- تىزىملاتقان
- 2007-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5834
- نادىر
- 32
- يازما
- 5834
|
بوئاس : يېڭىلىپ قىلىش چارچىغانلىقتىن ئەمەس ، بۇ بىر باھانە !

18-چېسلا خەۋىرى ، ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە يىقىندىن بۇيان ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان توتتىنىھام ئۆز مەيدانىدا 0-1 نەتىجە بىلەن فۇلھام كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى ! مەشقاۋۇل بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قارىتا : « مۇسابىقە ھەقىقەتەن مۈشكۈل بولدى ، ئۇدا 2 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇش كوماندا ئۈچۈن بىر خەۋپ ، ۋە ئۈمىدسىزلىك . مەن ئەسلىي بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىشىدىن ساقلىناي دېگەنىدىم ، ئەپسۇس بىز يەنىلا يېڭىلىپ قالدۇق . بىز ئالدىنقى مۇسابىقىلەردە ئىزچىل بىر خىل ئىپادە بىلەن مۇسابىقىدە غەلبە قىلىپ كەلگەن ، ئەپسۇس يىقىنقى بىر قانچە مەيدان مۇسابىقىلەردە بىز ئىلگىرىگە قەتئىي ئوخشىماي قالدۇق . بىز بۇنىڭغا قارىتا چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز ، خاتالىق ئۈستىدىن چوقۇم ئىزدىنىشىمىز كېرەك ! مۇسابىقىدە يېڭلىپ قىلىش ھەرگىزمۇ چارچىغانلىقتىن ئەمەس ، مەن بۇ باھانىنى قەتئىي رەت قىلىمەن ! فۇلھام كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى بىلەن 3 نۇمۇرنى تۇلۇق ئېلىشقا ھەقلىق !»
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە فۇلھام كوماندىسىدىن بېرباتوف ئۆزىنىڭ ئانا كوماندىسىغا پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدىكى بىرلا توپنى ئۇردى ! |
|