- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4258
- نادىر
- 5
- يازما
- 4258
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
2012-2013 يىللىق ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى داۋامى 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سەھەر سائەت 1:30 دە ئوينالدى ... نەتىجە تۆۋەندىكىچە :
پارىژ سانت گىرمان 1 - 1 ۋالىنسىيە
فىرانسىيە بىرلەشمىسنىڭ كۈچلۈك كوماندىسى پارىژسانت گىرمان ئۆزمەيدانىدا ئىسپانىيەنىڭ ۋالىنسىيە كوماندىسنى كۈتىۋالدى . بۇ ئىككى كوماندا ئالدىنقى ئۇچۇرشىشدا 2 - 1 پارىژ سانت گىرمان كوماندىسى ئۈستىنلىكنى ئىگەللىگەن ئىدى ...
مۇسابىقە باشلىنىپ مۇسابىقە بەك كەسكىنلىشىپ كەتتى ، چۈنكى ۋالىنسىيە كوماندىسى نۇمۇر ئىلىشقا بەك تىرىشتى ... مۇسابىقە داۋاملىشىپ 55 مىنۇت بولغاندا ۋالىنسىيە كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 0 - 1 قىلىپ ئومۇمي نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالدى .
لىكىن پارىژسانت گىرمان كوماندىسى ھۇجۇمنى تىخىمۇ كۈچەيتىپ 66 مىنۇت بولغاندا ئارگىنتىنالىق توپچى لاۋىچى بىرتوپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1 - 1 قىلىۋالدى ... كىيىنكى مىنۇتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي پارىژ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا تەڭلىشىپ ئومۇمى نەتىجىدە 3 - 2 بىلەن ۋالىنسىيەنى شاللاپ 8 كۈچلۈككە كىرىپ كەتتى ...
بۇ پارىژ سانت گىرمان كوماندىسىنىڭ 18 يىلدىن كىيىن 8 كۈچلۈككە كىرشى ھىسابلىنىدۇ ...
يۇۋىنتىس 2 - 0 كىتالىقلار
ئىتالىيە زەردارى يۇۋىنتىس كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا كىتالىقلار كوماندىسنى كۈتىۋالدى ، نەتىجىدە يۇۋىنتىس كوماندىسنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن ئۆزمەيدانىدا 2 - 0 غەلبە قىلىپ ئومۇمي 5 - 0 نەتىجە بىلەن كىتالىقلارنى شاللاپ 8 كۈچلۈك مۇسابىقىسىگە كىرىپ كەتتى ...
|
|