akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 8059|ئىنكاس: 462

چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى خەۋىرى ( 2013.03.06 )

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-6 13:42  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...


1.jpg


2012-2013 يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىنىڭ 2 - ئۇچۇرشىش مۇسابىقىسى 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سەھەر سائەت 1:30 دە باشلاندى ! نەتىجە تۆۋەندىكىچە :

1.png

دورتمۇند   3         -        0      دونسىك كان ئىشچىللىرى

گىرمانىيە سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسى  ۋىستىفالىن مەيدانىدا ئوكرانىيەنىڭ دونسىك كان ئىشچىللىرى كوماندىسنى كۈتىۋالدى ... ئالدىنقى قىتىملىق ئۇچۇرشىشدا بۇ ئىككى كوماندا 2 -  2  تەڭلىشىپ قالغان .

مۇسابىقە باشلىنىپ دورتمۇند كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ، مەيداننى كونتۇرۇل قىلىپ ئوينىدى ...  مۇسابىقە داۋاملىشىپ 31 مىنۇت بولغاندا دورتمۇند بىكى سانتانا بۇلۇڭ توپنى كىرگۈزۈپ 1  - 0  قىلدى !  
دورتمۇند كوماندىسى ھۇجۇمنى تىخىمۇ كۈچەيتىپ 37 مىنۇت بولغاندا لەيۋەندوۋىسكىنىڭ پاس يەتكۈزۈپ بىرشى بىلەن ياش گىرمانىيەلىك چولپان گوتزى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى  2  -  0  قىلدى ... دورتمۇند كوماندىسى ئالدىنقى مەيدان ياخشى ئوينىدى ...

كىيىنكى يىرىم مەيدان باشلىنىپ دورتمۇند كوماندىسى يەنىلا ئۆزمەيدانىدا ياخشى ئويناپ 59 مىنۇت بولغاندا پولشالىق چولپان كۇبا بىر توپ ئۇرۇپ دورتمۇند كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا غەلبە قىلىش يولىنى ئاچتى ، نەتىجە 3  -  0  ( 5  - 2 ) بولدى ...
كىيىنكى مىنۇتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي ھەرىلەر قوشۇنى ئۆزمەيدانىدا  3  -  0  غەلبە قىلىپ  ئومۇمى نەتىجە   5  -  2  بىلەن  رەقىبىنى شاللاپ 8 كۈچلۈككە كىرىپ كەتتى ...   ( مۇبارەك بولسۇن دورتمۇند كوماندىسى ! غەلبە ھامان تىرىشقانلارغا مەنسۇب ! )







مانچىستىر بىرلەشمىسى    1        -         2    مادىرىد
   

ئىنگىلاند زەردارى مانچىستىر بىرلەشمىسى ئۆزمەيدانىدا ئىسپانىيە زەردارى مادىرىد كوماندىسنى كۈتىۋالدى ... مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا مەيداننى كونتۇرۇل قىلىپ ئويناپ ياخشى كەلگەن پۇرسەتلەرنى قولدىن بىرىپ قويدى ، مادىرىد كوماندىسىمۇ مىھمان مەيداندا كۈچىگەن بولسىمۇ ئالدىنقى مەيدان 0  -  0  ئاياغلاشتى ...

كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 48 مىنۇت بولغاندا مادىرىد كاپىتانى رامۇسنىڭ خاتالىقى تۈپەيلى ئۆز كوماندىسىغا خائىن توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1  - 0  قىلدى .... مۇسابىقە داۋاملىشىپ مانچىستىر بىرلەشمىسى توپچىسى نانى قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلىگەنلىكىن ئۈچۈن قىزىل كارتا بىرىپ مەيداندىن چۈشىرۋىتىلدى ، مانچىستىر بىرلەشمىسى 10 ئادىمى بىلەن قالدى ...
مادىرىد كوماندىسى  ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ  66 مىنۇت  بولغاندا كىرودىيەلىك مۇدىرىچ  بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجە 1  -  1  قىلدى ... ! مادىرىد كوماندىسى تىخىمۇ ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ 69 مىنۇت بولغاندا داڭلىق چولپان س.رونالدو بىر توپ ئۇرۇپ مىھمان مەيداندا نەتىجىنى 1  -  2 قىلدى ...  
كىيىنكى مىنۇتلاردا  نەتىجە ئۆزگەرمەي  مادىرىد كوماندىسى  مىھمان مەيداندا  1  -  2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ ئومۇمى نەتىجە  2  -  3  بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسنى شاللاپ  8 كۈچلۈككە كىرىپ كەتتى ...







مۇسابىقە رەسىملىرى :

0.jpg
1.jpg
2.jpg
3.jpg
4.jpg
5.jpg
6.jpg




11.jpg
00.jpg
22.jpg
33.jpg
44.jpg
55.jpg
66.jpg
77.jpg
88.jpg
99.jpg
111.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +11 يىغىش سەۋەبى
بارچۇق + 1 قېنى فىلەش
مۇز + 10 نانى پۇتىنى يېغىشى كې.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-6 04:48:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇييۇ   مۇسابىقە تېخى تۈگېمىدىغۇ دەيمەن ھەرېچاق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-6 04:49:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يا ئاللا ھەرىچاق . ئۇتسىڭىز كىچىنى كىچە دىمەي تىما يولايسىز . ئۇتتۇرۋەتسىڭىز ھەپتە يوققۇ سىز ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-6 05:24:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي فۇ بوۋاي ، مورىنھۇنى يەڭگىنىڭ بىلەن رېپىرنى يېڭەلمىدىڭ دە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-6 05:32:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسەلنى قاتتىق يىغىپتۇدە بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-6 05:32:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-6 05:36:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-6 05:37:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرئەت كارامەت تېزغۇ ...
نانى غا بېرىلگەن قىزىل كارتا راست گەپ قىلسام ئىغىر كەتتى ، سېرىق كارتا بەرسىلا بولىدىغان گەپتى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-6 05:37:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چېمپىئون تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-6 06:00  

ئەڭ خوشال بولغىنىم ،،مورنھو بىلەن فۇرگىسسنىڭ مەيدان ياقىسدا تۇرۇپ ئۆز-ئارا پىچىرلىشىپ ،زىديەتلەشمەي مۇسابىقە ئاخىرلاشتى
نانىنىڭ ھەركىتى سەل خەتەرلىك بولسىمۇ قەستەنلىك بولمغاندىكىن سېرىق كارتا بەرسە بولاتتى ،،ئاشۇ قىزىل كارتا مادىردىقا تەلەي ئەپ كەلدى دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ ،،،،،،،،       مادىردىتىن ئەڭ ياخشى ئوينغىنى دىيگو لوپىز ،ۋارانى ،راموس ،ھىگۇايىن ،،،گەرچە راموس خائىن توپ ئۇرۋالغىنى بىلەن ئەمما ئېسل ئويناپ قويدى ،،لوپىز خەتەرلىك توپتىن خېلى توسۋالدى ،،،،،،ئەڭ ئاچچىقىم كەلگىنى رونالدو ،گەرچە بىر توپ ئۇرغان بولسىمۇ ،پۇتىدا تۈزۈك توپ توختىمدى ،تەمترەش ئېغىر ،،كونا تىرانفۇردىقا كەلگىندىن ھاياجانلىنىپ بېسىم ھېس قىلدىمۇ ياكى ئاخشام مانچىستىرلىقلار بەك مېھمان قىلۋىتىپ كچىگىچە ئويناپ ھېرىپ كەتتىمۇ ،پۇتىغا توپ چۈشسىلا توپنى قاچۇردۇ ،ياكى ئۇرمەن دەپ ئۇچاتۋىتدۇ ،،،،  فۇرگسىن رونالدونى بەش قولدەك چۈشەنگەچ مانچىستىر ئەزالىرغا ئالامەت تاكىتكا ئۆگۈتۈپ ،تاس قالدى چاتاق چىقارغىلى ،،،دىمارىيا پېي تارتشىپ چۈشۈپ كەتكەندە ھەي دەپ قالغان ،،ھېلمۇ ياخشى ھىگۇايىن ،مۇدىرچلار ئېسل ئويناپ بەردى ،،،،،يەنە بىرسى مورنھونىڭ تەۋەككۈلچلكى يەنە ئېقىپ قالدى ،،،،،،نېملا بولمسۇن مۇسابىقە ئاياغلاشتى ،،ئامال يوق  ئككى كۇلۇبىدىن بىرسى شاللانمىسا ئامال يوق ،،شۇڭلاشقا مانچىستىر مەستانلرى ،كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلماڭلا ،،يىلدا بىر كېلدىغان مۇسابىقە بولغاندىكىن يەنە ئۇچىرشىپ قالارمىز  ،،،،مۇبارەك بولسۇن مادىرىد  مەستانلرى  ،،
مورنھو ئېسل ئىش قىلدى ،،مۇسابىقدىن بۇرۇن ناۋادا مانچىسترىنى يەڭسەم 100 ئارلىققا يۈگرەپ تەبىركلەيمەن دېگەندى ،،بەلكىم قىزىل كارتا سەۋەبلىك مانچستىرلىقلارنىڭ يۈركىنى زىدە قىلماي دەپ مەيداندىن ئايىرلىدى ،،رونالدومۇ بىر توپى چاۋاق ئاستىدا مەيداندىن ئايىرلدى :
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-6 05:38:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇتىمۇند كۇماندىسى 8 كۈچلۈككە كىردى بەك ياخشى بۇلدى مۇبارەك بۇلسۇن
مادىرىتمۇ  بەك پەيزى ئۇينىۋاتتى مۇدىرىچ يارايدۇمۇبارەك بۇلسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-6 05:38:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قىلىچ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-6 05:42  

كۆڭلۈم بەك يىرىم ... 10-0 ئۇتتۇرغان بولساممۇ ھىچنىمە دىمەيتىم ... ناھەق بىر ئىپلاسنىڭ دەستىدىن  ......
كونا تىرافوردىنىڭ مەستانىلىرىغا رەھمەت .... سىر ساڭا رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-3-6 05:39:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-6 05:51  

مۇسابىقىنىڭ ھەقىقى كولمىناتسىيە نۇقتىسى نانىنىڭ قىزىل كارتىسى بولدى . مۇسابىقە ئەھۋالىنىڭ قايسى تەرەپكە پايدىلىق قايسى تەرەپكە بەكرەك زىيانلىق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش قىيىن . دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا مادىرىدنىڭ ئوينىشى دەششەت بولۇپ كەتتى . 60مىنۇتتىن 69-مىنۇتقىچە مادىرىدنىڭ ئويناش تېزلىكىگە قاراپ ھەيران قالدىم . نەتىجىسىنى كۆردى . كىرگەن ئىككى توپمۇ مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە كىردى .

مورىنىئونىڭ ئادەم ئالماشتۇرىشىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى .  مودىرىچمۇ ئەقىلنى لال قىلىدىغان توپنى ئۇرىۋالدى . ئەگەر لوپىزنىڭ دەششەت ئىپادىسى بولمىغان بولسا مۇسابىقىدە قىزىل كارتا ۋەقەسى بولمىغان بولسا مادىرىدنىڭ مانچىستىر ئۆتكىلىدىن ئۆتەلىشى راستىنلا ئاسان گەپ ئەمەس ئىكەندۇق . مەنمۇ مانچىستىرغا سەل قاراپتىمەن . ئۇلاردا مادىرىدنى ئۇتالىغۇدەك ئەمەلى كۈچ بار ئىكەن .

تەقدىر دېگەن ئاجايىپ نەرسە ھە . دىمارىيا يارلىنىپ چۈشۈپ كەتكەن ئورۇن دەل مانچىستىرنىڭ ئاجىز نۇقتىسى بولۇپ چىقتى .

ئاخىرىدا ئىككىلى كوماندىغا رەھمەت ، قىززىغان بىر مەيدان مۇسابىقە بولدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 06:54

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش