- تىزىملاتقان
- 2010-11-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3420
- نادىر
- 6
- يازما
- 3420
|

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسنىڭ پارىژ سانىت گېرمان كوماندىسىنىڭ كۇزۇر ماھىرى ئىبراھىمنىڭ جازاسىنى يىنىكلەتكەنلىكى توغىرىسىدا خەۋەر بەردى . بۇنداق بولغاندا ئىبراھىمنىڭ جازا مۇدىتى 2 مەيداندىن 1 مەيدانغا قىسقىراپ ، بارسا بىلەن بولغان تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشالايدۇ ...
ئىبراھىم ئۇزغۇنلۇق 8\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسنىڭ تۇنجى ئايلانما ۋالۈنسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قىزىل كارتا يىگەن بۇلۇپ ، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇنىڭغا قارتا ئىبراھىمغا 2 مەيدان ئۇزۇغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىن چەكلەش جازاسىنى بەرگەن ئىدى . بۇنداق بولغاندا ئىبراھىم ۋالۈنسىيە بىلەن بولغان 2-ئايلانما مۇسابىقە شۇنداقلا بارسا بىلەن بولغان تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشالمايىتتى ( بۇنىڭ بىر مەيدان جازاسى ئىجىرا قىلىنىپ بولدى ) . ئەسىلى 2 مەيدان جازانى تۇلۇق ئەمىللەشتۈرگەن بولسا ئىبراھىم بارسا بىلەن بولغان تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشالمايىتتى ...
8 كۈچلۈك چەك تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن پارىژ سانىت گېرمان كوماندىسى بۇ جازا توغۇرلۇق ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەرىز سۇنۇپ ، جازانى 2 مەيداندىن 1 مەيدانغا چۈشۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى . بۈگۈن ئىسپانىيەدىكى « كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى » ، « دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى » قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرى بىراقلا ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمىنى ئاشكارلىدى ، يەنى ئىبراھىمنىڭ جازاسى 2 مەيداندىن 1 مەيدانغا قىسقىراپ ، بارسا بىلەن بولغان تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشالايدىغان بولدى !!
|
|