- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7601
- نادىر
- 17
- يازما
- 7601
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-9 14:05
گەپنى قىسقا قىلاي : مەزمۇن يەنىلا ئىملا توغىرسىدا ،يېقىندا ئەنقەر قاتارلىق بىر نەچچە دوستلىرىمىز مەخسۇس مۇشۇ ئىملا توغىرسىدا تېما يوللىغان ،لېكىن ھازىر يەنىلا ئوخشاش ،مۇنبەردە كۆپىنچە باللا ئوقۇغۇچى ،ھەممەيلەنگە ئايان ،ھازىر خەنزۇچە ئومۇملىشىپ كەتتى .ئۆز يېزىقىمىزدا خەت يازىدىغان ئىشلار بەك ئاز ،ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتساممۇ ،مۇشۇ مۇنبەردە خەۋەر يازمىسام ئاساسى جەھەتتىن ئىشلىتىشكە پۇرسەت يوق ،كەسىپ ئېھتىياجى شۇنداق ،شۇڭىلاشقا مۇشۇ ئىملا ، پەش-چېكىت ،جۇملە باغلاشتۇرۇش ئىشىدا مەندىمۇ خاتالىق بار ،ھازىر ئىلگىرىكىدىن سەل ياخشى دەپ ئويلايمەن ،پۇتبول مۇنبىرى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ مۇنبەر ،پۇتبولغا قىزىقىدىغانلار كۆپەيگەنسېرى زىيارەت قىلىدىغانلارمۇ كۆپ ،كۆپىنچە بېكەتلەر ئىملاغا بەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ .مۇنبەردىكى بەزى دوستلىرىمىزنىڭ ئىملاسىمۇ شۇنداق توغرا ،ھەتتا ئىنكاستىمۇ شۇنداق ، خەۋەر يوللايدىغانلار خېلى بار ،ھەم تېز ، بىراق ئىملا جەھەتتە خاتالىق خېلى سالماقنى ئىگەلەيدۇ . ، نىجات باشلىق ئادەتتە كۈرۈنمىگەندەك قىلغان بىلەن ئارقا سەپتە بەك كۈچەيدىكەن .رەتلەش ئېلىپ بارىدىكەن .قاراپ بېقىڭلار ، ،باشقۇرغۇچىلارمۇ تېمىنى دەرھال تەستىقلاۋاتىدۇ . بولسا بىر قارىۋەتكەن بولساڭلار ،ئانچە -مۇنچە تەڭشەپ ،توغۇرلاپ دىگەندەك ،جاپا تارتىۋاتىسىلەر ،بۇمۇ بىز ئۈچۈن ،سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمىز ،
مەن ئاخىردا بىر تەكلىپ بەرمەكچى : ئىملا جەھەتتىكى تېمىلار دائىم يېزىلىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن تازا ئۈنۈمى بولمايۋاتىدۇ .شۇڭا قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈن ئىملا تەھرىرلىگۈچ ئىشلەتسەك دېمەكچى ،مەن بەش ئايدىن بۇيان بىر تەھرىرلىگۈچنى ئىشلىتىۋاتىمەن ،ناھايىتى ئاددى ، خەۋەرنى يازىمەن ،تەھرىرلىگۈچكە چاپلايمەن ،پەقەت ئىككى مىنۇتتا پاكىز خەۋەر بارلىققا كېلىدۇ .ئاندىن يوللايمەن .مۇشۇنداق قىلىۋەرگەنسېرى ئېسىدە قېلىپ سۆزلەرنى دەسلەپتىلا توغرا يازغىلى بۇلىدىكەن .مەسىلەن : ( ئېنترناتسىئونال )
مۇنبەردە ھەرقايسى بېكەتتە زىيارەت قىلىدىغانلار ، شۇنداقلا بېكەت قۇرغانلار خېلى بار ،ھەقاچان بەزى ئەزالارغا ئۇچىرغاندۇ مۇشۇنداق يۇمشاق دېتال ،مەن ئىشىلتىۋاتقىنىممۇ يامان ئەمەس ،شۇنداقتىمۇ بۇنىڭدىن ياخشىسى بولسا ئۈزەڭلىگە ئۇچراپ قالغان تەھرىرلىگۈچىلەر بولسا مۇشۇ تېمىغا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار ،ھەممەيلەنگە ئاسان بۇلاتتى . |
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 130
تۆھپە + 15
شۆھرەت + 10
تەجرىبە + 10
باھا خاتىرىسى
|