پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1729|ئىنكاس: 3

جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 2-ئايلانما خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۆمۈر دوسىت !

507

تېما

4

دوست

6005

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  132
يازمىسى: 6005
نادىر تېما: 32
ياۋرۇ: 120
تۆھپە: 0
ۋاقتى: 878
h
ھالەت

ئالاھىدە تۆھپە تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 06:01:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 2-ئايلانما خەۋىرى


2013-يىلى 3-ئاينىڭ 16- ، 17-كۈنى ، جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى . 16 كۈچلۈك كوماندا 8 مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى ! شەندۇڭ لۇنىڭ غەلبە قىلدى ، بېيجىڭ گوئەن كوماندىسى كىچىك نۇمۇر پەرىق بىلەن رەقىبىنى يەڭدى ، شاڭخەي دىربېيسىدا بۇ ئايلانمىنىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلاندى ، خاڭجوۋ يىشىل شەھەر كوماندىسى ئاخىرى 293 كۈنلۈك ئۆز مەيدانىدا رەقىبىنى يېڭەلمەسلىك ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلىدى .......


شەندۇڭ لۇنېڭ 2 _________ 0 چاڭچۈن ياتەي



ئاستانە ۋاقتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ، شەندۇڭ لۇنېڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا لۈجېڭ بىلەن چەتئەللىك ماھىر نېكۇلاي ئۇرغان توپىغا تايىنىپ 2-0 نەتىجە بىلەن چاڭچۈن ياتەي كوماندىسىنى ئۇتتى !  ئۇدا 2 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 2مەيدان ئۇتۇق بىلەن 6نۇمۇرنى تۇلۇق قولغا كەلتۈردى ، ھەم ئۆز مەيدانىدا چاڭچۈن ياتەي كوماندىسىغا ئۇتتۇرماسلىق رېكوتىنى ساقلاپ قالدى !





  چېڭداۋ جوڭنېڭ 1___________________ 0 دالىيەن ئاربېن

  

   ئاستانە ۋاقتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ، چېڭداۋ جوڭنېڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چەتئەللىك ماھىر بۇرېنونىڭ ئۇرغان توپىغا تايىنىپ 1-0 نەتىجە بىلەن دالىيەن ئاربېن كوماندىسىنى قىرغىن قىلدى ! چېڭداۋ جوڭنېڭ كوماندىسى ئۇدا 2 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە غەلبە قىلدى ، دالىيەن ئاربېن بولسا ئۇدا 2 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە مەغلۇب بولدى ! توپ ئۇرغان ماھىر بۇرېنومۇ 2 مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق تۆھپىكار پۇتبولچىغا ئايلاندى !





  شاڭخەي شاڭگاڭ 1 ___________  1 گۈيجوۋ ماۋتەي

  

  ئاستانە ۋاقتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ، 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدە شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 1-1 نەتىجە بىلەن گۈيجوۋ ماۋتەي كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ! شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسىدىن لۈۋېنجۈن بىر توپ ، گۈيجوۋ كوماندىسىدىن چەتئەللىك ماھىر مۇسېلىي بىر توپ ئۇردى . شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە ئۆرلىگەندىن كېيىن تۇنجى بىر نۇمۇرنى ئالدى ، گۈيجوۋ ماۋتەي بولسا داۋاملىق يېڭەلمەسلىك نەتىجىسىنى ساقلاپ قالدى !




  ۋۇخەن جوۋئېر 0 ______________ 1 بېيجىڭ گوئەن



ئاستانە ۋاقتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ، بېيجىڭ گوئەن كوماندىسى مېھمان مەيدانىدا چەتئەللىك ماھىر كانوۋتېنىڭ ئۇرغان توپىغا تاينىپ ۋۇخەن جوۋئېر كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى ! ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ۋۇخەن كوماندىسىدىن سانتوس بىلەن بېيجىڭ كوماندىسىدىن شاۋجايى بىردىن تۈۋرۈك سوقتى . كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 84-مىنۇتىدا بېيجىڭ گوئەن كوماندىسىدىكى چەتئەللىك ماھىر گېلون قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چۈشۈرۋىتىلدى !





گۇاڭجوۋ خېڭدا 3_______________ 0 جىياڭسۇ شۈنتىيەن



  ئاستانە ۋاقتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ، 2013-يىللىق جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ قىززىق نۇقتىلىق بىر مەيدان مۇسابىقە گۇاڭجوۋ خېڭدا كوماندىسى بىلەن جىياڭسۇ شۈنتىيەن كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى . گۇاڭجوۋ خېڭدا كوماندىسىدىكى چەتئەللىك ماھىر ئېرىكسون 3 توپ ئۇرۇپ قالپاق ئويۇنى ئوينىدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋاقىتتا خېڭدا جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى ئۆچىنى ئالدى !




  لىياۋنېڭ خوڭيۈن 1 ____________ 1 تىيەنجېن تەيدا

  

  ئاستانە ۋاقتى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ، يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە لىياۋنېڭ كوماندىسى 1-1 نەتىجە بىلەن تەيدا كوماندىسى تەڭلىشىپ قالدى . لىياۋنېڭ خوڭيۈن كوماندىسىدىن ئىلگىرى گىرمانىيە بىرلەشمىسىدە توپ تەپكەن چەتئەللىك ماھىر ئېدۇ بىر يۇقىرى سەۋىيلىك توپ ئۇردى ، كېينكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت ئىچىدە تىيەنجېن تەيدا كوماندىسىدىن ساۋياڭ بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ! لىياۋنېڭ كوماندىسىنىڭ 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىن مەھرۇم قىلىپ قويدى . ساۋياڭ توپ ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن تەبرىكلەش ھەرىكىتىنى ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى 2-سىرىق كارتىسىنى ئېستىمال قىلىپ قىزىل كارتا بىلەن چۈشۈرېۋىتىلدى !




شاڭخەي شېنشىن 0 ____________ 1 شاڭخەي شېنخۇا



ئاستانە ۋاقتى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ، 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدە بىر مەيدان شاڭخەي دېربىيسى ئوينالدى . شاڭخەي شېنخۇا كوماندىسى مۇسابىقىنىڭ 4-مېنۇتىدا چەتئەللىك ماھىر تورانزو ئۇرغان توپىغا تايىنىپ 1-0 نەتىجە بىلەن شاڭخەي دېربىيسىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى ! شاڭخەي شېنشىن كوماندىسىدىن شۈۋىن قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قىزىل كارتا بېرىلىپ مەيداندىن چۈشۈرىۋېتىلدى . شاڭخەي شېنىشىن كوماندىسى 10 ئادىمى بىلەن ئۆز مەيدانىدا 0-1 نەتىجە بىلەن شاڭخەي شېنخۇاغا ئۇتتۇرۇپ قويدى !




  خاڭجوۋ يىشىل شەھەر 3 _____________ 1 گۇاڭجوۋ فۇلى

  

  3-ئاينىڭ 17-كۈنى ، ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئوينالدى . ئىلگىرى چولپىنىمىز بارى توپ تەپكەن خاڭجوۋ يىشىل شەھەر كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 3-1 نەتىجە بىلەن گۇاڭجوۋ فۇلى كوماندىسىنى قىرغىن قىلدى ! بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى غەلبە خاڭجوۋ يىشىل شەھەر كوماندىسىنىڭ 293 كۈندىن كېيىنكى تۇنجى ئۆز مەيدانىدا رەقىبىنى يېڭىش بولۇپ قالدى ...

  


  قۇشۇمچە : جوڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 1-ئايلانما مۇسابىقىسى

  3-ئاينىڭ 16-كۈنى __________

  شىجىياجۇاڭ 1 _____________ 2 بېيجىڭ تەبئىي پەن

  خۇنەن شىياڭتاۋ 1 ___________ 1 تىيەنجېن سۇڭجېياڭ

  گۇڭدۇڭ رېجىچۈەن 2 __________ 1 چېڭدۇ شىفىيلەن

چوڭچېڭ لېفەن 2__________ 0 شېنياڭ شېنبېي

چوڭچېڭ 0______________ 1 خاربېن يېتېڭ

شېنجىن قىزىل ياقۇت 2____________ 1 خۇبېي خۇاكەيئېر

3-ئاينىڭ 17-كۈنى ___________

بېيجىڭ باشى 2____________ 1 يەنبېيەنچاڭ ئاق يولۋاس


ئىزاھات : دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن خېنەن جىيەنيى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 3-0 نەتىجە بىلەن يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان گۈيجوۋ جېچىڭ كوماندىسىنى قىرغىن قىلدى . بىزنىڭ پەخرلىك ، ئۈمىد چولپىنىمىز ئىلھامجان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا سۈپتىدە قاتناشتى . ئەپسۇس كوماندىغا ياردەم قىلالماي قالدى .




  



  

  


  
تالىشە ، قاچانغىچە مۇشۇنداق بىر -بىرىسىڭنى قان قىلارسەن ؟؟

ساپ ئۇيغۇر پۇشتى

21

تېما

13

دوست

1901

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  204
يازمىسى: 1901
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 925
تۆھپە: 7
ۋاقتى: 446
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 10:37:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا ماۋۇ ئىلھامنىڭ كۇماندىسى ئۇتتۇرۋىتىپتۇ،
ئىشنى قىلىپ ب دىن  ئا غا ئورلەپ جوڭچاۋدىن
دەرجە چۇشۇپ كەتكەن كۇماندىغا ئۇتتۇرۋىتىپتۇ
ئۇيغۇر تىلىم جان تىلىم ، ئىملاغا دىققەت قىلىڭ !!!

8

تېما

1

دوست

172

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12409
يازمىسى: 174
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 0
تۆھپە: 0
ۋاقتى: 28
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 11:02:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى دىگۈدەك چەتئەللىك

غەلبە-تىرىشقانلارغا مەنسۇپ

27

تېما

15

دوست

1407

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9307
يازمىسى: 1407
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 3112
تۆھپە: 42
ۋاقتى: 613
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 11:36:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت  كورگۇم  كەلمىدى
پۇتبول- ھاياتلىق يۇلى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号 )