- تىزىملاتقان
- 2008-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4486
- نادىر
- 1
- يازما
- 4486
|
بۈگۈن 2013-يىللىق TOSHIBA جۇڭگۇ ئۇيۇشما لوڭقىسىغا چەك تارتىلدى. بۇ مۇسابىقە 3-ئاينىڭ 31-كۈنى باشلايدۇ. بۇ يىللىق پۇتبولچىلار جەمئىيتى لوڭقىسى قاتنىشىدىغان كوماندىلار 48 بولۇپ، جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى، جۇڭگۇ A بىرلەشمىسىدىكى 32كوماندىدىن باشقا جۇڭگۇ B بىرلەشمىسىدىن 8كوماندا، قالغان 8كوماندىلار بولسا ئىشتىن سىرتقى تەشكىللەنگەن كوماندىلار.
مۇسابىقە 3-ئاينىڭ 31-كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ياكى 30-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ. (ئەگەر جۇڭچاۋدىكى كوماندىلار ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقنىڭ ھەل قىلغۇچقا كېرەلمىسە يۇقىرىدىكى ۋاقىت كۈچكە ئىگە). چىمپىئون بولغان كوماندا ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.
ھەممىىز تەققازا بولىۋاتقان دىيارىمىز تاشئالما كوماندىسىنىڭ رەقىبى چىڭداۋنىڭ جىياجۇكەي كوماندىسى. 胶州安基
شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۆز مەيدانىدا جىياجۇكەي كوماندىسى بىلەن 1-ئايلانما شاللاش مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ. غەلبە قىلغان كوماندا 2-ئايلانمىغا قەدەم قويىدۇ!
ئۇندىن باشقا 3-ئايلانما چەك تارتىشتا گۇاڭجۇ فۇلى، داليەن ئاربېن، شەندۇڭ لۇنېڭ، چاڭچۈن ياتەي، لىياۋنىڭ خۈيۈن، تىيەنجىن تەيدا، جىياڭسۇ پۇتىيەن، گۈيجۇ رېنخى قاتارلىقلار ئالدىنقى رايۇن. كېينكى رايۇندىكى گۇاڭجۇ خېڭدا، بېيجىڭ گوئەن، شاڭخەي شېنخۇا، شاڭخەي جىياپىن، شاڭخەي شاڭخاڭ، خاڭجۇ لۈچىڭ، ۋۇخەن، چىڭداۋ جۇنىڭ قاتارلىقلار بولۇپ ھالاكەت رايۇنىنى شەكىللەندۈرگەن. |
-
|