- تىزىملاتقان
- 2007-5-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2843
- نادىر
- 0
- يازما
- 2843
|
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: بۇ بىرقانچە كۈندە، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى ماھىرلىرىنىڭ پويىزدا 55 سائەت ئۆرە تۇرۇپ گۇاڭدوڭدىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەنلىكى جۇڭگو تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلاندى. گەرچە كوماندا ماھىرلىرى شىنجاڭغا بىخەتەر قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ئىش سەۋەبىدىن تۈرلۈك كۆزقاراش ۋە مۇنازىرىلەر داۋاملاشماقتا. مەيلى سەۋەبى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر بۇ بالىلارنىڭ يول ئازابى تارتىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنلىكى راسىت؛ مەيلى سىرتتىكىلەر قانداق قاراشتا بولسۇن، شىنجاڭ تەنتەربىيە ساھەسىنىڭ مەبلەغ قىيىنچىلىقى بۇرۇن مەۋجۇت، ھازىرمۇ مەۋجۇت. بىز خېڭدا كۇلۇبىنىڭ يەنە 700 مىليون يۇەن مەبلەغ سېلىپ داڭلىق كوماندا يارىتىۋاتقانلىقىدىن ھەيران بولۇۋاتقان چېغىمىزدا، شىنجاڭ تەنتەربىيە ساھەسىنىڭ مەبلەغ قىيىنچىلىقى كۆز ئالدىمىزدىكى مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. شىنجاڭنىڭ زور كۆپ قىسىم تەنتەربىيە تۈرلىرى بازارغا تېخى يۈزلەنمىدى، تەنتەربىيە كەسپىي تەرەققىياتى تېخى ئارقىدا، نۇرغۇن تەنتەربىيە تۈرلىرىنى ھۆكۈمەت مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ ئۇيۇشتۇرىۋاتىدۇ، بازارلىشىش تېخى ئەمەلگە ئاشمىدى، گەرچە ياردەم قىلىۋاتقان كارخانىلار بولسىمۇ لېكىن بەك ئاز، ياردەم كۈچى يېتەرسىز بولۇپ بۇلار «پويىزدا ئۆرە تۇرۇپ كەلگەن پۇتبول كوماندىسى»نىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى بولۇپ قالدى.بۇ ئەھۋال بىلەن ئىچكىرىدىكى تەنتەربىيە كەسپلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئوتتۇرىسىدا روشەن سېلىشتۇرما پەرق پەيدا بولدى، مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكا ماتىرياللىرىدىن ئايان بولۇشىچە، تەنتەربىيە كەسپلىرىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %20 سۈرئەت بىلەن ئاشماقتا، بولۇپمۇ ئىچكىرىدىكى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلاردا تەنتەربىيە كەسپلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئويناپلا قالماي، ساياھەتچىلىك، يىمەك-ئىچمەك، ئېلانچىلىق، رادىئو-تېلېۋىزىيە ۋە ئاخبارات نەشرىياتچىلىق قاتارلىق كەسپلەرگىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىغان.ئەلۋەتتە شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن ماھارەت تەنتەربىيە تۈرلىرى تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرماقتا، بازارلىشىشى ئەمەلگە ئاشمىغان، شۇنداقلا مۇكەممەللەشتۈرۈشكە موھتاج، بۇمۇ كارخانىلارنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلالماسلىقنىڭ مۇھىم سەۋەبى، لېكىن شۇنى كۆرۈش كېرەككى، نۇرغۇن تەنتەربىيە تۈرلىرى شىنجاڭدا چوڭقۇر ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن، مەسىلەن پۇتبول تۈرىنى مىسالغا ئالساق، گەرچە بۇلتۇر پەقەت جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىقا قاتناشقان بولسىمۇ لېكىن مۇسابىقە كۆرگەن تاماشىبىنلار سانى كۆپ، مەيدان كەپىياتى ئالاھىدە ياخشى بولغان. پەقەت ئاساسى خىزمەتلەرنى پۇختا ھەم ياخشى ئىشلىسەكلا قەتئىي بوشاشماي راۋاجلاندۇرساقلا ۋاقتىغا كەلگەندە تەنتەربىيە كەسپىنى ئېچىش بىلەن شۇغۇللانغان كارخانىلار كۆپ پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ. يەنە بىر جەھەتتە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋە جەمىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، خەلق تۇرمۇشى سەۋىيىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ساغلام تۇرمۇشقا بولغان تەلىپى ئاشىدۇ، تۈرلۈك ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى راۋاجلىنىدۇ، تەنتەربىيە كەسپلىرىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى كۈتۈۋالالايمىز.ئىقتىسادى تەرەققىيات چەكلىمىس تۈپەيلىدىن شىنجاڭنىڭ مالىيىسى چەكلىك، ھۆكۈمەتنىڭ سېلىنمىسىغا تايىنىپلا تەنتەربىيە كەسپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس، شىنجاڭدا خېڭدا ئۆي مۈلۈك گۇرۇھىدەك تەنتەربىيە كەسپىگە زور مەبلەغ سالىدىغان كارخانىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈشمۇ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە كەسپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش سىياسات جەھەتتە يۆلەشكە موھتاج، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قارىتا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. تەنتەربىيە كەسپلىرى راۋاجلانغاندىلا تۈرلۈك تەنتەربىيە تۈرلىرىگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىنىدۇ، تېخىمۇ كۆپ تەنتەربىيە تالانت ئىگىلىرى تەربىيىلىنىپ چىقىدۇ، تەنتەربىيە كوماندىلىرىنىڭ مەبلەغ قىيىنچىلىقىنى ياخشى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
مەنبە: نۇر تورى |
|