بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 22kaka22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-21 03:23
‹ئەخلەت› دىسەم كىمدۇ دەپ قالماڭلا دوسلا ، بۇلار ھەرگىزمۇ ئەخلەتلەر ئەمەس ، ئەينى ۋاقىتتا بىزگە پۇتبولنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھىس قىلدۇرغان ، لىكىن پۇتبول ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نوقتىلىرىدا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىپادىسى چىكىنىپ كەتكەن شۇ ئۆچمەس چولپانلار ! توغرا ، مەن شۇنداق ئويلايدىغان ئۆچمەس چولپانلار !
بۇ ئاتالمىش ‹ئەخلەت›لەر (بەزى تورداشلار نەزىرىدىكى) تىلغا ئىلىنسا بىرىنچى بولۇپ ئىسىمگە كىلىدىغىنى مەن ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇردىغان پۇتبولچى كاكا ئىسىمدىن كىچىدۇ ! توغرا ، ئۇ مادىردقا كەلگەندىن باشلاپ ئىپادىسى مىلاندىكىدەك ياخشى بولمىدى ، مادىردقا كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تەن سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىق سەۋەبى بىلەن مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى ئاز بولدى ، ۋە شۇ سەۋەب بىلەن ئىپادىسى چىكىنىشكە باشلدى . كاكاغا نىسبەتەن مادىردقا كەلگەندىن كىيىنكى تۇنجى قىتىملىق مۇھىم مۇسابىقە ھىسابلىنىدىغان دولەت دىربىسىدا تىرىنىر پىلەيگىلىنى تەرپىدىن مۇسابىقە مەغلۇبىيتىنىڭ ‹باش جىنايەتچىسى› قىپ قويغاندىن تارتىپ كاكا بارا-بارا ئاساسلىق ئەزالىق ئۆرنىنى تارتقۇزۇپ قويۇشقا باشلىدى .
2010-يىللىق جەنبى ئافرىقا دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە كاكا يەنە شۇ ياخشى ئىپادىسى بىلەن بىرازىلىيە دولەت كامادىسىنىڭ يادروسى ئىدى ،شۇنداقلا ھالاكەت گۇرپىسىدىن بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا بىرىنچى بولۇپ چىقۋىلىشىغا توھپە قوشقان ئىدى ،لىكىن ئىنتايىن ئەپسۇسلنارلىقى 4كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە مىلونىڭ ئورۇنسىز ئىشلىگەن ھەركىتى بەدىلىگە ئىرىشكەن بىر قىزىل كارتا بىرازىلىيە كوماندىسنىڭ ، شۇنداقلا كاكانىڭ دۇنيا لۇڭقىسى چۈشىنى بەربات قىلدى !
دۇنيا لۇڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىدىن كىيىن مادىرىد يەنەبىر ‹مۇنەۋەر تىرىنىر›نى كۈتۋالدى ، بۇ ‹مۇنەۋەر تىرىنىر› مادىرىدقا بىر قانچە ‹ئۈمۈدلۈك چولپان›لارنى ئىپ كەلدى . شۇنىڭ بىلەن كاكانىڭ ‹ئەخلەت›كە (بەزى تورداشلار نەزىرىدىكى) ئايلىنىش سەپىرى رەسمىي باشلاندى ! مۇرىنخو مادىرىتقا كىلىپلا دۇنيا لۇڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى قالتىس بولغان ئۆزىل بىلەن ئىپادىسى ئادەتتىكىچە ، ھەتتا ئارگىنتىنالىقلا نىمە ئۈچۈن ئۇ دۇنيا لۇڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن دەپ ئەيىپلەنگەن توپچى دىمارىيانى ۋە بىرقانچە توپچىنى مادىرىتقا يوتكەپ كەلدى ، كاكا دەل مۇشىلارنىڭ قۇربانى ، كاكانىڭ مەيداندىكى توپ ئويناش ئۇسلۇبىڭ بوشلىقى ئۇنىڭ ‹مۇنەۋەر تىرىنىر›تەرپىدىن ئىشلىتىلىشتىن ۋاز كىچىشتىكى باھانىسى بوپ قالدى دەپ ئويلايمەن . ئۇزۇن مەزگىل مەيدانغا چىقامماسلىق سەۋەبى بىلەن كاكانىڭ ئىپادىسى تىخىمۇ چىكىنىشكە باشلىدى ، بارا-بارا بۇ ئۆزىل ياكى دىمارىيانىڭ ئورنىغا چىقىدىغان ، ئاخىرغا بىرىپ مۇشۇلارنىڭ زاپاس ئەزاسىنىڭمۇ زاپاس ئەزاسى بوپ قالدى ! مەن بۇلارنى ئاساسەن شۇ ‹مۇنەۋەر تىرىنىر›نىڭ ئۆزگىچە شەخسىيەتچىلىكىدىن كۆرىمەن ،كاكانى ھازىرقىدەك ‹ئەخلەت›(بەزى تورداشلار نەزىرىدىكى) ئاتالدۇرۇشقا شۇ ‹مۇنەۋەر تىرىنىر›نىڭ بىر كىشلىك ھەسسىسى بار ! بۇنداق دىسەم چۆچۈپ كەتمەڭلا ، ئەلۋەتتە ، بىر كوماندىنىڭ تىرىنىرى بولغان ئىكەن كىمنىڭ مەيدانغا چىقىشى كىمنىڭ چىقماسلىقىنى بەلگىلەش ھوقوقى شۇ كىشىنىڭ قولىدا بولىدۇ ! كىمنى چىقارغۇسى كەلسە شۇنى چىقىردۇ ، بولۇپمۇ ئۆزى ياقتۇردىغان توپچىلارنى چىقىردۇ ! بۇنداق دىيشىتىكى ئاساسىمنى تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتتىن كورۋالغايسىلە ! بۇ سانلىق مەلۇمات بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ :
كاكا ، ئۆزىل ، دىمارىيانىڭ ئايرىم ئايرىم مادىرىتتا قاتناشقان تۈرلۈك ھەقىقى مۇسابىقىلەر: كاكا 62 مەيدان مۇسابىقا ئويناپ 20 توپ كىرگۈزۈپ ، 20 پاس چىقارغان ؛ ئۆزىل 100 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 16 توپ كىرگۈزۈپ 49 پاس چىقارغان ؛ دىمارىيا بولسا 74مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 15توپ كىرگۈزۈپ 30 قىتىپ پاس چىقارغان !
يۇقارقى سان سىفىرلارنى شۇ توپچىلارنىڭ قانداق شارائىت ئاستىدا قولغا كەلتۈرۈگەنلىك ھەممەيلەنگە ئايان ! دىمارىيا بىلەن ئۆزىل ‹مۇنەۋەر تىرىنىر›نىڭ ئاتالمىش «ياقتۇرۇملۇق ئەزالىرى»، كاكاچۇ ؟قاچان قارىسا زاپاس ئەزا بوپ قالىدىغان ، ياكى قاچان قارىسا مەيداندىن چۈشۈرۋىتىلىدىغان ئەزا ! مەن مۇشۇ يەردە شۇنى دىگۈم كىلۋاتىدۇ ، بۇ ھەممە كىشىنىڭ نەزىرىدىكى ‹مۇنەۋەر تىرىنىر› مىنىڭ نەزىرىمدە ھەقىقەتەن ‹مۇنەۋەر› ئەمەس ! بۇ ئاتالمىش ‹ئەخلەت›كە (بەزى تورداشلار نەزىردىكى) ئەگەر يۇقارقىلارغا ئوخشاش پۇرسەت بىرىلگەن بولسا بۇنى ھازىر ھىچكىممۇ ‹ئەخلەت› ئاتىمىغان بولاتتى !
ھەر ھالدا بۇ ئاتالمىش ‹ئەخلەت›نىڭ يىقىنقى بىر قانچە مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ھەر ھالدا يامان ئەمەس ، مۇشۇ بويىچە ئىپادىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ‹ئەخلەت› ئاتىغانلارغا ‹چىرايلىق› جاۋاب قايتۇرشىغا تىلەكداشمەن !


بۇ ئوچمەس چولپاننىڭ كىيىنلىكى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئىلگىرى بىزگە پۇتبولنىڭ گۈزەللىكىنى ھىس قىلدۇرغان ، بىزنىڭ ئەسلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ !

بىزنى ئىچىندۇرۇپ قۇيغان يەنە بىر پۇتبولچى توررىس . گەرچە بۇ پۇتبولچىنى تىخى ھىچكىمنىڭمۇ ‹ئەخلەت› ئاتىغىننى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ ، لىكىن قىزىل قوشۇندىن ئايرىلىپ چىلسىغا كەلگەندىن بۇيان ئىزچىل ئىپادىسىنى تاپالماي بىزنى ئۈمۈدسىزلەندۈرۋاتقىنى يالغان ئەمەس ! گەرچە شۇنداق بولسىمۇ مەن بۇ ئىسپانىيەلىك ئالتۇن ئۆسمۇرنى ھىچكىمنىڭ ‹ئەخلەت› ئاتىماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ! چۈنكى بۇمۇ ئوخشاشلا بىزگە پۇتبولنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھىس قىلدۇرغان ! مادىرىد ئاتلىتكادىن باشلىنىپ ئىسپانىيە دولەت كوماندىسىغىچ ، تاكى قىزىل قوشۇندا جىرراد بىلەن بىلەن ھاسىل قىلغان ‹گۈزەل ھۇجۇم سىپى› ھىلى ھەم يادىمدا ، سىلەرنىڭمۇ يادىڭلادا بامۇ؟؟
بىزگە نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەسىلىمىلەرنى قالدۇرغان ، لىكىن ئوخشاشلا پۇتبول ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نوقتىسىدىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنى يوقۇتۇپ قويغان يەنە بىر ئۆچمەس چولپان بار ، يەنى ئىنگىلادلىق ئالتۇن ئۆسمۈر ئوۋىن !

98-يللىق دۇنيا لۇڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ئايالانى كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردىغان سۈرىتى بىلەن تاشلىۋىتىپ كىرگۈزگەن شۇ توپىدىن باشلاپ بۇ پۇتبولچى مىنىڭ شۇنداقلا مەن بىلەن دەۋىرداشلارنىڭ قەلبىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالغان دەپ ئويلايمەن ! لىۋىرپولدا جىرراد بىلەن شۇنداق شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان بۇ پۇتبولچى ، مادىردقا يوتكىلىپ كەلگەندىن كىيىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىپادىسىنى يوقۇتۇشقا باشلىدى ، كىيىن نىۋكاستىل ، ئاندىن كىيىن مانچىستىر بىرلەشمىلىرگە بارغاندىن كىيىنمۇ بۇرۇنقى ئىپادىسىنى تىپىپ بولالمىدى . ئەلۋەتتە ئوۋىننىمۇ ھىچ بىر كىشى ‹ئەخلەت› دىمەيدۇ ، ھەمدە ئۇنداق دىمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن ! ئۇمۇ بىزگە ئاز بولمىغان ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ! ئوۋىن پۇتبول ساھاسىدىن چىكىنىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ ، بۇنىڭمۇ ئەينى چاغدىكى ئىسىل ماھارەتلىرىنى ئەسلەپ قويايلى !
ئەسكەرتىش : يۇقارقى يىزلىغانلىرى پەقەتلا ئۆزۈمنىڭ كۆز قارشى بەزى تورداشلارنىڭ ئارتۇقچە ئويلۇنۇپ كەتمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلمەن ! ھەممىمىزنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قارشى بولىدۇ ئەلۋەتتە ، مۇنازىرە بولسا مۇنازىردەك بولسۇن ! |