- تىزىملاتقان
- 2007-8-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 705
- نادىر
- 0
- يازما
- 705
|
ئالدى بىلەن ۋولقان كوماندىسىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي:\
ۋولقان كوماندىسى ، تۇلۇق ئىسمى ، l'equipe sportif volcan
قايتا قۇرۇلغان ۋاقتى 2011-يىلى
قۇرۇلغان ئۇرۇن: ئوۋەغنىيا ، فىرانسىيە
بۇ كوماندا 2011-يىلى ئەسلىدىكى جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار پۇتبول كوماندىسى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان بۇلۇپ ، كوماندىدا مۇشۇ يەردە تۇرۇشلۇق ھەم ئوقۇۋاتقان جوڭگۇ پاسپورتى بارلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ، كوماندىدا خەنزۇ ، ئويغۇر ، مۇڭغۇل ۋە چوسان قاتارلىق مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان .ئىككى قېتىم فىرانسىيىدىكى جوڭگۇ مۇھاجىرلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بىر قېتىم 8 كۈچلۈككە كىرگەن . ئەمدى بۇ كوماندىنىڭ خەۋېرىنى يىزىشتىكى مەقسىتىم بولسا ئۆزەم مۇشۇ كوماندىدا توپ ئوينايمەن . بىز ھەرشەنبە كۈنى بىر كۈن 7 كىشلىك ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمىسىگە قاتنىشىپ كىلۋاتىمىز. ھەمدە ھەر يەكشەنبە ئەتېگەن ۋە سەيشەنبە كەچتە مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتېمىز ئاساسىي مەقسەت بولسا بۇ قېتىم لىيوڭدا ئۆتكۈزۈلدىغان جوڭگۇ مۇھاجىرلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى .
بىز 3-ئاينىڭ 16- كۈنى ياپۇنىيە كورىيە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدۇق ، مۇسابىقە 8 كىشلىك.
ئالدىنقى مەيداندا ئىككىلى تەرەپ ئېھتىيات قىلغان ئاساستا مۇداپىيە ئوينىدى كىيىنكى مەيدان مەن ئالمىشىپ چۈشۈپ 3 مىنۇتتا بىر توپ ئۇردۇم ، ئاندىن قارشى تەرەپ ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ ئارقا ئارقىدىن 2 توپ ئۇرېۋالدى ، بىزمۇ ئارقا ئارقىدىن ئادەم ئالماشتۇردۇق ، چۈنكى بۇلارنىڭ بەدەن ساپاسىي ھەممەيلەنگە ئايان . مۇسابىقە ئاياقلىشىدىغانغا 5 مىنۇت قالغاندا بىز تەرەپتىكى قارېۋاي موسا ( جوڭگۇنىڭ كىيوغلى ) بىر توپ ئۇرۇپ نەتىنجىنى تەڭلەشتۈردى . مۇسابىقە ۋاقتى قۇشۇپ بېرىلگەن باسقۇچتا قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسى ئۆز ۋارتاسىغا بىر كورنېر خائىن توپنى ئۈسۈپ قويدى شۇنداق قىلىپ ۋولقان كوماندىسى 2 قارشى 3 نەتىنجە بىلەن غەلبە قىلدۇق .
3-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋېيتنام خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار كوماندىسى بىلەن يەنە بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئوينىدۇق . بۇ كوماندا مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قالغان ۋېيتناملىقلار ۋە ئوقۇغۇچىلار شۇنىڭدەك شۇلارنىڭ ئاشخانا دۇكانلىرىدا ئىشلەيدىغان فىرانسۇز ۋە ئەرەبلەردىن تەشكىل تاپقان . مۇسابىقە باشلىنىپ مەن ئاساسلىق ئەزا قاتارېدا مەيدانغا چىقتىم ، بۇ قېتىم ئۆزۈم يالغۇز ھۇجۇم ئوينىدىم . مۇسابىقە داۋاملىشىپ 17 مىنۇت بولغاندا بىر قېتىملىق كاللا توپ تالىشىشتا قارشى تەرەپ ئەزاسى چەكلەنگەن رايۇندا توپنى بېلىقچىلاپ ئۈسكىلى ئېتىلسام يۈزۈمگە تېپىۋەتتى ، رېپىر بىر نۇقتا توپ قۇيۇپ بەردى . نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزدۈم. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 21 مىنۇت بولغاندا مەن يەكمۇ يەك بىر توپنى ئۇرالماي توپ يېنىپ چىقىپ بىزنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى چوسان ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەتىنجە 2دە 0 بولدى . مۇسابىقە داۋاملىشىپ بىرنچى مەيداننىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە مەن بىر سېرىق كارتا يىدىم . ئىككىنچى مەيدان باشلىنىپلا توپ ئۇرۇش جېڭىگە ئايلىنىپ كەتتى . مۇسابىقىنىڭ 33 ۋە 36 مىنۇتىدا قارشى تەرەپ ئارقا ئارقىدىن 2 توپ ئۇرېۋالدى . كىيىن بىزنىڭ بىر كالۋا بەسەي ۋارتارغا قارېماي پاس بېرىپ قارشى تەرەپ پۇتىغا تىگەپ كىرىپ كەتتى . 3دە 2 ئارقىدا قالدۇق . مۇسابىقە داۋاملىشىپ 44 مىنۇتىدا مەن بىر يىراقتىن توپ كىرگۈزدۈم ، مۇسا بىرنى ئۇردى . شۇنداق قىلىپ يەنە ئالدىغا ئۆتتۇق . لىكىن 49 مىنۇت بولغاندا مەن رىپىر بىلەن گەپ تالىشىپ قېلىپ قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن ھەيدەلدىم . بۇ مۇسابىقە ھەر مەيدىنى 30 مىنۇت بۇلۇپ ، قىزىل كارتا يىگەن تەرەپ ئەزاسى چىقىرۋېتىلگەندىن كىيىن 7 مىنۇتتىن كىيىن ئادەم چۈشۈرسە بۇلىدۇ. مەن چۈشۈپ كىتىپ نەچچە مىنۇتتىن كىيىن قارشى تەرەپ يەنە بىرنى ئۇردى ، مۇسابىقە تۈگەشكە ئاز قالغاندا بىزنىڭ موڭغۇل چىرىغ بىر توپ ئۇرۇپ مۇسابىقە غەلبىمىز بىلەن ئاياقلاشتى.
يەنە بىر خەۋەر بۇ قېتىمقى جوڭگۇ مۇھاجىرلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار ئېلان قىلىنىپ بولغان بۇلۇپ تىزىملاش تۈنۈگۈن كەچتە ئاياقلاشقان، مۇسابىقە 31-مارت ۋە 1-ئاپرېل لىيوڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە جەمىي 12 كوماندا تىزىملاتقان ، لىكىن بىز ئويغۇر قېرىنداشلارنىڭ پەخرى بولغان، ھەر قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچىنىڭ دائىملىق مىھمىنى پارىژ تارىم كوماندىسى تىزىملاتمىغان . ئوقۇشۇمچە بۇ يىل نۇرغۇن كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىمتاھان ۋە كەسپى باھالاشلا مۇشۇ مەزگىلگە توغرا كەپ قالغاچقا كىلەلمەيدىغان ئوخشايدۇ .
مەنبە: ئۆزۈم |
-
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50
تۆھپە + 10
شۆھرەت + 5
تەجرىبە + 5
باھا خاتىرىسى
|