- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6759
- نادىر
- 16
- يازما
- 6759
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-20 00:08

گوتزى تاياق يەپ كەتتى ؟ توغرا ، لېكىن سېرىق ھەرە دورتىموند كوماندىسىنىڭ يادروسى ،گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسنىڭ غوللۇق ئەزاسى ،كىشىلەر تەرىپىدىن « گېرمانىيىلىك مېسسى » دەپ نام ئالغان گوتزى ئەمەس ، بەلكى گوتزىنىڭ بىر قورساق ئاكىسى فابىئەن گوتزى ،ئالدىنقى كۈنى ئوينالغان گېرمانىيە تۆۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمىسنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسدە ،ئىلگىرى گېرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسدە توپ تەپكەن بىر پۇتبولچى تەرىپىدىن ئۇرۇۋېتىلگەن .ئاخىردا بۇ پۇتبولچىغا باش رېپىر قىزىل كارتا چىقارغان .بۇ ئىشنىڭ سەۋەبى بولسا ، ئىككىسى مۇسابىقە جەريانىدا ئازىراق تۇقۇنۇشۇپ قالغان .
كىلۇن ئىككىنچى سەپ كوماندا بىلەن بوخۇم ئىكىنچى سەپ كوماندا ئوتتۇرسىدىكى بۇ مۇسابىقىدە ، كىلون كوماندىسىدىكى سىتىرلىت ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ئارام ئالدىغان چاغدا ، زال ئىچىدە ساقلاپ تۇرۇپ بوخۇم كوماندىسىدىكى فابىئەن گوتزىنى ئۇرۇپ كەتكەن .كېيىن ،10 ئادەم بىلەن قالغان كىلون 0 : 4 نەتىجە بىلەن بوخۇمغا ئۇتتۇرۇۋەتكەن .بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن سىتىرلىت ئىلگىرى فىرانكىفورت ۋە شالىك 04 كوماندىسدا توپ تەپكەن .پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ ئاخىردا تۆۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمىدە توپ ئوينىغان .
 |
|