ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 754 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئوۋىنⅡ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-19 19:18
بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە ئېنگلاندنىڭ داڭلىق چولپىنى ئوۋېن ئۆزىنىڭ سېنا مىكرو بلوگىدا مۇشۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كىيىن چىكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئوۋېن مىكرو بلوگىدا مۇنداق دىگەن:«كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەر! بۈگۈن ئالاھىدە بىر كۈن،مەن بىر قارارغا كەلدىم،مۇشۇ پەسىل مىنىڭ كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر يىل بۇلۇپ قالغۇسى،باشقا تەپسىلى مەزمۇنلارنى مىنىڭ شەخسى تور بېتىمدىن كۆرۈۋالغايسىلەر.»
ئوۋېن ئۆزىنىڭ شەخسى تور بېتىدە مۇنداق دىدى:«مەن ناھايىتى زور مۇۋەپپىقىيەت ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن جاكارلايمەنكى،مەن مۇشۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كىيىن كەسپى پۇتبول ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدىم. مەن 17 يېشىمدا لىۋېرپول 1-كوماندىسىدا كەسپى پۇتبول ھاياتىمنى باشلىغاندىن بۇيان ئىلگىرى ئاخىر بۇلۇپ خانلىق مادرېد،نېۋكاستىل،مانچېستىر بىرلەشمىسى،ستوك شەھىرى قاتارلىق كوماندىلاردا توپ تەپتىم،ئېنگلاند دۆلەت كوماندىسىدا 89 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتىم،مەنچە ئەمدى مىنىڭ خوش دەيدىغان ۋاقتىم كەلدى. »
«مەن بارلىق باش تېرېنېر،تېرېنېر،كۇلۇب ئەمەلدارلىرى،توپ مەستانىلىرى قاتارلىق مىنى قوللىغان،ماڭا ياردەم بەرگەن كىشىلەرگە رەخمەت ئېيتىمەن،بۇلۇپمۇ ئائىلەمدىكىلەرگە،چىرايلىق ئايالىم لۇيىسقا رەخمەت ئېيتىمەن،ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ۋە قوللىشىغا رەخمەت ئېيتىمەن،كەسپى ھاياتىمنىڭ ئەڭ تۆۋەن پەيتلىرىدە ،ئېغىر چاغلاردا مىنى قوللىغىنىغا رەخمىتىمنى بىلدۈرىمەن،يەنە ماڭا ناھايىتى كۆڭۈللۈك بىر ئائىلە،ئوماق پەرزەنت ئاتا قىلغىنىغا رەخمەت ئېيتىمەن.»
ئوۋېننىڭ لىۋېرپولدىكى 10 چىرايلىق توپى
ئوۋېننىڭ مانچېستىر بىرلەشمىسىدىكى بارلىق توپى
ئوۋېننىڭ ئېنگلاند بىرلەشمىسىدىكى 150 خاتىرە توپى
ئوۋېننىڭ 33 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتالغان فىلىم
ئوۋېننىڭ 2001-يىللىق ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىمى
|
|