- تىزىملاتقان
- 2007-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5834
- نادىر
- 32
- يازما
- 5834
|
گرىتسىيە پۇتبولچىسى تەبرىكلەش ھەرىكىتى ئىشلەپ جازالاندى !

17-چېسلا ئەنگلىيە « سۈنئىي ھەمراھ گېزىتى » نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بىر نەپەر گىرىتسيلىك پۇتبولچى مۇسابىقىدە توپ ئۇرغاندىن كېيىن گىرمانىيە ناتىسلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن مەڭگۈ مۇسابىقە ئويناش سالاھىيتىدىن مەھرۇم بولۇشتەك ئەھۋالغا دۇچ كەلمەكتە . 20 ياشلىق كاتېرتىس ئىلگىرى گرىتسىيە 19 ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ، ھازىر گىرىتسىيە بىرلەشمىسىدىكى ئافېنا AEK كوماندىسىدا توپ تېپىدۇ . ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇسابىقسىدە ، ئۇنىڭ ئۇرغان بىر توپى كوماندىنى غەلبە يولىغا باشلايدۇ . ئەمما ئۇ گىرمانىيە ناتىسلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىشلەپ ئۇرغان توپىنى تەبرىكلىگەن .
گىرىتسىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۇنىڭ ھېچقانداق دۆلەت دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە چۈشمەسلىكى ھەقىقىدە جازاسىنى ئېلان قىلدى . ئافېنا كوماندىسىمۇ ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشىنى ئېيتقان . ئۇ بۇ ھەرىكىتىنىڭ قەستەن قىلىمغانلىقىنى ئېيتىپ : « مەن فاشسىت دېگەن ئۇقۇمنى چۈشەنمەيمەن ، ئەگەر مەن بۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن بولسا ھەرگىزمۇ بۇنداق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ يۈرمەيتتىم ! » ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇرىيەتلەر يېغىندا ئېنىق ئېلان قىلىنىدۇ . |
|