akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1397|ئىنكاس: 71

مېدال ۋە ئىسىم توغرىسىدا....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaxkarlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-17 00:09  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇ
    پۇتبۇل مۇنبىرى قۇرۇلغان بۇ بىر نەچچە يىل مابەينىدە ، بولۇپمۇ مەن مۇنبەرگە ئەزا بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە دۇنيادىكى ھەرخىل پۇتبۇل خەۋەرلىرى شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى پۇتبۇلغا مۇناسىۋەتلىك مەيلى مۇسابىقە بولسۇن ياكى ھەرخىل مۇنازىرىلەر بولسۇن ھەممىسى ئۇشبۇ مۇنبەردىكى پۇتبۇل ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ، جان كۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەلىمى ئارقىلىق بىزگە يېتىپ كېلىۋاتىدۇ !
        ئاۋال ئەشۇ قېرىنداشلىرىمىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن ۋە ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىن يەنىمۇ يېڭى - يېڭى سەھىپىلەرنى بىز بىلەن ئەسرالاشتۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !
    ئەلۋەتتە بۇ مۇنبەرنى قۇرۇپ پۇتبۇل ئۈچۈن  يۈرىكى سوقىدىغان  ئەشۇنداق قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆزئارا جەم قىلغان مۇنبەر قۇرغۇچىلىرىغا ۋە مۇنبەرنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ئۆز ئەجرىنى سىڭدۈرۈۋاتقان ئارقا سەپتىكى خادىملىرىمىزگىمۇ ئاللەنىڭ سالىمى بولسۇن  !   
         مەقسەتكە كەلسەم :-
پۇتبۇل بولغان ئىكەن كوماندا بولىدۇ  ، كوماندا بولغان شۇنىڭغا قارشى رەقىپ بولىدۇ دېگەن گەپ ، بۇ بىر ئاددى يەكۈن .
     مۇنبىرىمىزگە ئەنە شۇ ھەرخىل كوماندىلارنىڭ مەستانىلىرى يىغىلغان ، شۇ سەۋەپلىك پەيدا بولغان ھەرخىل تالاش - تارتىشلىق مۇلاھىزىلەر ، قىزىقارلىق ئېنكاسلار ،ئۆز كوماندىسىنى قوغداش ئۈچۈن يېزىلغان ئىس -تۈتەكسىز ‹ يازما جەڭ › لەر  مۇنبىرىمىزنىڭ جېىنى ئەلۋەتتە  ، بۇنى باشقۇرغۇچىلىرىمىز مەندىنمۇ ئۇبدان بىلىسىلەر .
      لېكىن  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ‹ 17:57› مىنۇ ت ئۆتكەندە يوللانغان ( شەنبە يىغىلىشنى باشلىساق بولاتتى ) دېگەن تېمىدا  كۆرگەن ئىككى ئېنكاس مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشىمغا تۈرتكە بولۇپ قالدى ، بۇ مەسىلىنى مەنمۇ نەچچە كۈندىن بويان ئويلاۋاتاتتىم .
     ئېنكاس مەزمۇنى مۇنداق :    iquit   ( ئەزا ئىسمى ) :ئىسمىمنى مەنمۇ ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتەي دىگەنتىم ، مۇشۇ  توغۇرلۇق بىر تېما يوللىساق قاندا  بولاركى ..2   
. ilhan0999 : ئاۋارە بولماڭلا.لۆكچەك ياكى ئالى ئەزا بولساڭلا چاپسان ئۆزگەرتىپ بىرىدۇ.بولمىسا ئۆزگەرتىش دىگەن قۇرۇق گەپ.
----------------------------------------------------------------------
  راس شۇنداقمۇ باشقۇرغۇچىلار ؟ ئەگەر راسلا مۇشۇنداق ئىش بولسا بىز قاچان لۆكچەك بولالايمىز ؟؟؟
         بۈگۈن  مۇنبەر قۇرغۇچى نىجات ئەپەندىمگە ئىسىم ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قىسقا ئۇچۇر يوللىغىنى كىرىپ ھەيران قالدىم ،  نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلار تىزىلىپ كېتىپتۇ ، ئۇچۇرلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ مەزمۇنى ئىسىم ئۆزگەرتىش ، مىدال تەلەپ قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتكەن .
      ئەلۋەتتە ، يۇقىرى دەرىجىدىكىلەر تۆۋەن دەرىجىدىكىلەرگە قارىغاندا كۆپلىگەن نەرسىلەردىن بەھرىمان بولالايدۇ ،  بۇ تەرىپى بىزگە ئايان .
مىدال - شۇ ئەزانىڭ ئامراق كوماندىسىنىڭ مىدالىكەن ، بۇنىغۇ دەرىجىگە قاراپ ياكى تۆھپىسىگە قاراپ بەرسۇن مەيلى لېكىن مۇشۇ ئىسىم ئۆزگەرتىشكىمۇ دەرىجە كېتەرمۇ دەپ ھەيران قالدىم .
     ( شەخسى پىكىرىم ) : مۇنبىرىمىزدە مۇنبەر پۇلى دەپ بىر نەرسە بار  ، تېما يېزىش ، قىمار ئويناش ئارقىلىق مۇنبەر پۇلىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ ، لېكىن ئۇ پۇلنى ئىشلىتىدىغان ئورۇننىڭ يوق بولۇشى مۇنبەردىكى بىر كامچىللىقمىكىن دەيمەن .
شۇڭا ئاشۇ مىدال ياكى ئىسىم ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى سېتىلىدىغان  مال قاتارىدا ئايرىم - ئايرىم باھا قويۇلسا  ، ھەربىر ئەزا ئۆزىنىڭ پۇلىنىڭ ئاز كۆپلۈكىگە قارىتا شۇ نەرسىلەرنى سېتىۋالسا بەك ياخشى ئىش ئەمەسمۇ بۇ .  ئەگەر پۇلى يەتمىسە ئەزالار شۇ پۇلنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ھەرخىل تېما ۋە ئېنكاسلارنى يازىدۇ دە بۇ ئارقىلىق پۇلىنى تولۇقلايدۇ ۋە ئۆزى ياقتۇرغان نەرسىلەرنى سېتىۋالالايدۇ .
      بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئەزالارنىڭ مۇنبەرگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش بىلەن  بىرگە يەنە مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن  ئىبارەت ‹ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش › دەك ئېسىل ئىشنى ئورۇندىغىنى بولىدۇ ئەمەسمۇ !
       بۇ نېمە دېگەن ياخشى ئىش ، ئىشىنىمەنكى بۇ خىل ئۇسۇل چوقۇم ئەسقاتىدۇ ،  قالغىنىنى ئەزالارنىڭ ئېنكاسى ئارقىلىق كۆرۈپ باقساق بولىدۇ .
--------------------------------------------------------------------------
   بۇنىڭ ھەممىسى مۇنبىرىمىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈنلا خالاس !  باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !
            ئاخىرىدا پۇتبۇل مۇنبىرىنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ، تېخىمۇ يېڭى - يېڭى غەلىبىلەرنى قازىنىپ ، ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىدىغىنىغا ئىشىنىمەن !
                                                                                                                     __ جىن  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +190 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
tanhategin + 50 + 10 + 10 + 10 قوللاش!
pahrim924 + 50 قوللاش!
ماھىرچاق + 40 قوللاش!
ankar528 + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-17 01:07:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك باشلىق ئويلۇشۇپ باقسا بولغۇدەك....مەن ئازراق قەرز ئېلتىماس قىلغان نىمىشقا تەستىقلاپ بەرمەيسىز باشلىق؟؟؟؟؟؟؟پۇتبول ھەپتىلىگى ئېشلەش گورپىسىدىكىلەرگە مۇئاش بىرەي دىگەن .... مۇنبەردىكى ئۇلكەر رىۋايەت تۇتى بىرنابو قاتارلىقلار ئۇنتۇنسىز تۆھپە قوشۋاتىدۇ شۇلارنى تارتۇقلاي دىگەن ئېدىم...مىنىڭ شۆھرەت تۇھپىلىرىمنى مۇنبەر پۇلىغا ئالماشتۇرۇپ بەسىلە بولمىسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-17 01:09:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 1-بۇلۇپ قوللايمەن تېما بۇلۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-17 01:09:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىم ئۆزگەرتىش ئىشىغا كەلسەك ، ئۆزگەرتىپ بەرمىگەن ئەمەس ئۆزگەرتىپ بەرگەن ، ئىسىم ئۆزگەرتىپ بىرىش ئىلتىماسىنى ئادەتتە ھېچقانداق ئەزانىڭ دەرىجىسىگە قاراپ بەلگىلىمەيمىز ، قانداقلا ئەزا بولسۇن ئۆزگەرتىپ بىرىۋەرگەن ، مۇنبەردە ئەزەلدىن لۈكچەككە ئاۋال ئۆزگەرتىپ بىرىدۇ دەيدىغان گەپ يوق ، بەزى تورداشلار خاتا چۈشۈنۈپ قاپتۇ . مۇنبەر نەشىر كۆتۈرگەندە ئۇيغۇرچە ئىسىملاردىن ياكى كېيىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان ئىسىملاردىن چاتاق چىقىدۇ ، ئىسىم ئۆچۈپ كېتىدىغان ، تېما ئىنكاسلار يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ ، ئىسىم پىنىيىنچە بولسا خاتالىق شۇنچە ئاز بولىدۇ . شۇ تەرىپىنىمۇ ئويلىشىپ يېقىندىن بۇيان بىر نەچچە ئەزانىڭ ئىسىم ئۆزگەرتىش ئىلتىماسىغا جاۋاب قايتۇرۇلمىغان .

مۇنبەر پۇلىغا ئىسىم ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى قوشۇپ بېقىشقا بولىدۇ ، بۇنى قىلغىلى بولىدۇ ، بىراق ئىسىم ئۆزگەرتىدىغانلار كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن . بىراق مۇنبەر پۇلىغا مىدال سېتىۋالىدىغان ئىشنى ھازىرچە ئويلاشمايلى ، ئەگەر مۇنبەر پۇلىغا مىدال سېتىۋالىدىغان قىلىپ قويساق مۇنبەردە مىدالنىڭ ئەتىۋارى قالمايدۇ . ئەڭ ياخشىسى ئىپادىسى ياخشى ئەزالارغا ئۆزىمىز بەرگىنىمىز ياخشى .

ئەسلى بۇرۇنقى phpwind مۇنبىرىدە ھەممە باشلىقلارنىڭ مىدال تارقىتىش ئىقتىدارى ئوچۇق ئىدى ، بىراق discuz مۇنبىرىگە كۆچكەندىن كېيىن يېڭى مۇنبەرنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى بۇرۇنقى مۇنبەر بىلەن ئوخشاش بولمىغانلىقتىن تەڭشەش ئىشلىرى تېخىچە تاماملىنىپ بولالمىدى ، بىر قىسىم ئىقتىدارلار بۇرۇنقى مۇنبەردەك قولايلىق ئەمەس ، بۇنى تەڭشەش ئۆزگەرتىشكە ئاز - تولا ۋاقىت كىتىدۇ ، ئاز كۈنگە قالماي تولۇق تەڭشىلىپ بولىنىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-17 01:10:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-3-17 01:07
ھۆرمەتلىك باشلىق ئويلۇشۇپ باقسا بولغۇدەك....مەن ئازراق  ...

ماندا گەپلەرنى كوت - كوت دىگەن گۇيدا دىيىشىۋالساقمۇ بولىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-17 01:11:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-17 01:13:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaxkarlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-17 01:18  



شۇ مېدالنىڭ ئەتىۋارى قالماسلىقىنى ئويلۇشۇپ پۇلغا ئالماشتۇرايلى دېگەن ئىدىم،   سىزنىڭ ئېيتقىنىڭىزمۇ توغرا ....
   مېنىڭ ئىپادەمنى ياخشى دەپ ئويلىغان بولسىڭىز ئا س مىلەننىڭ مىدالىدىن بىر نى تاقاپ قويسىڭىز بولاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-17 01:15:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nijat يوللىغان ۋاقتى  2013-3-16 14:10
ماندا گەپلەرنى كوت - كوت دىگەن گۇيدا دىيىشىۋالساقمۇ ب ...

ماقۇل شۇ گۇيدا دىيشەيلى.........‹ھلقى ئېپادە›
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-17 01:21:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قازانچى يوللىغان ۋاقتى  2013-3-17 01:11
ياخشى پىكىر ،،،لىكىن بەزىلەر دىگەندەك ئىسىم ئۇزگەرتىش ...

بۇ مۇنبەردىكى 10 مىڭ ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسىم ئۆزگەرتىشى مومكىن ئەمەس.... شەخسەن سەن ‹ قازانچى › دېگەن ئىسىمنى ئۆزگەرتەمسەن ؟؟   
   ئىلگىرى ئىسىمنى ئۇيغۇرچە يازغىنى بولمايتتى لېكىن ھازىر بولىدىغان بولدى ، مەن شۇنى دەۋاتىمەن ، كەلسە كەلمەس ئىسىم ئۆزگەرتىشكە ئەلۋەتتە بولمايدۇدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-17 01:31:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kaxkarlik يوللىغان ۋاقتى  2013-3-17 01:13
شۇ مېدالنىڭ ئەتىۋارى قالماسلىقىنى ئويلۇشۇپ پۇلغا ئا ...

مىلان توغرىسىدا ياخشى تېمىلارنى يېزىپ ، چىرايلىق ئىنكاس ئويناپ يۈرسىڭىز ئۇزۇنغا بارمايلا مىدال ئۆزى مەيدىڭىزگە چىقىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-17 01:48:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قازانچى يوللىغان ۋاقتى  2013-3-17 01:11
ياخشى پىكىر ،،،لىكىن بەزىلەر دىگەندەك ئىسىم ئۇزگەرتىش ...

سەن ئىسمىڭنى ئۆزگەرتىۋېلىپ جىق گەپ قىلما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-17 01:53:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ يەردىن ئاستاغىنە چىقۋالاي...بولمىسا چالما-كىسەك بولاپ كەتمەي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 06:43

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش