- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6668
- نادىر
- 16
- يازما
- 6668
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-8 00:17

ئىتالىيىنىڭ تورىندىكى سوغاق ھەم يامغۇرلۇق كېچىدە ،تاغىل ئات قوشۇنى يۇۋېنتۇس كوماندىسى ياۋروپا ئۇزغانلىقتىكى يەنە بىر مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ،ئىككى ئايلانمىدا جەمىي بەش توپ ئۇرۇپ ئۇڭۇشلۇق ھالدا 8 كۈچلۈككە كىرىپ كەتتى .بۇ يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ تېلېفون ۋەقەسىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم 8 كۈچلۈككە كىرىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .توغرا ، يۇۋېنتۇس قەد كۆتەردى .يۇۋېنتۇسنىڭ رەقىبلىرىنى غال -غال تىترىتىدىغان ۋاقتى يېتپ كەلدى .
2005-2006-يىلى ،يۇۋېنتۇس كوماندىسى بايرېن مىيۇنخىىنغا بېسىم چۈشۈرۈپ گۇرۇپپىدىن چىققان .ئارقىدىن بېرمىننى مەغلۇپ قىلىپ 8 كۈچلۈككە كىرگەن .كېيىن تېلېفون ۋەقەسى پارتىلىغاندىن كېيىن ،يۇۋېنتۇس ب دەرىجىگە چۈشۈپ كەتكەن .2008-2009-يىللىرى يۇۋېنتۇس قايتىدىن ياۋروپا ئۇزغانلىق سەھنىسىگە قايتىپ كەلگەن .بىراق ئومۇمى نومۇردا 2 ؛ 3 نەتىجە بىلەن چېلسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتكەن .2009-2010-يىللىرى شاللاش باسقۇچىغا كىرەلمىگەن .
2011-يىلى كونتى تاغىل ئاتنىڭ قامچىسىنى قۇلىغا ئالغاندىن كېيىن ،يۇۋېنتۇسنىڭ نەتىجىسىدە كۈرۈنەرلىك بۆسۈش كۆرۈلگەن .شۇ يىلى چىمپىيۇن بولغان . بۇ پەسىلدىكى نىشانىمۇ چېمپىيونلۇق ،ياۋروپا ئۇزغانلىقتىمۇ دەسلەپتە ئۈچ مەيدان تەڭلەشكەندىن كېيىن ، بىراقلا پارتلاپ چېلسى قاتارلىق ئۈچ كوماندىنى قەتئى قىلغان .ئەمدى ئۆز مەيدانىدا ئىلگىرى بارسېلونانى مەغلۇپ قىلغان شوتلاندىيىنىڭ سەركىسى كىلىتلىقلارنىڭ سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇردى .
كونتى مۇنداق دېگەن ،كۇلۇبىنىڭ مەخسۇس ئۆيىدە ئۈچ ئۇزغانلىق لوڭقىسى تىزىقلىق ،بىزدە تولۇق ئىشەنچ بار ،ئارسىنال تېرىنىرى ۋېنگىر يېقىندا مۇنداق دېگەن ، يۇۋېنتۇسنىڭ مۇداپىئەسى مۇشۇ قېتىمقى كوماندىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قالتىس ،ھۇجۇم كۈچلۈك ۋە ئۈنۈمى يۇقىرى ،مۇبادا بۇلار شاللاش باسقۇچىغا كىرسە ھەر قانداق كوماندىغا خەتەر ئېلىپ كىلەلەيدۇ .
3-ئاينىڭ 15-كۈنى ، تۆت كۈچلۈككە چەك تارتىلىدىغان بولۇپ ،ۋۇچىنىچ مۇنداق دىگەن ،مەيلى قانداق كۈچلۈك كوماندا بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر بىز قورقمايمىز ،خان مادرىد بىلەن ئۇچۇرشۇپ قېلىش ؟ بىز مادرىتىنى ئۇجۇقتۇرۋېتمىز .
 |
|