- تىزىملاتقان
- 2010-8-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1584
- نادىر
- 1
- يازما
- 1584
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-10 17:53
ئۇ دىگەن بىر ماركا ، مەن ھەر ۋاقىت ئۇنى قوشۋىلىشنى ئويلىشىمەن .
چىش دۇختۇرىمۇ ، لىناردىنومۇ ئەيتاۋۇر ئىشقىلىپ پارىژغا مۇناسىۋەتلىك بىرى ، بېكھام ئامرىكىدىكى ۋاقتىدا مۇشۇنداق دىگەن .توپ تەپكۈچىكامنىڭ دىگىنى توغرا ، بۇ سودا ھەر ئىككىلى تەرەپكە مايدەك ياققان ئوبدان سودا .
بىز تەرەپلەردە بولغان بولسا لەقەمنى خىزىر قويىدۇ دەيىتتۇق ، ئىبرا غا كىم قويغان بولغۇيتى ؟! بۇنىڭ ماسلىشىشچانلىقىغا قول قويماي ھەقىقەتەن ئامال يوقكەن . ئادەتتە تۆگىمۇ شۇنداققۇ ، مۇھىت تاللاپ كەتمەيدۇ . تورىندىن - مىلانغا ، مىلاندىن - بارسىلۇناغا ، بارسىلۇنادىن يەنە مىلانغا ، مىلاندىن - پارىژ ...بىر بىرىدىن داڭلىق شەھەرلەر ~ ھىچقايسى يەردە بۇنىڭ توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى ئۆزگىرىپ باقمىدى ( پەۋقۇلادە تۆۋەنلەپ باقمىدى ) . يەنە كىلىپ بۇ قايسى كىيىمنى كىيگەندە بولسۇن ئوخشاشلا ئىلگىركى كوماندىسىغا توپ ئۇرالىدى . مەن بىلدىغان بۇنداق ھۇجۇمچىلاردىن يەنە رونالدۇلا باركەن .
تۆگە پارىژدىن كەتكۈچە مىلان بىلەن ئوينىغان بىر مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆرەلىشىمنى ، تۆگىنىڭ مىلانغا توپ ئۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . بۇ يىل مىلان بارسىلۇنادىن ئۆتۈپ كەتسە ئۇچراپ قالامدۇ تېخى . |
|