elan ornielan orni
كۆرۈش: 1209|ئىنكاس: 32

دۆلەتلىك كوماندىنىڭ رەت تەرتىپى 109- ئورۇندا، كاماچو 10نىڭ ئىچىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەۋدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-20 08:17  

     

     خانبالىق ۋاقتى 3- ئاينىڭ 19- كۈنى، ‹فىرانسىيە پۇتبولى›نىڭ بىر قىتىملىق سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2012- يىللىق پۇتبول ساھەسىدىكى مەشقاۋۇللارنىڭ كىرىمىنى رەتكە تۇرغۇزغاندا، مورىنخو 14مىليۇن ياۋرو بىلەن 1- ئورۇندا تۇرغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز پۇتبول ساھەسىدىكى ئىككى داڭلىق مەشقاۋۇلمۇ بۇ سەپتىن ئورۇن ئالغان، ئۇلار لىپى (11مىليۇن) ۋە كاماچو (6مىليۇن 100مىڭ) بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3- ۋە 10- ئورۇنغا تىزىلغان.

   
بۇ تىزىملىككە كىرگەن 10 داڭلىق مەشقاۋۇلنىڭ رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
رەت تەرتىپى                          ئىسمى                                                  يىللىق سىمكاسى(بىرلىكى: ياۋرو)
      1                                  مورىنخو (خانلىق مادرىد)                         14مىليۇن
      2                                  ئەنچىروتتى(پارىز سانىت گىرمان)              12مىليۇن
      3                                  لىپى(گۇاڭجۇ خېڭدا)                                11مىليۇن
      4                                  خىددىنىك(ئەنجى)                                  10مىليۇن 800مىڭ
      5                                  داگلىش(لىۋىرپول)                                   10مىليۇن
      6                                  ۋىنگىر(ئارسىنال)                                    9مىليۇن 400مىڭ
      7                                  كاپىرو(روسىيە)                                       9مىليۇن 200مىڭ
      8                                  مەنچىنى(مانچىستىر شەھىرى)                   7مىليۇن 600مىڭ
      9                                  فۇرگېسىن(مانچىستىر بىرلەشمىسى)            7مىليۇن 500مىڭ
    10                                 كاماچو(جۇڭگو)                                      6مىليۇن 100مىڭ

     پارىژ سانىت گىرماننىڭ مەشقاۋۇلى ئەنچىلوددىنىڭ يىللىق سىمكاسى 12مىليۇن ياۋروپ بولۇپ 2- ئورۇنغا تىزىلغان. ئىتالىيىلىك گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىنىڭ مەشقاۇلى 11مىليۇن ياۋرولۇق سىمكاسى بىلەن 3- ئورۇنغا تىزىلغان. بۇ تىزىملىكتە، ۋىنگىر(9مىليۇن 400مىڭ) 6- ئورۇنغا، كاپىرو (9مىليۇن 200مىڭ )7- ئورۇنغا، مەنچىنى (7مىليۇن 600مىڭ) 8- ئورۇنغا، فۇرگېسىن (7مىليۇن 500مىڭ) ئارانلا 9- ئورۇنغا تىزىلغان.
     جۇڭگو دۆلەتلىك كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى كاماچومۇ ھەم بۇ تىزىملىككە شۇڭغۇپ كىرگەن، ئۇنىڭ يىللىق سىمكاسى 6مىليۇن 100مىڭ ياۋرو(50مىليۇن يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) بولۇپ 10- ئورۇنغا تىزىلغان. كاماچونىڭ سىمكاسى سىپىرىدى، خايىنكىس، بوئاس، بىنىتىز، رىجىكارد ۋە بىلانوۋا قاتارلىق داڭلىق مەشقاۋۇللارنىڭكىنىمۇ بىسىپ چۈشكەن، بارسىلونا باش مەشقاۋۇلى ۋىلانوۋانىڭ يىللىق سىمكاسى 4مىليۇن ياۋرو، كاماچونىڭكىدىن تېخى يەنە 2مىليۇن 100مىڭ ياۋرو ئاز. تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى، كاماچونىڭ يىللىق كىرىمى ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگە كىردى، دۆلەت كوماندىسىنىڭ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى باھالىشىدىكى رەت تەرتىپى ئالدىنقى 100نىڭ ئىچىدىن چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن رىكورتنى يارىتىپ 109- ئورۇندا تۇردى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-20 10:20:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەسەيلەرگە مىڭ داڭلىق تىرىنىر ئەكەلسىمۇ ئوخشاش  قىنىدا ئازراقمۇ پۇتبۇل ھۆجەيرىسى يوق شۇ پۇلنى بىزگە بەرسە  بۇلاتتى .  دۆت بەسەيلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-20 10:23:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭى رىكورتلار توختىماي يارىتىلىۋاتىدۇ....
  پۇتىدا تۈك يوق ئادەم توپ تىپىمەن دەپ چوڭىغا ئېسىلغۇچە، كىچىكرەك بولسىمۇ تىكتاك توپىنى ئويناپ تۇرسا بولماسمىتى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-20 10:32:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەسەيلەگە تاشقى پىلانىتىن تېرنىر تەكلىپ قىلىپ ئېكىلپ بەرسمۇ بىكار ، يەنىلا شۇ 100يىللق كۆرەش ئۇچۇن ئاتىلنىۋىردۇ، پۇتبۇلنى بىزنىڭ مىللىتمىزگە قويۇپ ئۆزى تىك-تاك توپ ئوينسا بولمامدۇ ، ئىسىت كاماچاۋغا بەرگەن پۇلنىڭ كۆزى ئوچۇق كەتتى دە،،،،پۇتبۇل ھۇجەيرسى يوق بەسەيلەر ،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-20 10:41:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بەسەيلەرگە ئەڭ ياخشىسى شۇلارنىڭ ئويناش ئۇسۇلىنى، بەدەن سۈپىتىنى ياخشى چۈشىنىدىغان  ھېلىقى تۇڭگاندەك تېرنىر بولسا نەتىجىسى ياخشى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-20 10:49:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
109 - ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بولسا كەينىدە قانچە دۆلەت قالغاندۇ ..
سىمكاسى دىگەن كىرىمنى  دىگەن گەپمۇ،، بولسا مۇشۇ تىما يوللىغاندا ئورتاق تىل ئىشلىتىلسە ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-20 10:59:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلەت  كوماندىسى نىپال،ھىندىستان،تايلاند،مالايسىيا،ئاندىن مۇشۇكەمگۈچە ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان بىرنەچچە دۆلەت بار شۇلار بىلەن ئايرىم دۇنيا لوڭقىسى تەشكىللەپ باقسا بولامىكىن بوممىسا دۇنيا لوڭقىسىغا كىرىش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنچىم بار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-20 11:26:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بولماپتۇ. ئالماشتۇرۇڭلار بولدى بەسەيلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-20 12:17:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-20 12:20:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەلۋان يوللىغان ۋاقتى  2013-3-20 12:17
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ بەسەيلەر جۇڭچاۋ گۇاڭجۇ خېڭدا ...

ئىچىم ئاغرىپ قالدى بىچچەرە دەۋلىتىمگە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-20 12:36:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-20 13:01:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋرۇنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا قانچە پۇل بولا  لىپىنىڭ  مۇئاشى  ھەجەپ كۆپكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-5 23:47

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش