- تىزىملاتقان
- 2012-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 326
- نادىر
- 1
- يازما
- 326
|

بىيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردىكى «ياخۇ تەنتەربىيسى» خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، مۇشۇ ھەپتە دۈشەنبە ئىراقتا بىر قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن ، بىر بارسىلونانى قوللايدىغان توپ مەستانىسى ئۆز قولى بىلەن ئۆزىنىڭ يىقىن دوستىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن ، سەۋەبى پەقەتلا دوستىنىڭ رېئال مادرىدنى قوللايدىغانلىقى بولۇپ ، بۇ بارسىلونا توپ مەستانىسى ئاخىرىدا قەبىھلىك بىلەن دوستىنىڭ كاللىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان .
«ياخۇ تەنتەربىيسى» باغدات يەرلىك گېزىتى «Al Zaman» نىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دېدى ، دۈشەنبە كۈنى ئويۇنچۇق زالىدا بىر بارسىلونا توپ مەستانىسى بىلەن ئۇنىڭ رېئال مادرىد مەستانىسى دوستى ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بەردى ، كەينىدىنلا ئىككەيلەن ئۇرۇشۇپ كەتتى ، ئاخىرىدا بارسىلونا توپ مەستانىسىنىڭ غەزىپى تېشىپ ، پىچىقىنى چىقىرىپ دوستىنىڭ نەچچە يېرىگە تىقىۋەتتى ، ئەڭ ئاخىرىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىلا دوستىنىڭ كاللىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى . نەخ مەيداندىكى كىشىلەر دەرھاللا تېلفون قىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلدى . ساقچىلار نەخ مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ، قاتىلنى سوراق قىلىش بىخەتەرلىك مەركىزىگە ئېلىپ كەتتى ، ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتى بولسا قانۇن دوختۇر ئورگىنىغا ئېلىپ بېرىلىپ جەسەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى .
«Al Zaman» نىڭ ئېيتىشىچە ، ئىراقتىكى بارسىلونا توپ مەستانىلىرى ۋە رېئال مادرىد توپ مەستانىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ، بۇ تۇنجىسى ئەمەس ئىكەن . ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا ، رېئال مادرىد كامپ نوۋ دا 2 دە 1 نەتىجە بىلەن بارسىلونانى مەغلۇپ قىلغان ۋاقىتتا ، ئىراق كەربالادىكى بىر قەھۋەخانىدا ئىغىر دەرىجىدە توپ مەستانىلىرى توقۇنىشى يۈز بەرگەن بولۇپ ، قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىككى كوماندىنىڭ توپ مەستانىلىرى ئىكەن ، توقۇنۇش جەريانىدا يەنە بەزىلەر تىغلىق ئەسۋابلارنى قولىغا ئىلىپ ، نەچچە كىشىنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن .
مەنبە : سىنا تەنتەربىيسى |
|