- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6765
- نادىر
- 16
- يازما
- 6765
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-23 00:12

شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى : 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ، كوتېدىۋار دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى لاماچى ،تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسنىڭ گالاتا ساراي كوماندىسدا توپ ئويناۋاتقان داڭلىق ھۇجۇمچى دېرۇگبادىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ،شۇندقلا دېرۇگبانىڭ دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 2014-يىلدىكى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى .شۇنداق بولغاندا بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن بۇ ھۇجۇمچىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىن رەسمى خۇشلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .
مەشقاۋۇل لاماچىنىڭ دېرۇگبانى دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتماسلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ،دېرۇگبا يېقىندىن بۇيان تۇلا كۇلۇب ئالماشتى .مەشىق قىلغان ۋاقتى ئاز ،دېرۇگبانىڭ ھازىرقى ھالىتى ئەينى چاغدىكىگە ئوخشىمايدۇ .ئىلگىرىكىدىن چېكىنىش كۆپ ،بۇ ھالىتى بىلەن دۆلەت كوماندسدا توپ ئويناشقا ماس كەلمەيدۇ .يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كوتېدىۋار دۆلەت كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى ئادەتتىكىدەك ،لاماچى ھازىر يېڭى قان ئالماشتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ .دۆلەت ئىچىدىن تۆت نەپەر پۇتبولچىنى چاقىرتقان .ئەمدى مۇشۇ پۇتبولچىلار تورى ئاكا -ئۇكىلارنىڭ باشلامچىلىقىدا 2014-يىلىغا يۈرۈش قىلماقچى ....
 |
|