- تىزىملاتقان
- 2011-6-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4041
- نادىر
- 6
- يازما
- 4041
|
خوتەن پۇتبول بىرلەشمىسىدىن بارلىق كوماندا ئەزالىرىغا :
بۇ پەسىللىك خوتەن بىرلەشمىسى باشلانغاندا ھەر بىر كوماندىدىن 800يۇەندىن پۇل يىغقان . بۇنىڭ 500 يۇەنىنى مەيداننىڭ ئىگىسىگە بەرگەن . قالغان 300يۇەن كوماندىنىڭ رەنە پۇلىسى . ئۇ 300 يۇەن كوماندىنىڭ بىرلەشمە قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلماسلىقى ئۈچۈن يىغىلغان . ئەگەر شۇ كوماندا بىر پەسىللىك مۇسابىقىسدە ھەر قېتىم مەيدانغا ۋاقتىدا چىقىپ مۇسابىقىسىنى ياخشى ئويناپ مەيداندا قالايمىقان گەپ-سۆزدە بولمىسا ، قىزىل كارتا ئىستىمال قىلىۋالمىسا ئۇ 300 يۇەن پۇل مۇشۇ پەسىللىك مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا قايتۇرۇپ بىرىلىدۇ . بىرلەشمە ئەزالىرى بىرەر كوماندىنىڭ 1 يۇەن پۇلىسىنى يۇتىۋالمىدى ، ھەم يۇتىۋالمايدۇ. بىرلەشمىدىكى ئەزالار سىلەر ئۈچۈن مىللىتىمىزنىڭ پۇتبولچىلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن خالىس كۈچ چىقىرىۋاتقان پىدائىلادۇر ...
بەزى كوماندا ۋە كوماندا ئەزالىرى بىرلەشمە ئەزالىرىغا بىرەرنەرسە ئۆتكىزەپ قويغاندەك گەپ سۆزلەرنى قىلىپ بىرلەشمىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتىسىلەر . سىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىڭلار توغرىما ؟ بىرلەشمىنىڭ قائىدىسى بىر كوماندا ياكى ئىككى كوماندا ئۈچۈنلا چىقىرىلغان ئەمەس . بەلكى بارلىق كوماندىلار ئۈچۈن چىقىرىلغان . ھەممە كوماندا ئۈچۈن ئوخشاش چىقىرىلغان . ئوخشاش ئىجرا قىلنىدۇ .
مۇسابىقە ۋاقتىغا رىئايە قىلماي كىچىكىپ باشقا كوماندا ئەزالىرىنى ساقلىتىشقا بولمايدۇ . ئەگەر كىچىكىپ قالسىڭىز پەقەت 10 مىنۇت ساقلىنىدۇ . 10 مىنۇت توشقان ھامان دۈدۈك چېلىنىدۇ . كىچىككەن ، ۋەياكى چىقمىغان كوماندا بىردەك 6:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرغان بولىدۇ . بەزىكوماندا ئەزالىرى بۇنىڭغا قايىل بولمىدىڭلا ، بىر لەشمە ئەزالىرى سىلەرنى كىچىكىپ چىقىڭلار دىمىگەن ، ۋاقتىنى ئىنىق قىلىپ تورغا چىقارغان ، كىچىكىپ چىقىش ئۆزۈڭلاردىكى خاتالىق . بىرلەشمىدىن ۋە بىرلەشمە ئەزالىرىدىن نارازە بولۇش ھوقۇقۇڭلار يوق .
باشقا كوماندا بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە چوقۇم تىزىملىكتە بار ئەزالار مۇسابىقىگە قاتنىشىش كىرەك . ئەگەر مۇسابىقىگە تىزىملىكتە يوق ئەزالارنى قاتناشتۇرسىڭىز نەتىجىڭىز بىكار قىلىنىدۇ ، شۇ تىزىملىكتە يوق ئەزا قاتناشقان مۇسابىقىڭىز بىردەك 6:0 نەتىجى بىلەن ئۇتتۇرغان ھىساپلىنىدۇ . رىپىرغا كوماندا ئەزاسىنىڭ ئىسمىنى خاتا دەپ بىرىپ تىزىنلىكتە يوق ئەزانى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇپ مۇسابىقىلىەشكەن كوماندىمۇ يوق ئەمەس بار ، خاتالىق ئۆزىدە تۇرۇپ يەنە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھوقۇقۇڭىز ئەسلا يوق .
بۇندىن كىيىن يەنە شۇنداق ئىشلار يۈز بەرسە بىرلەشمە چوقۇم شۇ كومادىغا ئېغىر چارە كۆرىدۇ .
بەزى كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئۆز قىلمىشىنى ئەستايىدىل ئويلىشىشى لازىم .
خوتەن پۇتبول بىرلەشمىسى
خوتەن بىرلەشمىسى تور تەشۋىقات ئىشخانىسى ، پۇتبولچى مۇنبىرى
|
|