- تىزىملاتقان
- 2008-7-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3131
- نادىر
- 1
- يازما
- 3131
|

بۇيىل 6-ئاينىڭ 5-كۈنى گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى باللاكنىڭ خوشلىشىش مۇسابىقىسى گېرمانىيە ساكسىن ئىشتاتىنىڭ قىزىل كالا پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزىلدۇ. بۇ مۇسابىقىنى ئوينايدىغان ئىككى تەرەپنىڭ بىرى بولسا باللاكنىڭ دوستلىرىدىن تەشكىل تاپقان كوماندا يەنە بىرى خەلىقئارا چولپانلار كوماندىسى بۇلۇپ چولپانلار كوماندىسىنىڭ تىرىنىرلىقىنى مورىنىيۇ ئۈستىگە ئالىدىكەن. ھازىر باللاك پۇتبول ساھەسىدىكى چولپانلار بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقان بۇلۇپ مورىنىيۇ، شىفخچىنكو ۋە شىۋىنسىتايگېرلارنىڭ قاتنىشىش مۇقۇملىشىپ بولغان، ئۇندن باشقا باللاك يەنە مىسىي، نويىۋىېر، شېنەيدې، دىروگبا، لەمپارد، ئاشلى كول، لام، رېيھاەېر، كېلىنسىمان، ئەنچىلودىي قاتارلىقلار بىلەنمۇ ئالاقىلاشقان بۇلۇپ ئۇلار پات ئارىدا جاۋابىنى بىرىدىكەن.
ئالدىنقى بىر مەزگىل باللاك بىلەن گېرمانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىرىنىرى لېف بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ كەتكەن ئىدى، ئاخبارات ۋاستىلرىنىڭ ئىگللىشىچە ئۇلارنىڭ ھازىرقى مۇناسىۋىتى نورماللىشىپتۇ، باللاك بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە گېرمانىە پۇتبولچىلار بىرلەشمسىنىڭ رەئىسى نېرسىباھ بىلەن لېفنىمۇ تەكلىپ قىپتۇ. |
|