- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7098
- نادىر
- 16
- يازما
- 7098
|

3-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى « دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى » نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ،پورتۇگالىيە كوماندىسىدىكى داڭلىق چولپان كىرىستىئانو رونالدو دۆلەت كوماندىسىغا ئەگىشىپ ناھايىتى يىراق بولغان ئەزەربەيجانغا كەتكەنلىكى ئۈچۈن خان مادرىد كۇلۇبى رونالدونىڭ بۇ ئىشىغا قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن .يەنى ، رونالدو ھەم يارىدار ھەم مۇسابىقىگە قاتناشمايدۇ .لېكىن خان مادرىدقا قايتىپ يارىسىنى داۋالاتماي يەنە نېمە دەپ ئەزەربەيجانغا كېتىدۇ ؟
رونالدو ئالدىنقى ھەپتە ئىسرائىلىيە كوماندىسى بىلەن ئوينىغان دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە ،سېرىق كارتا ئىستېمال قىلىۋالغان بولۇپ ،سېرىق كارتا يىغىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن رونالدو كېيىنكى ئايلانما ئەزەربەيجان بىلەن بۇلىدىغان مۇسابىقىدە ئۈزلۈكىدىن مۇسابىقىدىن توختايدۇ .پورتۇگالىيە كوماندىسى بۇ مۇسابىقىنى مېھمان مەيداندا ئوينايدۇ .ئىسرائىلىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئارىلىقى 1639 كىلومېتىر ،شۇنداق بولغاندا رونالدونىڭ يېقىندىكى خەلقئارالىق مۇسابىقىسىدە پورتۇگالىيە ،ئىسرائىلىيە ،ئەزەربەيجان ،ئىسپانىيە بولۇپ ،جەمئىي 7269 كىلومېتىر مۇساپىنى تاماملايدۇ .بوشلۇقتىكى بۇ ئۇزۇن سەپەر رونالدونىڭ تەن -ساپاسىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ .ئاخىردا زىيان تارتىدىغىنى پەقەت رونالدولا بولۇپ قالماستىن بەلكى يەنە خان مادرىدمۇ بار ! بىراق رونالدونىڭ بۇ قېتىمقى تاللىشىنى توغرا دەپ قاراشقا بولىدۇ .چۈنكى پورتۇگالىيە كوماندا ئەزالىرى دۇنيادىكى قاتىل ھۇجۇمچى رونالدونىڭ مەدەت بېرىشىگە موھتاج ،مۇشۇنداق بولغاندا ئىلھام ئارقىلىق كېيىنكى قەدىمىنى ئۇڭۇشلۇق باسالايدۇ !
 |
|