akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2228|ئىنكاس: 64

چېلسى دەرىجىدىن تاشقىرى بىر پۇتبولچىنى سېتىۋالماقچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئېنگىلاند ئەينەك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا چېلسى فىلورىنسىيە كۇلۇبىنىڭ بىر ماھىرىنى سېتىۋىلىشنى پىلانلىغان. ھازىرقى قىزىق نۇقتا خەۋەرلېرىگە قارىغاندا پۇتبولچىنىڭ قانچىلىك قالتىس ئىكەنلىكى تېخى ئانچە ئېنىق ئەمەس لېكىن بۇ پۇتبولچىنىڭ ئىسمىنىڭ بېكخام، مارادونا، مىكائىل جېكسون، سوقرات ھەتتا ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىدا ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ پۇتبولچىنىڭ ئىسمى Jackson Beckham Diego Socrates da Silva de Jesus بولۇپ بۇ ئىسىم ناخشا چولپىنى مىكائىل جېكسون،پۇتبول چولپىنى بېكخام، پۇتبول شاھى دىېئاگو مارادونا، ئەينى چاغدىكى بىرزالىيە تۆت ماھىر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىنىڭ بىرى بولغان سوقرات(قەدىمكى گىرىتسىيە پەيلاسوپى سوقراتقا ئوخشاش) يەنە تېخى خىرىستىئانلار تەڭرى ھىساپلايدىغان يېسۇس(ئەيسا پەيغەمبەر) نىڭ ئىسىملېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كىشىلەر بۇ بالىنىڭ ئىسمىدىكى سوقراتنىڭ قايسى سوقراتنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تالاش تارتىش قىلغاندا بالىنىڭ ئاتىسى مۇخبىرلارغا بالىسىغا ئۆزى ئامراق چولپانلارنىڭ ئىسىملېرىنى قويغانلىقىنى ئۆزىنىڭ مارادونا ۋە 80-يىللاردىكى بىرازىلىيە داڭلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى سوقراتنىڭ ئوت يۈرەك مەستانىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىغان شۇنداقلا پەخىرلەنگەن ھالدا بالىسىنىڭ يۇقۇرىقى چولپانلاردەك داڭلىق پۇتبولچى بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھازىر بۇ بالىنى غەربى ھام بىلەن چېلسى تالاشماقتا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-19 01:17:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ زادى قانداق مال؟ قارىغاندا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمىگۈدەك.
ئىسىم بىلەن جىسىمنىڭ مېنىڭچە بىۋاستە ئورتاقلىقى بولۇپ كېتىشى ناتايىن. مەسلەن:
بىزنىڭ يۇرىتتا ئىنتايىن دۆت بىر بالا بولۇپ، ئىسمى ئالىم. كېچىسى سىرىتقا چىقالمايدىغان بىرسىنىڭ ئىسمى قەھىرمان. كۈنبويى دىبادىن چىقماي ئوينايدىغان بىر قىز بار، ئىسمى ئىبادەت. ئەزەلدىن بازاردىن بىر تىيىنلىك نەرسە سېتىۋېلىپ باقمىغان بىرسىنىڭ ئىسىمى سېتىۋالدى. ئەزەلدىن دوختۇرخانىدىن نېرى كېتەلمەيدىغان بىر چوكاننىڭ ئىسىمى سالامەت... دېگەنگە ئوخشاش.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-19 01:18:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىملىكىگە ياخشىراق قاراپ باقساڭلا  بولغۇدەك ،تولۇق ئىسىمىدا  مەتئابلا دەپ ئىسىممۇ  ئۇچراپ سودا ئاسانغا توختامدۇ  تىخى
سىتىۋىلىپ قالساڭلا ‹ئات توي › قىلىپ يىڭى ئىسىم قويمىساڭلا  ئا خەتلەر كىيىمگە پاتامۇ  ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-19 01:18:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2013-3-19 01:17
بۇ زادى قانداق مال؟ قارىغاندا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمى ...

شىر شىر ئوخشىمامسىلە ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-19 01:19:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا  بۇ  توپچىنىڭ ئىسمى  بىلەن  بىر قۇر  توشۇپ  كىتىپتۇ  ...قالغىنى  كەلگەندە كۈرىمىز  ئىسمى  جىسمىغا  لايىق مۇ ئەمەسمۇ .............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-19 01:19:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-19 01:25  
بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2013-3-19 01:17
بۇ زادى قانداق مال؟ قارىغاندا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمى ...


كۆك نامرات بىر قازاق بار ،  ئىسمى دۆلەتبەگ  
بىر ئاي روزىدا تولۇق مەس چىقىپ كىتىدىغان بىر تۇڭگان بار ، ئىسمى رامزان  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-19 01:21:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tagderem يوللىغان ۋاقتى  2013-3-19 01:19
كۆك نامرات بىر قازاق بار ،  ئىسمى دۆلەتبەگ



كۈلۈپ بۇلالماي كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتىغۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-19 01:48:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2013-3-19 01:17
بۇ زادى قانداق مال؟ قارىغاندا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمى ...

ئەخلەقى شۇنداق ناچار بۇزۇق بىر قىز بار ئىسمى : پەزىلەت
  
   شۇنداق سەت بىر قىز بار ئىسمى : سايپىجامال

                       
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-19 02:14:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2013-3-19 01:17
بۇ زادى قانداق مال؟ قارىغاندا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمى ...

سەت جودا ئوينايدىغان بىرسى با ئېسمى مۆمىن ..



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-19 02:32:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2013-3-19 01:17
بۇ زادى قانداق مال؟ قارىغاندا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمى ...

ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-19 02:47:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كورامىز ئوينغىنى بۇنىڭ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-19 02:50:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەڭلار، يەنە قانداق «پەزىلەتلىك» قانداق ئىسىملىكلەر بار؟
يۇمۇر بىلەن قىززىپ قويىدىغان ئوخشايدۇ بۇ تېما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 13:19

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش