاتقان
- 2010-11-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3345
- نادىر
- 6
- يازما
- 3345
|
ئېنگلانىدنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم ئىچىمنى ئاچچىق قىلىۋالدىم ، ھەر قېتىم مۇشۇنداق قىلامدۇ دەيمەن ، ئاۋال توپ ئۇرۇپ بۇلۇپ يەنە تەڭلىشىپ قالدى . نۇمۇر پەرقى يەنە ئوخشاشلا 2 نۇمۇر . شۇنداق قىلىپ بۇ گۇرۇپپىدا كۈچلۈك سانىلىدىغان قارا تاغ ، پولشا ، ئۇكرائىنانىڭ ھىچقايسىنى ئۇتالمىدۇق ھەممىسى ئوخشاشلا 1:1 تەڭلىشىش ، ئۇتقاننىڭ ھەممىسى ئاجىز كوماندىلار . ۋىلشىرنىڭ مۇشۇنداق ھالىقلىق ۋاقىتتا يارلىنىپ قېلىشى ، ئەڭ مۇھىمى مۇشۇنداق ھالىقىلىق ۋاقىتقا كەلگەندە ئارقا مۇداپىئەچىلەرنىڭ ئارقا ئارقىدىن يىقىلىشى ، ئوتتۇرا بېكىمىزنىڭ ئادەتتە كوماندىسىدا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كۆپ بولمىغان سىمولىن بىلەن لەيسىكوتتىن تۈزۈلىشى مۇسابىقىدىن بۇرۇنلا خېلى ئەنسىرەتكەن ئىدى . قېرىشقاندەك مۇسابىقە باشلىنىپلا ئارقا ئارقىدىن ئىككى قېتىم تۈۋرۈك سۇقۇپ تېخىمۇ نېرىۋامغا تەگدى ، بۈگۈن يەنە تەلەي قېچىپتۇدە دەپ قالغان ئىدىم ، جىررادنىڭ توپ ئويناش ئۇسلۇبى ئېنگلانىددنىڭ ھۇجۇمىنى ئاقسىتىپ قويىدىكەن ، نىمە دىگەن كۆپ ئۇزۇن پاس ئۇ ، مەيلى ۋېلبىك مەيلى ئاشىلى ياڭ بولسۇن ھىچقايسى سول ھۇجۇمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغۇدەك ، قاراپ باقسام ئېنگلانىددا بۇ ئورۇننىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك ، ئىشقىلىپ مەسلە ناھايتى كۆپ ، ۋاي ۋۇي ياۋروپا لوڭقىسىدىن كېيىن كوماندىدا بىرەر ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلالمىدىم ، كۈچلۈك رەقىب ياكى مېھمان مەيداندا ئوينىغان مۇسابىقىدە چىرايلىقىراق ھۇجۇمدىن بىرەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ . سەۋىر قىلاي ياردارلار قايتىپ كەلسە چۇقۇم ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ ...
مۇسابىقە تۈگىكەندىن كېيىن ئۆزەمچە مۇشۇ گۇرۇپپىنى تەھلىل قىلىپ كېتىپتىمەن ، قاراپ باقسام قارا تاغ بىلەن ئېنگلانىدنىڭ ئوخشاشلا يەنە 4 مەيدان مۇسابىقىسى قاپتۇ ، قارا تاغ 2 ساھىبخان 2 مېھمان مەيدانكەن ، ئېنگلانىد 1 مېھمان 3 ساھىبخان مەيدانكەن ، بىر مەيدان قارا تاغ بىلەن ۋىنبۇلىدا ئوينىلىدىكەن ، يەنە بىر خەتەرلىك مېھمان مەيدان ئۇكرائىنا بىلەن ئوينايدىكەن (بۇ مۇسابىقىدە يەنە تەڭلىشىدۇ ھەقىچان) ، ئۆز مەيدانىمىزدا قارا تاغنى چۇقۇم ئۇتساق ، پولشانى ئۇتۇشقا كۆزۈم يېتىدۇ . قارا تاغنىڭ مېھمان مەيداندا پولشا بىلەن ئۆز مەيدانىدا ئۇكرائىنا بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىسى باركەن ، شۇنداق بولغاندا تەقدىرىمىز يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ قۇلىدا ، ئۆز مەيدانىمىزدا قارا تاغنى چۇقۇم ئۇتىشىمىز كېرەك (قارا تاغ ئىككى كۈچلۈك رەقىبىدىن 6 نۇمۇرنى تۇلۇق ئېلىپ بۇلالشىمۇ ناتايىن) ، شۇنداق بولغاندا ئاخىرىدا يەنە گۇرۇپپىدىن بىرنجى بۇلۇپ چىقىشىمىزدا ئۈمۈد زور ...
غەيرەت قىل ئېنگىلانىد ... |
|