- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6668
- نادىر
- 16
- يازما
- 6668
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-8 00:18

3-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى « كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى » نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئۇدا تۆت يىل « ئالتۇن توپ » مۇكاپاتىنى ئالغان داڭلىق ھۇجۇمچى مېسىى بۈگۈن ESPN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ،كېيىن بارسېلونادا پۇتبولچلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرمايدىغانلىقىنى ، پىلانىدا ،ئۆز ۋەتىنى ئارگېنتىنانىڭ نېۋىل قېرى يىگىتلەر كوماندىسدا توپ ئويناپ چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ،( نېۋىل قېرى يىگىتلەر بولسا ، مېسسىنىڭ پۇتبول چۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تۇنجى قەدىمىنى باسقان كوماندىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ )
مېسسى ؛ مەن ھازىر يېشىل چىملىقتىن قايسى ۋاقىتتا چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن .بىراق بۇ ئىش ھامان بىر كۈنى يۈز بېرىدۇ .مەن ھەقىقەتەن يېقىندا بارسېلونا كۇلۇبى بىلەن 2018-يىلغىچە توختام ئۇزارتتىم .توختام ئاخىرلاشقاندا مەن 31 ياشقا كىرىمەن .لېكىن كەسپى ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىسىدىكى كىيىم بۇ بولماسلىقى مۇمكىن .مىنىڭ ئارزۇيۇم پەقەت بىرلا كوماندىدا توپ ئويناش ،ئىزچىل شۇنداق ئويلاپ كېلىۋاتىمەن ،يەنە بىر ئارزۇيۇم ، نېۋېل قېرى يىگىتلەر كوماندىسدا چېكىنىپ چىقىش ،كەلگۈسىدە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ ، بۇنى ئۇقمايمەن .
ئالدىنقى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان خان مادرىد بىلەن مانچېستىر بىرلەشمىسى ئوتتۇرسىدىكى ياۋروپا ئۇزغانلىق 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە ، داڭدار ھۇجۇمچى كىرىستىئانو رونالدو ئاخىرقى ئەجەللىك بىر توپ بىلەن مانچېستىر بىرلەشمىسىنى ئۇزۇتۇپ قويدى .مېسسى زىيارەت جەريانىدا كىرىستىئانو رونالدونى ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي قاتتىق ماختاپ كەتكەن .مېسسى مۇنداق دىگەن ،C.رونالدو دۇنيادا ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ھۇجۇمچى ،مەن ئالدىنقى كۈنى بۇ مۇسابىقىنى كۆردۈم ،مۇسابىقە جەريانىدا C.رونالدونىڭ ئىپادىسى بەك قالتىس بولدى .خان مادرىد C.رونالدو بولغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك !

|
|