- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6640
- نادىر
- 16
- يازما
- 6640
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-5 19:41

يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان دورتىموند تېرىنىرى كىلوپ بىلەن بايرېن مىيۇنخىن ئوتتۇرسىدىكى ئېغىز ئۇرۇشى كۆپۈكتەك لەيلەپ يۈرمەكتە .ئەسەبىي مەشقاۋۇل كىلوپ بايرېن تەرەپكە نېمە دىسە مەيلى ئىدى .بىراق بۇ ئادەم بايرېننى مەسخىرە قىلىشتا ھېچقانداق گۇناھى بولمىغان دۆلىتىمىزنى چىشلەپ چىقتى .گەرچە كىلوپ بۇ ئىشتىن كېيىن بايرېن مەشقاۋۇلى خەيىنكىستىن كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ ،ئەمما دۆلىتىمىزدىن كەچۈرۈم سورىمىدى .
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئوتتۇرىسدىكى گېرمانىيە لوڭقىسى تۆت كۈچلۈككە كىرىش باسقۇچىدا ، سېرىق ھەرە دورتىموند 0 : 1 نەتىجە بىلەن بايرېن مىيۇنخىغا ئۇتتۇرىۋېتىپ شاللىنىپ كەتتى .مۇسابىقىدىن كېيىن ، ئۇتتۇرۋەتكىنىگە قاتتىق سەپرايى ئۆرلىگەن كىلوپ دەرھال بايرېنغا قارىتىپ زەمبىرەك ئوقى ئاتتى .« ھازىرقى بايرېن مىيۇنخىن خۇددى جۇڭگونىڭ سودا قۇرۇلۇش ساھەسىگە ئوخشاش ،دەسلەپتە باشقىلار نېمە قىلىۋاتىدۇ .كۈزىتىپ ئاندىن باشقىلارنىڭكىنى ئۆزىنىڭ قىلىش ئۈچۈن سۇقۇنۇپ كىرىشتەك ئىش قىلىۋاتىدۇ .يەنى ، نۇرغۇن پۇل بىلەن داڭلىق توپچىلارنى كۆچۈرۈپ ،ئاخىردا تۇيۇقسىز كۈچلىنىپ كەتكەندىكىدەك » بۇ سۆزدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئېغىز ئۇرۇشى قىلىشقان .كېيىن كىلوپ سۆزىدىن سەل نومۇس قىلىپ ،خەيىنكىستىن كەچۈرۈم سورىغان .ھەمدە ئۆزىنىڭ بايرېنغا باشقىچە نىيەتتە سۆز قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
كىلوپ مۇنداق دېگەن ،مەن ھازىر ھەقىقەتەن خۇشال ، چۈنكى ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىر جۇڭگولۇق مىنى ئىزدەپ كېلىپ ئاۋارە قىلمىدى .
 |
|