akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1054|ئىنكاس: 16

ئۇزغۇنلۇقتىكى قىزىق نوقتا !!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇزغۇنلۇق 4 كۈچلۈككە كىرىش گۇرۇپپىسى بېكىتىلىپ پۇتبۇل مەستانىلىرىنى  ئۆزىگە تېخىمۇ  جەلىپ قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە  مۇنازىرە  قىلىشقا
ئەرزىيدىغان يەنە بىر تېما بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ ئۇزغۇنلۇق مەرگەنلەر قاتارىدۇر .
     ئالدى بىلەن نۆۋەتتىكى 8 كۈچلۈككىچە بولغان مەرگەنلەر قاتارىنى كۆرۈپ باقايلى :
1.  كىرىستىئانو رونالدو ( خان مادرىد )      يىلماز ( غەلىتە ساراي )
1.jpg
   قىزىق نوقتا : بۇ ئىككىسى ھازىر ئۇزغۇنلۇق مەرگەنلەر قاتارىدا  8 توپ بىلەن بىرىنجى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ ،4 كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە تۇتىشىدۇ ،   زادى كىم كىمنى شاللايدۇ ؟؟ كىم سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ ؟  بۇ بىز كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان يەنە بىر تېما .  2. مېسسى ( بارسىلونا )
2.jpg
ئالدىنقى مەيدانلاردا ئىپادىسى تازا تۇراقلىق بولمايۋاتقان مېسسى مىلەن بىلەن بولغان 2-ئايلانمىدا ئۆزىنىڭ ھەقىقى قاتىللىق ماھارىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ مەرگەنلەر قاتارىدا 7 توپ بىلەن رونالدو ۋە يىلمازنى قوغلاپ كېلىۋاتىدۇ ، ئۇدا ئۇزغۇنلۇقنىڭ مەرگىنى بولۇپ ئالتۇن كەش كېيىۋاتقان مېسسى بۇيىل  يەنە رەقىبلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلالامدۇ ؟
3. لاۋىچ ( پارىژ )
3.jpg
لاۋىچ 5 توپ بىلەن مېسسىنىڭ كەينىدىن مېڭىۋاتىدۇ .
قىزىق نوقتا : ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىدىكى بۇ ئىككى يادرۇلۇق ھۇجۇمچى ئۇزغۇنلۇق 4-كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە بىر -بىرىگە رەقىپ بولۇپ ئوينايدۇ .3. لەيۋەندوفسىكى ( دورتموند )
4.jpg
  دورتموند كوماندىسىنىڭ يادرۇلۇق ھۇجۇمچىسى لەيۋەندوفسىكىمۇ 5 توپ بىلەن لاۋىچ بىلەن ئوخشاشلا 3-ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ . دورتموندنىڭ 4 كۈچلۈكتىكى رەقىبى مالاگا كوماندىسى ، بۇ بەلكىم لەيۋەندوفسىكىنىڭ مەرگەنلەر قاتارىدا ئالدىغا ئۆتۈشىنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولۇپ قېلىشى مومكىن .
4. مۇللېر ( بايرېن )
5.jpg
    بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىدىكى ئىپادىسى ئەڭ تۇراقلىق بولۇپ كېلىۋاتقان گىرمانىيەنىڭ ئۈمىدى مۇللېر 4 توپ بىلەن ئۇزغۇنلۇق مەرگەنلەر     قاتارىدا 4- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ .
4. كۇلىئالىلا ( يۇۋېنتۇس )
u=72059829,2655239391&fm=11&gp=0.jpg
يۇۋېنتۇس كوماندىسى بۇ يىل ئۇزغۇنلۇقتىكى ئەڭ خەتەرلىك كوماندا ھېسابلىنىدۇ ، كوماندىنىڭ مۇداپىئە سېپىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن بىرگە يەنە ھۇجۇم سېپىمۇ  كۇلىئالىلا ، ۋۇچىنىچ ، بىدال قاتارلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ يارقىن ئىپادىسى بىلەن ئېنتايىن كۈچلۈك .
قىزىق نوقتا : مەرگەنلەر قاتارىدا ئوخشاشلا 4- ئورۇندا كېتىۋاتقان مۇللېر بىلەن كولىئالىلا 4 كۈچلۈك جېڭىدا تۇتىشىدۇ  ، كىم سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ ؟ كىم ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ ؟
بىنزىما ،( مادرىد  )   پىسارو ( بايرېن )      كىلوس ( بايرېن )      لويىس ( دورتموند )  قاتارلىقلار 3 توپ بىلەن ئوخشاشلا 5- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ ، بۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆرلەش ئىمكانىيىتىمۇ يۇقىرى .             قېنى زادى كىم ئاخىرىدا ئۇزغۇنلۇق مەرگىنى بولۇپ ئالتۇن كەشكە ئېرىشەلەيدۇ ؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-16 15:58:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش :  يۇقىرىقى مەرگەنلەر قاتارى 8 كۈچلۈككە كىرگەن كوماندىلاردىن ئېلىندى ،  8 كۈچلۈككە كىرەلمىگەن كوماندىلاردا گەرچە 5 توپ ئۇرغان مەرگەنلەر بولسىمۇ لېكىن ئۇلار 8 كۈچلۈك سېپىدىن چۈشۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇ قاتارغا كىرەلمىدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-16 16:39:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىلماز پۇرسەت كەلدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-16 16:43:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسىغۇ يىلماز كەيسىمۇ بۇلاتتى ئالتۇن كەشنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-16 16:46:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىلماز ئېلىپ كەتسە شۇ ئالتۇن چۇخەينى.......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-16 17:10:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك تەس ،،،  ئەمما مەن يىلمازنىڭ مەرگەن بولىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن ،،،  ئالغا گالاتا ساراي ، ئالغا يىلماز !!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-16 17:10:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ئۇزغۇلۇق  قاچان   باشلىندۇ ، بىلدئىغالا دەڭلا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-16 17:12:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇۋىنتۇستىكى ۋىدالنى ھۇجۇمچى قىلىۋەتتىڭلا دەيلى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-16 18:10:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىلماز ئالسۇن بولسا ...........لىكىن زە لىيونىل مىسسىنى ئالما دەيلى دىسەك .....ھەي نىم دەكىن بۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-16 18:45:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى ئالتۇن كەپەشنى ئالسۇن ئالمىسۇن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق تارىخىدىكى رائۇلدىن قالسىلا 2-ئورۇنغا چىقىپ بولدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-16 18:51:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
áㄒ@мáη يوللىغان ۋاقتى  2013-3-16 17:10
بۇ  ئۇزغۇلۇق  قاچان   باشلىندۇ ، بىلدئىغالا دەڭلا.

4-ئاينىڭ 2-3-كۈنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-16 18:52:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىروس يوللىغان ۋاقتى  2013-3-16 17:12
يۇۋىنتۇستىكى ۋىدالنى ھۇجۇمچى قىلىۋەتتىڭلا دەيلى ...

چىئاۋېنكې دېگەننى يازماقچىتىم ئەسلى،   خاتا بوپ قاپتۇ      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 10:36

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش