akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1046|ئىنكاس: 19

خەير -خوش ئالەيگېلى !!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                      u=2524849875,325939258&fm=9&gp=0.jpg
ئۇزغۇنلۇق جېڭى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىلەندە يەنە بىر مەسىلە غۇلغۇلا بولۇشقا باشلىدى . ئۇ بولسىمۇ كوماندا مەشقاۋۇلى ئالەيگېلىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىش مەسىلىسىدۇر .
بارسىلونا كوماندىسى بىلەن بولغان مېھمان مەيدان مۇسابىقىدە ئالەيگېلىنىڭ تاكتىكىسىدا نۇرغۇنلىغان مەسىلە بايقالغان ، گەرچە ساھىبخان مەيداندىكى تاكتىكىسى شۇنداق تۇراقلىق ھەم ئۈنۈملۈك بولغان بولسىمۇ لېكىن ئەڭ ھالقىلىق پەيتتىكى ئاجىزلىقى مىلەن رەئىسى گالىيانىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان . بۇ ئەھۋال ئالەيگېلىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى ئېھتىماللىقىنى تېخىمۇ مۇقەررەرلەشتۈردى .
   رىم شەھىرىنىڭ گېزىتىدە دېيىلىشىچە ، ئالەيگېلى مىلەن كوماندىسىدىن ئايرىلىپ كېلەركى پەسىلدە رىم كوماندىسىغا باش مەشقاۋۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
     ئەمىسە ئۇ كەتكەندىن كېيىن كېلەر پەسىل كىم ئا س مىلەننىڭ باش مەشقاۋۇللىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ؟؟ بۇ مىلەن ئۈچۈن چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى .
    ھازىر ئەينى چاغدىكى مىلەن قەھرىمانلىرىدىن لى جىكارد بىلەن فەن باستىننىڭ مىلەننىڭ باش مەشقاۋۇللىقىنى ئۈستىگە ئېلىش ئارزۇسى بار ، شۇنداقلا پارما كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى دونادونىنىڭمۇ مىلەننىڭ باش مەشقاۋۇلى بولۇشنىڭ ئېھىماللىقىمۇ يۇقىرى .
-----------------------------------------------------------------------
شەخسى قارىشىم :  مېنىڭچە بولغاندا لىجىكارد كەلسە ياخشى ، چۈنكى ھازىر مىلەننىڭ ھۇجۇم سېپى  ئاساسلىقى شالاۋى ، نىئاڭ قاتارلىق قاتارلىق ياش پۇتبۇلچىلارنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ ، لىجىكاردنىڭ ياشلارنى ئىشلىتىش جەھەتتە ئارتۇقچىلىقى بار ، باسانىڭ ھازىرقى سەۋىيەگە كېلىشىنىمۇ لىجىكاردنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن .
     ئۇ بەلكىم بىلەننىڭ مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ ئوينايدىغان تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ يېڭى بولغان بىر ھۇجۇم ئاساس قىلغان مىلەننى بارلىققا كەلتۈرىشى مومكىن .
     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-15 14:08:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالەيگېلى مېھمان مەيدان مۇسابىقىدە بارساغا مۇداپىيە ئويناپ ئۇرغان 2توپىنى ساقلاپ قېلىپ مۇسابىقىنى ئاياقلاشتۇرماقچى بولغان،ئەپسۇس مېسسى دېگەن بۇرگە ئېككى توپ ئۇرۇپ مىلاننىڭ چۈشىنى ئەمەلگەئاشۇرمىدى،ئاخىرىدا ھۇجۇمنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ ۋاقىت يار بەمىدى! بىرمەزگىل شانلىق تارىخ ياراتقان مىلەنتى بۇ!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-15 14:26:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلەنگە ھازىر كىم تېرنېر بولسا ئوخشاش، مىلەنگە ئازراق ۋاقىت كېرەك، كوماندىدىكى كونا ئەزالارنىڭ بىراقلا ئايرىلىشى كوماندىنىڭ نەتىجە ئېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ قويدى، ياشلار يەنە ئازراق چېنىقىشى كېرەك.
(مېنىڭچە)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-15 14:36:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي ئەدەمنى ئۇنداق چۈجۈتمەڭلە دەيمەن !! تىما ماۋزوسىنى كۈرۈپلا ئالىگېرىنى ئىشتىن چۈشكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن تېخى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-15 14:39:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئون بىرىنچى ئون ئىككىنچى ئايلاردا شۇنداق ئىشتىن چۈشۈشىنى تىلىسەك چۈشمىدى ، ئەمدى بۇ پەسىل ئاخىرلاشقىچە  ئىشتىن چۈشمەي تۇرسۇن .
رىملىقلار ئالىگېرىنىڭ مائاشىنى يۇقىرلىتىپ ئېلىپ كىتىشى مۇمكىن دىگەن خەۋەرلەر بار لىكىن بۇ ئىشنىڭ مۇقىملاشقىنى يوق ، ۋاقتى كەلگەندە بىر نەرسە دىمەمدۇق ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-15 14:41:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاينىكىس ئەڭ مۇۋاپىقتى مىلانغا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-15 14:52:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلەن قەلبىمدىكى يەنە بىر ئېسىل كۇلۇپ.......... ئەگەر شۇ كۈنى ئۇتتۇرۋاتقان بولساقمۇ ئۆكۈنمەيتىم....... چۈنكى ئۇتتۇرساق مىلەنگە ئۇتتۇراتتۇق.......... مىلەنگە تەلەي كەلمەي قويدى....... كېينىكى ئىشىلىرىڭ ئۇتۇقلۇق بولسۇن مىلەن........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-15 14:56:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەيرىخوش دىسە كېتىپ بولغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، كىتىشى مۇمكىنمىكەن  ، دىمىسىمۇ مىلەنمۇ بىر تېرىنىر ئىسلاھاتى ئېلىپ بارمىسا بولمىغىدەك يەرگە كىلىپ قالدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-15 15:00:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،،،  مېسسىغا قايتا 10 قېتىم ئاشۇ بىرىنجى توپنى ئۇرغاندەك پۇرسەت كەلسە 9 قېتىم ئۇرالماسمىكى دەيمەن ،،  ئازراق ئىگىز بولسا بېك توسىۋالاتتى ، ئازراق ئوڭ سولغا بولسىمۇ شۇنداق بولاتتى ،،،  ئەلۋەتتە بۇ توپنى مېسسىنىڭ تالانتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ  ،،،   بىرىنجى توپ ئەڭ ھالقىلىق ، 5 مىنوتتا ۋارتاغا توپ ئۇرسا 85 مىنوت تۇتۇپ تۇرۇشنى ئويلىسىمۇ مۇداپىئەچى بولغان ئادەم جىددىلىشىدۇ ،،،  مېسسىغا ئالدىنقى مەيداندا 3 پۇرسەت كېلىۋىدى ئىككىسى چۇشۇپ كەتتى ،نىئاڭ كەلگەن پۇرسەتكە سېلىشتۇرغاندا مېسسىغا كەلگىنىنى پۇرسەت دىگىلىمۇ بولمايتى ،ئەمما تەلەي شۇنداق نەرسە ،  بۇ ھالەتتە كىيىنكى مەيداننى تۇتۇپ تۇرالمايدىغانلىقىغا كوزى يەتكەن مىلان ھۇجۇمغا ئالدىراپ قالدى ،،،  ئۇچىنجى توپ نەق شۇ ئالدىراپ چىققان خاتالىق ،،،
يەنە بىرى يېقىندىن بېرىدىكى بارسلونانىڭ ناچار ئىپادىسى مىلاننى بىخۇتلاشتۇرۇپ قويغان بولىشىمۇ مۇمكىن ،،،  ھەتتا لاكىرونىياغىمۇ تۇزۇك 4 توپ ئۇرالمىغان بارسلونانى مىلانغا ئۇرالايدۇ دىسە كىم ئىشىنەر ،،،  ئەمما باسا دەل شۇنداق ھەممىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى ،، ئالەيگىرىنىڭ چىمپىيۇن بولىمىز دىگەن ئىشەنچى نەق ئىككى توپ ئەۋزەللىك ۋە بارسلونانىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىيتىلغان سوز ئىدى ،،،  

ئەلەيگىر ياخشى تېرنېر ،،  ئالدىنقى يىللىرى مىلاننىڭ قېرىلىرى بار چاغدىمۇ ۋاي دىگۇدەك نەتىجە ئالالمىغان ئىدى ،،،  ئەمدى يېڭىدىن تۇزۇلگەن كوماندىنى بىرلەشمە دەسلىۋىدىكى ئىپادىدىن ھازىرقى ھالەتكە ئېلىپ كەلمەك ئاددى ئىش ئەمەس ،،،،   نىئاڭ شۇ توپنى ئۇرىۋەتسە ھىچكىم ئالەيگىرنىڭ تاكتىكىسىدىن گۇمان قىلمىغان بولاتتى ،،،  دىمەك تاكتىكىلا ئەمەس بەلكى مەيداندىكى توپچىلار ئەڭ ئاخىرقى ھېساپتا ئاخىرلاشتۇرغۇچى ھېساپلىنىدۇ ،،،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-15 15:04:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسىلۇناغا ئۇتتۇرىۋەتكەن سەۋەبلىك كوماندىدىن ئايرىلسا تولىمۇ ئەخىمىقانىلىك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-15 15:19:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي،ۋاي،،،،،،،،،،،،،
مەن تىخى پىشىنى قىقىپلا كىتىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
ئالدىمىزدا يەنە تىخى بىرلەشمىنىڭ 1-2 لىكىنى تالىشىش بار.ھازىرچە بولسىمۇ كەتمەي تۇرسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-15 15:20:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گالىيانى ئىبرايىم ،سېلۋا ،پاتولارنى ساتقانغا تويدى ،،،،نوكەمپودا سويمەك ھۇجۇمچىلار ئاقىمىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 06:31

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش