- تىزىملاتقان
- 2008-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 877
- نادىر
- 0
- يازما
- 877
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tanhategin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-13 16:24
ئەڭ ئالدى بىلەن باسانى،باساغا مەدەت بەرگەنلەرنى تەبرىكلەيمەن!!!ئاندىن مىلەنگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن!مىلەننىڭ باسانى شاللىشىغا پەقەت بىر قەدەملا قالغان ئىدى!مىلەنمۇ ئېنتىردەك،چېلسىيدەك...‹قورغان›ياساپ،ئۆزىنىڭ يېرىم مەيدانىدىلا ئوينىغان بولسا 8گە كىرىدىغىنى تامامەن مىلەن بۇلاتتى!ئەمما مىلەن يېتىۋېلىشنى لايىق كۆرمىدى بولغاي،ھۇجۇم ئويناپ نەتىجە مۇشۇنداق بولدى،ئەمما شۇنداق بىر مەيدان ئېسىل مۇسابىقە بولدى!!باسانىڭ تۆتىنجى توپى چۈشكىچە يۈرەك ئىزىغا چۈشمەي كۆردۈم(گەرچە ئەتىسى كۆرگەن بولساممۇ)،ۋېللا توپ سېپ بولغاندىن كېيىن باسا سەل يەنە بۇششىپ كەتكەن ئىدى،ئەنسىرەپلا ئولتۇردۇم!ۋېللانى چۈشىرۋېلىپ سانچېسنى چىقرىپتى ،ئاپلا دېگەنىدىم،ئەسلى فابرىگاس،سوڭ،تىياگو لارنىڭ بىرەرنى چىقىرىپ ئوتتۇرا مەيداننىڭ توسۇش رۇلىنى يۇقىرى كۆتۈرسە بۇلاتتى،قاراملىق بىلەن ھۇجۇمغا ھۇجۇم ئالماشتۇرۇلدى،كەينىدىن ماسچىرانونى چۈشىرۋېتىپ پۇيۇلنى چىقاردى،ئويلىدىم:پۇيۇلنى چىقىرىۋىرىپ،پېدرونى چۈشۈرۋالسا بۇلىۋىرەتتىغۇ؟مۇسابىقە تۈگەشكە قانچە ئاز قالغاندا شۇنچە ھۇشيار ،ئېھتىياتچان ئويناش كېرەك تۇرسا؟؟ئاخىرقى ئون مىنۇتتا تاس تاس قالىتى ئىشتىن چاتاق چىققىلى.بوياڭمۇ چىقىپلا پېك تاغىسىنى پوش دېمەي ئەجەللىك پاس تاشلاپ يۈرىيدۇ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى جىغىلدىتىپ،ئاشۇ توپنى ئالبا ۋاقتىدا تۇسىۋالمىغان بولسا كىرىپ كېتەتتى دە!
مېسسى؟؟؟؟ ئۆزىنىڭ بىرىنجى نۇمۇرلۇق شەخسلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەندە قىلدى!!كىرىستىيانغا يەنە بېسىم قىپ قويغانسەنمۇيا؟!!ئۇزغۇنلۇقتا كارامىتىڭلارنى كۆرىمىزغۇ!
ئېنىستا؟؟ مۇشۇنداقلا بالىدە!خاۋېيمۇ شۇ!!بۇسكىس !ئوتتۇرا مەيدان ھەقىقەتەن كارامىتىنى كۆرسەتتى!بىر ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكى گوئادىوۋلا باشچىلىقىدىكى بارسلونانى ئەسلەتتى!
MVPيەنىلا ياخشى ئوينايدىكەن!8كۈچلۈكتىمۇ مۇشۇنداق ئوينىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!!
مۇشۇ مۇسابىقىدىكىدەك ئىپادەڭلار بىلەن ئوينىساڭلار غەلبە يەنىلا باساغا قۇچاق ئاچقۇسى!! |
|