- تىزىملاتقان
- 2008-9-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 736
- نادىر
- 0
- يازما
- 736
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tanhategin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-10 20:38
ئەينى ۋاقىتتا ھۇجۇم مۇداپىئە بىر گەۋدە،توپ ‹ھەقىقى›كونتىروللىقتا ئىدى،ھازىرقى ھۇجۇم مېسسىغىلا تايىندۇ،سانچېس كەلگندىن بۇيان قانچە توپ سالدى؟!پېدروغا نېمە بولدى؟؟مەرگەنلەر رەت تەرتىپتە ئالدىنقى يىگىرمە ئادەمنىڭ ئىچىدە يەنە بىر باسالىق ئادەمنىڭ ئىسمى يوق!كەتكۈزگەن توپ سانىمۇ ئالدىنقى تۆت كوماندىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ!...دېمەك تەڭپۇڭسىز ھالەت بارلىققا كەلدى! توپ ئۈنۈمسىز كونتىرول قىلىنۋاتىدۇ!يەنە ماۋۇ بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىدە يەنى بۇ پەسىلدىكى ھالقىلىق مۇسابىقىلەردە ‹باشسىز› ئويناپ كەتتى،يېڭى تېرنىر قانداقراقتۇ دەپ بولغىچە يارىدەمچى تېرنىرنىڭ قولىغا قالدى...
ئەكسىچە مادرىد چولپان يىغىپ ‹سىناق›لىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،‹مەھسۇلات›لىرىنى بازارغا سالىدىغان ‹ھوسۇل› ئالىدىغان پەيتكە كەپ قالدى. ئەكەلگىنى چولپان بولغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ماسلىشىشى،بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى،قىسقىسى پىشىپ يېتىلىشى ئۈچۈن مەلۇم جەريان كېتىدۇ!شۇ جەرياننى تۈگەتكەندەك بۇلىۋىدى،دەل باسانىڭ ئۈستىدە ئېيتىلغاندەك پاسسىپ،قاتمال ھالىتىگە توغرا كەلدى!
دەپ قارايمەن! |
|