- تىزىملاتقان
- 2011-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1604
- نادىر
- 9
- يازما
- 1604
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پۇتبول سۆيەر ئەزىزلەر! ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!
گەپنىڭ پوسكاللىسىنىلا قىلاي. شۇ تاپتا بۈگۈن كەچتە سائەت 1:45 دە (ئۆزىمىز ۋاقتى) ئېلىپ بېرىلىدىغان 2 مەيدان ئۇزغۇنلۇق 8 كۈچلۈككە تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ (AC مىلان VS بارسىلونا ، گالاتاساراي VS شالىك04 ) تېزىراق باشلىنىشىغا كۆزىمىز تۆت، تۆت كۆزلەرنىڭ كۆزى سەككىز بولۇپ ئولتۇرۇپتىمىز. مۇنبىرىمىز ئۈچۈن مەخسۇس قۇرۇلغان ۋاي ۋاي قانىلىمىز گەرچە ساناقلىق مۇنبەرداشلارنىڭ دائىملىق سورۇنى بولۇپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇنبىرىمىزدە يەنىلا نۇرغۇن تورداشلار ۋاي ۋاي قانىلىغا ئانچە كىرىپ كەتمەيدۇ. نۇرغۇن ئورتاق قىززىقىشىكى قېرىنداشلار دەل مۇشۇ ۋاي ۋاي قانىلىمىزنىڭ خاسىيتى بىلەن تونۇشۇپ، دوسىتلىشىپ كەتتۇق، نۇرغۇن مۇسابىقىلەرنى قانالدا بىللە ئولتۇرۇپ جەڭگە-جېدەلسىز بەس-مۇنازىرە بىلەن كۆرۈپ تۈگەتتۇق. بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلىشنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ تۇرىۋاتىمىز. ھازىر مۇنبەردە مەۋجۇت تۇرۋاتقانلىرىڭلار مۇبارەك قەدىمىڭلار بىلەن قانىلىمىزغا قاراپ يول ئالساڭلار دېگەن ئۈمىدتە كۇنۇپكا تاختىسىغا چوققىلاپ يۈرۈپ مەزكۇر چاقىرىقنامىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمىز. مەقسەت چۈشىنىشلىك بولغان بولسا گەپ تامام.
ھۆرمەت بىلەن:
پۇتبول مۇنبىرى ۋاي ۋاي قانىلى مەخسۇس گۇرۇپپىسى
--------------------------------------------------------------------------------
مەزكۇر تېما مۇشۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئاياقلاشقاندىن كېيىن ھەر قانداق مۇنبەر باشلىقلىرى تەرىپىدىن ئۆچۈرۋېتىلسە بولىدۇ. |
|